تېڭشۈن تورى 23-فېۋرال خەۋىرى: ئالما شىركىتىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى ستېۋ جوبس (Steve Jobs) ئالەمدىن ئۆتكىلى 4 يىلغا يېقىن بولدى، ئەمما ئۇ يەنىلا زامانىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ مەبۇدى، شۇنداقلا پەن-تېخنىكا خىيالپەرەسلىرىنىڭ ئالتۇن مېدال نەمۇنىسى بولماقتا. ئالما شىركىتىنىڭ سابىق CEOسى جون سكۇللېي (John Sculley) ئۆزىنىڭ «ئايغا چىقىش» (Moonshot) ناملىق يېڭى كىتابىدا بۇنىڭغا قارىتا كۆز-قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەن.
سكۇللېي دۇنيادا ئۆزىنى جوبسنىڭ غوجايىنى دىيەلەيدىغان كىشىلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئادەمنىڭ ئىسىدىن چىقمىغۇدەك قىلغان ئىشى بولسا جوبسنى ئىشتىن بوشىتىشىدىن ئىبارەت. سكۇللېي يېڭى كىتابىغا خىزمەتدىشى ستېۋ جوبس توغرىلىق مۇنداق يازغان: «ستېۋ جوبس ئىنژېنېر ئەمەس، ئۇ پەقەت كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان خىزمەت بىلەن شوغۇللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيدۇ، ئاندىن بۇ كىچىك نۇقتىلارنى ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرالايدۇ».
ئۇنىڭ مىسال ئېلىپ چۈشەندۈرۈشىچە، جوبس Mac كومپيۇتېرىغا ھۆسن خەت شەكلىنى قوشقان، بۇنى ئۆزى قۇرغان ھۆججەتنى تارقىتىدىغان قورال قىلىپ، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا Mac ئۈچۈن يېڭى بازارنى ئېچىپ بەرگەن. سكۇللېي چۈشەندۈرۈپ: «ئەينى چاغدا ھېچكىم بۇنداق قىلىپ باقمىغان» دېگەن.
ئېنىقكى بۇ دۇنيانى كۆزىتىشكە ئېھتىياجلىق بولۇپ، يېتەرسىز تەرەپلەرنى تېپىپ چىقىش كېرەك، ئاندىن ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارسا دەل ۋاقتىدا بۇ بوشلۇقنى تولدۇرالايدۇ، بۇ مۇتلەق ئاسان ئىش ئەمەس، ئۇنداق بولمىسا ھەممە ئادەم جوبس بولىدۇ.
سكۇللېي يەنە بۇ نۇقتىنىمۇ ئېتراپ قىلدى. ئۇ Business Insiderنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «ستېۋ جوبس ئىزچىل ھەممدىن ئۈستۈن تالانتقا ئىگە بولۇپ كەلدى، ئۇ 15 يىلدىن كېيىن كىشىلەرنىڭ كۆرگىنىدەك غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى» دېدى.
ئەلۋەتتە، بەزىلەر باشقىلارنىڭمۇ جوبسقا ئوخشاش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتى بار، دەپ قارايدۇ. يېڭىلىق يارىتىش مەسلىھەتچىسى فىل مەكىننېي (Phil McKinney) ئۆزىنىڭ يېڭى كىتابى «Beyond The Obvious»دا باسقۇچلارغا بۆلۈپ ئەمەلگە ئاشۇرۇش پىلانىنى تونۇشتۇرغان.
كىتابتا چۈشەندۈرىشىچە، ئادەم ئۆزىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرىنى ياراتماقچى بولسا تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىشنى قىلىشى كېرەك ئىكەن. بۇلار ئادەت ھەرىكەتلىرىنى ئۆزگەرتىش، قەرەللىك ھالدا كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىنى ئېلىش، يېتەرلىك بولمىغان بايلىقتىن ۋاز كېچىش (مەبلەغ، ۋاقىت، تالانت، ئادەم كۈچى قاتارلىقلار) ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئارزۇ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەرجىمىدە: لوقمان