ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  ئەدەبىيات  »  كۆڭۈلدىكى سۆز

مەغلۇپ بۇلۇشىنىڭ سىرىنى بىلەمسىز

ۋاقتى : 2014-05-02  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراقكۆرۈلىشى : قېتىم

تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئىنىق نىشانى بولماسلىق : كۈرەش نىشانى ياكى تىرىشچانلىق يۈنۈلىشى ئىنىق بولمىغان ئادەمنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتىن ئۈمۈت كۈتكىلى بولمايدۇ.

يۈكسەك ئىرادە ۋە جاسارەت كەمچىل بۇلۇش: كىشىلىك ھاياتتا ئالغا ئىنتىلىشنى خالىمايدىغان، ھەر قانداق ئىشقا پەرۋاسىز قارايدىغان ئادەملەر مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمايدۇ.

تەربىيە ئىلىشى ئەتراپلىق بولماسلىق: ھاسىلات ئۆزىڭىز بىلگەن نەرسىدىن كىلىدۇ. بىراق ئەڭ مۇھىمى ئاشۇ بىلگەن نەرسىلىرىڭىزنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاشتىن ئىبارەتتۇر.

ئۆزىنى كونتۇرۇل قىلىلماسلىق: بۇ ،ئۆزىدىكى ھەرقانداق پاسسىپ ئىدىيىنى كونتۇرۇل قىلىش ،دىمەكلىكتۇر.

بالىلىق چاغلىرىدا ناچار مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراش: كونىلار؛كۈچەتكە تىرەك قويمىسا قىڭغىر ئۈسىدۇ، مايسا كۆكىدىن مەلۇم بولىدۇ، دىگەندەك مۇۋاپىققىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇپ بۇلۇش بالىلىق چاغدىكى مۇھىتقا باغلىق بولىدۇ.

ئىزىلەڭگۈلۈك قىلىش: بىر قىسىم كىشىلەر مەغلۇبىيەتكە يولۇقسا بەل قويىۋىتىدۇ -دە، ئەمدى مىنىڭ چىقىش يۇلۇم قالمىدى، تەغدىرىم مۇشۇنداق ئوخشايدۇ، تىرىشقىنىم بىلەنمۇ بىكار،دەپ قارايدۇ. ئەمما ئىرادىسى كۈچلۈك كىشىلەر مەغلۇبىيەتنىڭ چىكىنگىنىنى كۆرىدۇ، مەغلۇبىيەت كۈچلۈك ئىرادىگە تەڭ كىلەلمەيدۇ.

پاسسىپ خاراكتىر: بۇنداق خاراكتىردىكى كىشزىلەرنىڭ مۇۋاپىققىيەت قازىنىشتىنئۈمۈد كۈتكىلى بولمايدۇ.

ئىشلىمەي چىشلەشكە ئىنتىلىش: بۇ خىل پۇرسەتپەرەزلىك خائىشى مۇقەررەر ھالدا مەغلۇبىيەتكە يۈزلەندۈرىدۇ.

كەسكىن بىر قارارغا كېلەلمەسلىك: غالىپلار ھەرقانداق ئىشتا كەسكىن تەدبىر قوللۇنىدۇ مەغلۇبىيەتچىلەر بولسا ئىككىلىنىپ تەدبىر بەلگىلەش ۋاقتىنى ئۈتكۈزۋىتىدۇ.

تەشۋىشلىنىش: جۆرىسىنى مۇۋاپىق تاللىماسلىق: بۇ مەغلۇبىيەتكە سەۋەپ بولىدىغا نئادەتتىكى ئامىللاردۇر.بەىىتسىزلىك بىلەن ئازاپ بولسا ،كىشىنىڭ جەسۇرلىقى ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ.

ھەددىدىن زىيادە ئېھتىياتچان بۇلۇش.

كەسپى ھەمراھنى مۇۋاپىق تاللىماسلىق.

كەسىپنى خاتا تاللاش: ئۆزى ياخشى كۆرمىگەن كەسىپتە مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش مۈمكىن ئەمەس،شۇڭا ھەركىم ئۆزى ياخشى كۆرگەن كەسىپنى تاللاپ پۈتۈن كۈچى بىلەن كىرىشىشى كېرەك.

شەخسىيەتچىلىك ۋە شۆھرەتپەرەزلىك.

مانا يۇقارقى ئامىللارنىڭ ھەممىسى مەغلۇپ بۇلۇشنىڭ ئاساسى سەۋەپلىرىدۇر.
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا