تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئانارخان»دا، ئانارخان بىلەن بىر مەزگىل مۇھەببەت سەرگۈزۈشتىسىنى باشتىن كەچۈرگەن قۇرباننىڭ كېلىشكەن قىياپىتى نۇرغۇن تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلدى.
24-ئاپرېل، بۇ فىلىمنىڭ تۈنجى كۆرسىتىلىش ئاخبارت ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا قارا كاستيوم كىيگەن ئابلىكىم ئابلەت كۆپلىگەن مەستانىلىرى بىلەن بىرگە سۈرەتكە چۈشتى. ئابلىكىم ئابلەت قارامايلىق بولۇپ، ئاتا ـ ئانىسى نىفىتلىكتىكى ئادەتتىكى ئىشىچى، 2010-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتى ئاكتىيۇرلۇق فاكۇلتېتىنىڭ فىلىم ۋە تېلېۋىزىيە دىراما كەسپىگە ئۆتكەن. «ئانارخان» ئۇ تۇنجى قېتىم رول ئالغان فىلىم. شۇ كۈنكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن مۇخبىرلار ئۇنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى.
مۇخبىر: ئەينى ۋاقىتتا رېژىسسور قانداق قىلىپ سىزنى تاللاپ قالدى؟
ئابلىكىم: رېژىسسور مېنىڭ بەرگەن تەسىرىم ۋە قىياپىتىم قارىماققا ئۇ تاپماقچى بولغان «قۇربان»غا ئوخشايدىغانلىقىنى ئېيتتى. سىناق تەرىقىسىدە كۆرۈنۈشكە ئالغاندا، رېژىسسور ماڭا قۇرباننىڭ ئوبرازىنى تەسۋىرلەپ بېرىپ قىسقا بىر بۆلەك رولنى ئېلىشقا بۇيرىدى. رېژسسورنىڭ تەلىپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مەن رېژسسورنىڭ نېمىنى تەلەپ قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلدىم. مەن مەخسۇس مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل ئۆگەنگەن، مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ تەييارلىق سىنىپدىكى ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاكتىيۇرلۇقنى تېخى ئۈگەنمىگەن ئىدىم. ھازىر ئويلاپ باقسام ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسنىڭ بىر ئورتاق نۇقتىسى بار ئىكەن. بۇنى ھەقىقىي چۈشەنگەنسىڭىزلا ئاندىن ھەقىقىي ئىپادىلەپ چىقالايدىكەنسىز.
مۇخبىر: بۇ تىياتىر شىنجاڭنىڭ ئازاد قىلىنىشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان، سىز بۇنىڭغا قانداق تەييارلىقلارنى ئېلىپ باردىڭىز؟
ئابلىكىم: مەن كىچىكىمدىلا «ئانارخان» فىلىمىنى كۆرگەن. مەن فىلىم گۇرۇپپىسىغا بارغاندىن كېيىن، رېژسسور بىزگە يېزىغا بېرىپ تۇرمۇش ئۆگىنىشىمىزنى ئېيتتى. بىز تۇرپاندا ئىككى ھەپتە تۇردۇق، ئاشۇر دەۋرلەرنىڭ شاھىدى بولغان بىر قىسىم بوۋايلار بىلەن بىللا بولدۇق، ئەمگەك قىلدۇق، پاراڭلاشتۇق بۇ جەرياندا ئاستا ـ ئاستا ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىردۇق. ئۇنىڭدىن باشقا، مەن قەشقەر سەنئەت مەكتىپىدە ئىككى يىل مىللىي چالغۇ ئۆگەنگەن، بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان مەدەنىيەت ئامىللىرىنى ئۆزلەشتۈردۇم. شۇڭا مەن رول ئېلىش جەريانىدا، رېژسسورنىڭ يېتەكلىشى بىلەن، قۇرباننىڭ رولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالدىم.
مۇخبىر: بۇ فىلىمنى سۈرەتكە ئالغاندا، قايسى ئىش ئەڭ قىيىن كەلدى
ئابلىكىم: قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى، ئۇ ۋاقىتتا گەرچە مەن مەركىزىي تىياتىر ئىنسىتىتۇتىغا ئۆتكەن بولساممۇ، تەييارلىق سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كەسپىي كەسپىي ئاكتىيۇرلۇقنى تېخى ئۆگەنمىگەن ئىدىم. بىردىنلا ئەر باش پىرسوناژنىڭ رولىنى ئېلىپ، باشقا ئەمەلىي كۈچى بار ئارتىسلار بىلەن رولغا چىققاندا كۈچلۈك بېسىم ھېس قىلدىم. بىراق، ئۇلار ماڭا نۇرغۇن ياردەم بەردى ۋە رىغبەتلەندۈردى، ھەر بىر سۈرەتكە ئېلىش باشلىنىش ئالدىدا ئۇلار مەن بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى. فىلىم ئېلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇستازىم دىېسەم بولىدۇ.
مۇخبىر: فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا ئاپىڭىز تۈگەپ كېتىپتۇ، بۇنىڭ سىزگە بولغان تەسىرى ھەقىقەتەن چوڭغۇ دەيمەن؟
ئابلىكىم: شۇنداق، بىر بالىغا بولۇپمۇ ئوغۇل بالىغان نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئانا ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخس، ئۇ ماڭا بۈگۈنكى بۇ نەتىجىلەرنى بەرگەن. ئۇ مېنى سەنئەت مەكتىپىدە ئوقۇتقان، ماڭا ناخشا ئېيتىشنى، مىللىي چالغۇلارنى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرغان، مېنىڭ مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىغا ئىمتىھان بېرىشىمنى قوللىغان، بىراق مەن رول ئېلىۋاتقاندا، ئاپام كۆز يۇمدى.بۇ فىلىم ئىككى يىل سۈرەتكە ئېلىندى، بۇ مەزگىلدە، مەن ھەر قېتىم رېژسسور ياكى فىلىم گۇرۇپپىسىدىكى كىشىلەرنى كۆرگەن ۋاقتىمدا دائىم «بىزنىڭ فىلىمىمىز قاچان قويۇلىدۇ؟» دەپ سورىدۇم، مەن بۇ فىلىمنى ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوست ـ بۇرادەرلىرىم تېزرەك كۆرسىكەن دەپ ئارزۇ قىلاتتىم.
مۇخبىر: فىلىم گۇرۇپپىسىدا سىزنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگىنى نېمە؟
ئابلىكىم: مېنى ئەڭ تەسىرلەندۈرگىنى فىلىم گۇرۇپپىسىدىكى ئارتىسلار ئارىسىدىكى چوڭقۇر ھېسسىيات. رېژسسورمۇ خۇددى مېنىڭ ئانامغا ئوخشاش، ماڭا قانداق رول ئېلىشنى ئۈگەتتى. بىر كۆرۈنۈشتە ياخشى رول ئالالماي قالسام، قايتىدىن 10 نەچچە قېتىم ئالغاندىمۇ ئاچچىقلانمىدى. ئۇ ئەزەلدىن مېنىڭ رولغا كىرىشىپ كېتەلمىگەنلىكىمدىن ئاچچىقلانمىدى، مەندىن ئازراقمۇ ئۈمىدسىزلەنمىدى.
مۇخبىر: بۇ فىلىم سۈرەتكە ئېلىنىپ بولغاندىن كېيىن سىز نېمىلەرگە ئېرىشتىڭىز؟
ئابلىكىم: بۇ فىلىمدا رول ئالغاندىن كېيىن مەن يىلتىزىمنى تىپىۋالغاندەك بولدۇم، بىر ئادەمنىڭ يىلتىزى بولغاندىلا تېخىمۇ ئېگىز ئۆسەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقام مەن يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى ئۈگەندىم. ئىلگىرى مەن ناھايىتى ئىچ مىجەز بولۇپ، باشقىلا بىلەن بولغان ئالاقىگە ماھىر ئەمەس ئىدىم، بۇ فىلىم سۈرەتكە ئىلىنىپ بولغاندىن كېيىن مەندە زور ئىلگىرىلەش بولدى، باشقىلار بىلەن ئەركىن ـ ئازادە ئالاقە قىلالايدىغان بولدۇم، ئەتراپىمدا دوستلىرىممۇ كۆپەيدى، مەن ئىنتايىن خوش بولدۇم.
مۇخبىر: ئىككى يىلىن كېيىن بۇ فىلىمنى كۆرۈپ ئۆزىڭىزگە قانداق باھا بەردىڭىز؟
ئابلىكىم: فىلىمنى سۈرەتكە ئالغاندا، مەن ئاكتىيۇرلۇق دەرىسىنى ئۆگەنمىگەن ئىدىم، شۇڭا ماھارەت ۋە ئۆزۈمنى بېزەشنى ئۇقمايتتىم، پەقەتلا ئۆزۈمنىڭ سىزىمىگە ئاساسەن رول ئالاتتىم. مەن ھازىر مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىككىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى، ئەگەر ماڭا شۇ چاغدىكى ئۆزۈمگە نۆمۇر قويسام 60 نومۇر قۇيىمەن. ئوقۇتقۇچىمىز ئىلگىرى: ئارتسنىڭ بىر ئۆمۈر رول ئېلىشى ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشى. ئەڭ ياخشى ئارتىس بولسىمۇ، فىلىمنى كۆرگەندە ھەممىسى «ئەسلى بۇ يەرنى مۇنداق بىر تەرەپ قىلغان بولسام تېخىمۇ ياخشى بۇلار ئىكەندۇق ....» دەيدۇ.