ھىمالايا تېغىنىڭ چوڭقۇر جىلغىسىدا، دۇنيا بويىچە ئەڭ ساغلام مىللەت-خۇنزا مىللىتى توپلىشىپ ياشايدۇ. بۇ مىللەتنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 60 مىڭچە بار، ئۇلار سىرتقى دۇنيادىن ئايرىلغان بولۇپ، كۈننىڭ چىقىشى بىلەن ئىشلەش، پېتىشى بىلەن ئۇخلاش دېگەندەك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئۇلار گۆشسىز يېمەكلىكلەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، گۆشنى ئىنتايىن ئاز يەيدۇ، دائىم قوي سۈتى ۋە ئۆرۈك مېغىزى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، مۇز دەريانىڭ ئېرىگەن سۈيىنى ئىچىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ساغلام بولۇپ، ئوتتۇرىچە ئۆمرى 100 ياشتىن ئاشىدۇ. بىيولوگلارنىڭ تەتقىقاتىدا ئىپادىلىنىشىچە، خۇنزا مىللىتىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنىڭ سىرى دەل ئۇلارنىڭ پۈتۈنلەي ھېچقانداق بۇلغانمىغان تەبىئىي ۋىتامىن ئىستېمال قىلىدىغانلىقىدا ئىكەن.