ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  ئەدەبىيات  »  كۆڭۈلدىكى سۆز

تورغا زىيادە تايىنىۋالمايلى

ۋاقتى : 2014-04-16  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئابدۇللاكۆرۈلىشى : قېتىم

 لى خۇڭ


    ھەممىلا يەرنى قاپلىغان تور بىزنى دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى تۈرلۈك ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلىش بىلەن بىللە، يىراقتىكى ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىمىز بىلەن بولغان ئارىلىقىمىزنىمۇ يېقىنلاشتۇردى. بولۇپمۇ، غېرىپسىنغان، ئىچىڭىز پۇشقان ۋاقىتتا، تور رەڭدار مەزمۇنلىرى ئارقىلىق سىزگە مەنىۋى زوق ئاتا قىلىدۇ... دەل شۇ سەۋەبتىن ھەممە كىشى توردىن ئايرىلالمايدىغان ھالغا يەتتى، تور شەخسنىڭ يان تېلېفون، كومپيۇتېرلىرى بىلەن بىرلىشىپ، تۇرمۇشىمىزغا مول مەزمۇنلارنى قوشتى.
    ئەمما تور دۇنياسىغا مەپتۇن بولۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن تورغا باغلىنىپ قالغان ۋاقتىمىزدا، تور سىرتىدىكى دۇنيانىڭمۇ ئوخشاشلا رەڭدار ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمىز.
    ئويلاپ باقساق، تور يوق چاغدا بوش ۋاقتىمىزنى كىتاب ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزەتتۇق؛ تور يوق چاغدا، دىققەت نەزەرىمىزنى جانلىق تەبىئەتكە ياكى دالىغا ئاغدۇرۇپ، سىرتلارغا چىقاتتۇق؛ تور يوق چاغدا، تىنچ ئولتۇرۇپ ئۆيدىكىلەر، دوستلار بىلەن سىردىشىپ، مۇڭدىشىپ، مېھىر – مۇھەببەتتىن بەھرىلىنەتتۇق.
    تور بىزنى نېمىلەردىن يىراقلاشتۇردى؟
    تور بالىلارنى تەڭتۇشلىرى بىلەن بىللە ئويناپ، بىللە خۇشال بولىدىغان ۋاقىتتىن، پۇرسەتتىن مەھرۇم قىلدى. تەتىللەردە بالىلار كۆپ قىسىم ۋاقتىنى بىلىپ – بىلمەي تورغا سەرپ قىلىۋاتىدۇ، ئۇلار دوستلىرى بىلەن ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل ئولتۇرۇپ ئەمەس، بەلكى توردىكى مەۋھۇم دۇنيادا پاراڭلىشىدۇ، تور ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.
    تور بىزنى مەنىۋى تۇرمۇشتىن بەھرىلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلدى. ئەتراپقا نەزەر سالساق، ئىلگىرىكى كوچا دوقمۇشلىرى، ئاۋات رەستىلەر، ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدىكى گېزىت – ژۇرنال بوتكىلىرىنى تاپقىلى بولمايدۇ. مەن مۇشۇ ئىش توغرىسىدا بىرەيلەننى زىيارەت قىلسام، ئۇ: گېزىت – ژۇرناللارنىڭ بازىرى بولمىغاچقا، گېزىت – ژۇرنال ساتمايدىغان بولدۇق، دېدى.
    تور بىزنى باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلدى. يان تېلېفونغا باشچىلاپ بېرىلىپ كەتكەنلەر ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە گەپ قىلىشقا، ئەتراپىدا قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە ئېتىبار قىلمايدىغان بولۇپ قالدى.
    تور بىزگە بەزى نەرسىلەرنى ئاتا قىلىش بىلەن بىللە، بىزنى كۆپ نەرسىلەردىن مەھرۇم قىلدى. بۇنداق دېگەنلىك تورنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئىنكار قىلغانلىق ئەمەس. دەۋر ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، توردىن پايدىلىنىپ بىلىم ئىگىلەش، نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىش، تېخىمۇ كۆپ دوستلار بىلەن تونۇشۇش ئەلۋەتتە مۇھىم. ئەمما تور بىلەنلا بولۇپ كېتىپ ئەتىراپىمىزدىكى مەنزىرىلەرگە سەل قارىمايلى، تور سەۋەبلىك قەدىرلەشكە تېگىشلىك تۇرمۇشىمىزنى يوقىتىپ قويمايلى.
    تورغا زىيادە تايىنىۋېلىش ھالىتىدىن قانداق قۇتۇلۇش كېرەك؟ بۇ ھەر بىرىمىزنىڭ ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا