مەن گېرمانىيە فىرانكفورتتىن شاڭخەيگە ئۇچقان ئايروپىلاندا ئولتۇراتتىم. ئارام ئالىدىغان ۋاقىت بولۇپ ئايروپىلان بۆلمىسىنىڭ چىرىغى ئۆچۈرۈلگەندە، مەن تازىلىق ئۆيىگە بېرىش ئۈچۈن ئورنۇمدىن تۇردۇم. تازىلىق ئۆيى مەن ئولتۇرغان ئورۇنغا يىراق بولغاچقا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. تازىلىق ئۆيىگە يېتىپ بارغۇچە مەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ iPad ئويناپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى جۇڭگولۇقلار بولۇپ، بەزىلىرى ئويۇن ئوينىسا، بەزىلىرى كىنو كۆرىۋاتقان، ئارىسىدا كىتاب ئوقۇۋاتقان بىرەرىمۇ يوق ئىدى.
بۇ كۆرۈنۈش ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى. ئەسلى فىرانكفورت ئايرودورومىدا ئايروپىلان ساقلاۋاتقاندىلا مەن نۇرغۇن گېرمانىيىلىك يولۇچىلارنىڭ بىر قولىدا قەھۋە، يەنە بىر قولىدا گېزىت، كىتاب ياكى ئېلېكترونلۇق كىتاب ئوقۇغۇچ، خاتىرە كومپىيۇتېر كۆتۈرىۋېلىپ جىمجىت ئولتۇرۇپ ئوقۇۋاتقانلىقىنى، خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم. گەرچە جۇڭگولۇق يولۇچىلار ئىچىدىمۇ كىتاب ئوقۇۋاتقان، خىزمەت قىلىۋاتقانلار بار بولسىمۇ، ئەمما تولىمۇ ئازبولۇپ، كۆپىنچە جۇڭگولۇق يولۇچىلار مال سېتىۋېلىش بىلەن، يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىشىش بىلەن، باھا سېلىشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى.
جۇڭگو — دۇنيادىكى ئۇزۇن يىللىق كىتاب ئوقۇش ئەنئەنىسىگە ئىگە دۆلەت. ئەمما ھازىرقى جۇڭگولۇقلارنىڭ جىمجىت ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇشقا رايى يوقتەك قىلاتتى. بىر قېتىم مەن فىرانسىيەلىك دوستۇم بىلەن خوڭچياۋ ۋوگزالىغا باردىم. جۇڭگوغا تۇنجى قېتىم كەلگەن بۇ دوستۇم تۇيۇقسىز مەندىن:«نېمىشقا جۇڭگولۇقلارنىڭ ھەممىسى تېلېفون سۆزلىشىدۇ ياكى تېلېفون ئوينايدۇ؟ ھېچكىم كىتاب ئوقۇمايدۇ؟» دەپ سورىدى.
مەن قارىسام راست شۇنداق، كىشىلەر يا تېلېفون سۆزلىشىۋاتقان (يۇقىرى ئاۋازدا)، يا بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئۇچۇر يوللاۋاتقان، مىكرو بىلوگ ياكى ئويۇن ئويناۋاتقان ئىكەن. مەيلى قانداقلا ئالدىراش بولسۇن، ئۇلاردا جىمجىتلىقتىن كېلىدىغان رازىمەنلىكنى كۆرگىلى بولمايتتى.
ھازىر ياۋروپانىڭ پويېز سۈرىتى جۇڭگونىڭكىدەك تېز ئەمەس، ۋوگزالنىڭ زامانىۋىلىشىش دەرىجىسىمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرمايدۇ. ئەمما يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەر پويېز ساقلاش ۋاقتىنى كىتاب ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. تېلېفون سۆزلەشسىمۇ ئەتراپىدىكى كىتاب ئوقۇۋاتقانلارغا دەخل يەتكۈزۈشتىن ئەنسىرەپ تۆۋەن ئاۋازدا گەپ قىلىدۇ.
ئەلۋەتتە، جۇڭگولۇقلارمۇ ئوقۇشتىن مۇستەسنا ئەمەس. نۇرغۇن ياشلار ئون مىنۇتتا بىر قېتىم دېگۈدەك ئۈندىدار ۋە مىكرو بىلوگىنى سىيرىپ كۆرۈپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشىدۇ. ئەمما ئۈندىدار ۋە مىكرو بىلوگدىن كەلگەن ئۇچۇرلار كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق كېتىۋەرسە كېيىنكى ئەۋلادلار پەقەت كىچىك ھەجىمدىكى ئۇچۇرلارنىلا ئوقۇيالايدىغان، تور تىلىنىلا ئىشلىتەلەيدىغان بولۇپ قالارمۇ؟
ھەقىقىي ئوقۇش — ئەتراپتىكى ئىشلارنى ئۇنتۇغان ھالدا ئاپتور ھاسىل قىلغان دۇنيادا، ئاپتور بىلەن بىللە خۇشال بولۇش، ئازابلىنىش، ئاچچىقلىنىش، تىنچلىنىشتۇر، ئۇنىڭ ئورنىنى ھېچنەرسە ئىگىلىيەلمەيدۇ.
ئەلۋەتتە، تورنىڭ كىتاب ئوقۇشقا بولغان ھۇجۇمى پەقەت جۇڭگودىلا بولغان ئەمەس، بۇ بىر يەرشارىلاشقان ھادىسە. ئەمما كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن كىشىلەرنىڭ جۇڭگو نوپۇسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ھەقىقەتەن تولىمۇ تۆۋەن.
بەلكىم بىز تېخى تەرەققى قىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان دۆلەتنى بۇنداق ئەيىبلىسەك ئاشۇرىۋەتكەن بولارمىز، ئەمما مەن روھىيىتىمىزدىن يىراقلاشقانلىقىمىز ئۈچۈن كەلگۈسىدە بەدەل تۆلەپ قېلىشىمىزدىن ئەنسىرەيمەن.
مەن ئويلايمەن، بۈگۈنكى جۇڭگودا ئۆزى يالغۇز بولسىمۇ غېرىبلىق ھېس قىلمايدىغان، يەنە بىر ئۆزى بىلەن، يەنى روھىيىتى بىلەن دېئالوگلىشالايدىغان كىشىلەر ئىنتايىن كەمچىل. تۇرمۇش كىشىنى چارچىتىدۇ، شۇڭا بىز «تېلېفوننى ئېتىۋېتىپ»، روھىيىتىمىزنى ئوقۇش، ئويلاش، يېزىقچىلىق قىلىش، خىيال سۈرۈشكە سېلىشقا موھتاج. شۇندىلا روھىيىتىمىزنى تاكاممۇللاشتۇرغىلى بولىدۇ.