ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  كۆڭۈلدىكى سۆز

ياشلىق ـ ئەدەبىياتقا يۈز كېلەلىسۇن

ۋاقتى : 2013-12-24  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

 ياشلىق ياكى مۇھەببەتيېزىقچىلىقنىڭ كۈشەندىسى ئەمەس، چاكىنا تېمىمۇ ئەمەس. ئەكسىچە، نادىر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدىغان مۇنبەت تۇپراقتۇر.
   2000 – يىلىنىڭ ئالدى – كەينىدە ‹‹70 – يىللاردا تۇغۇلغان›› ۋە ‹‹80 – يىللاردا تۇغۇلغان›› ياش يازغۇچىلار توپ – توپ مەيدانغا چىقىپ، ‹‹ياشلىق ئەدەبىياتى››نى بىر مەھەل كۆز – كۆز قىلىپ، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنىدى. ئون نەچچە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ياشلىق ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىلىرى تەسەۋۋۇر قىلغاندەك زامانىمىزغا خاس نادىر ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرەلمىدى. بازارلىق كىتاب، مىكرو بىلوگ ئەزالار توپى، چولپان يازغۇچىلار، ھوسۇللۇق ئەدىبلەر قاتارىدا تىلغا ئالغۇدەك ئەسەرلەر بارلىققا كەلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن كىشى مەسىلىنىڭ نېگىزىنى ياشلىق تېمىسىغا قارىتىپ، ئىجتىمائىي كەچۈرمىشى ۋە رېئال كۆزىتىشى يېتەرسىز بولسا ياشلىق تېمىسىنى يارقىنلاشتۇرغىلى بولمايدۇ، نادىر ئەسەرلەرنى يازغىلى بولمايدۇ، دەپ قاراشتى. ھەتتا بەزى ياش يازغۇچىلار ياشلىق تېمىسىدىن رايى سوۋۇپ، ‹‹بۇ ئەدەبىياتنىڭ داغدام يولىغا تۇتىشىدىغان چىغىر يول ئەمەسكەن›› دېگەن يەكۈننى چىقىرىشتى.
   ئەمدى ئەدەبىيات تارىخىغا نەزەر سېلىپ باقايلى: 1774 – يىلى ساربۇشكى كىتاب يەرمەنكىسىدە ‹‹ياش ۋېرتىرنىڭ دەردى››دېگەن ئەسەر بىر كېچىدىلا پۈتۈن ياۋروپانىڭ كىتاب بازىرىنى ئىگىلەپ، ھەممە كىشى بىلىدىغان بازارلىق كىتابقا ئايلانغان ۋە بارا – بارا كىلاسسىك ئەدەبىيات قەسىرىدىن ئورۇن ئالغان. بۇ كىتابنىڭ مۇئەللىپى يوھان ۋولفگاڭ گيۇتې شۇ چاغدا ئەمدىلا 25 ياشقا كىرگەنىدى.
   بۈگۈنكى كۈندە بۇ كىلاسسىك ئەسەر ئۈستىدە توختالغىنىمىزدا، ‹‹بۇ ئەسەر شۇ دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقىنى چوڭقۇر ئېچىپ بەرگەن›› دېگەندەك تەرىپلەرنى قىلىمىز، لېكىن سەل ئويلىنىپراق ئانالىز قىلىدىغان بولساق، 25 ياشلىق گيۇتېنىڭ ئەينى زاماننىڭ ئىجتىمائىي رىئاللىقىنى ئۆز ئىجتىمائىي كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق چوڭقۇر ئېچىپ بېرەلىشى ئانچە ئەقىلگە سىغمايدۇ. شۇ دەۋردىكى ئەدەبىيات پىشىۋاسى شىللېر ۋېرتىرنىڭ تېراگىدىيەسىگە مۇنداق باھا بەرگەن: ‹‹ئادەم غايىگە قىزغىن ھېسسىياتى بىلەن ھېرىس بولغاندا، رېئاللىقتىن ھالقىغان چەكسىزلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ؛ تەبىئىتىدىكى مەڭگۈلۈك بۇزۇلغان نەرسىلەرنى ئەتراپىدىن ئىزدەيدۇ؛ ئارزۇسىنى بىردىنبىر رېئال نەرسە، تەجرىبىسىنى مەڭگۈلۈك ئاسارەت، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىر خىل ئاسارەت دەپ قاراپ، مۇتلەق رېئاللىققا چوڭقۇر شۇڭغۇش ئۈچۈن بۇنداق مەۋجۇتلۇقنى پاچاقلىۋېتىش كېرەك، دەپ قارايدۇ.›› بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شىللېرنىڭ نەزەر دائىرىسى ئەسەردىكى كىشىلەر تەڭ بەھرىمەن بولغان قويۇق، نازۇك ھېسسىياتتىنمۇ ھالقىپ كەتكەن. 25 ياشلىق گيۇتې جەمئىيەتنىڭ ئۇنچىۋالا جىق بوران – چاپقۇنلىرىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ باققانمۇ ئەمەس، دەۋر دولقۇنىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەنمۇ ئەمەس، لېكىن ئۇ تېيىز، شاۋقۇن – سۈرەنسىز ھايات ئىزنالىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، ياشلارغىلا خاس، ئەڭ ئىپتىدائىي، ئەڭ پاك ھېس – تۇيغۇلارنى تېپىپ چىققان. بۇ تۇيغۇلاردىن گۆدەكلىك ۋە ئالدىراڭغۇلۇق ھىدى پۇراپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن ھەممە كىشى ياشلىق چېغىدا بېشىدىن كەچۈرىدىغان ئۇنتۇلغۇسىز جەلپكارلىق ئەكس ئېتىپ، ياش ئوقۇرمەنلەردە ئوخشاش تۇيغۇ ھاسىل قىلغان. بەزى ئوقۇرمەنلەر ۋېرتىرغا ئوخشاش كىيىنگەن بولسا، بەزىلىرى ياشلىقىنى ۋېرتىرنى دوراپ ئۆتكۈزگەن، دەرد – قايغۇسىنى ۋېرتىرغا ئوخشاش تۆككەن. گيۇتېمۇ مۇنداق دېگەن: ‹‹ئامەت توسالغۇغا، پائالىيەت چەكلىمىگە، ئارزۇ كۆپۈككە ئايلىنىۋاتىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ قانداقتۇر بىر دەۋر ئالاھىدىلىكى بولماستىن، بەلكى ھەر بىر كىشى يولۇقىۋاتقان باش ئاغرىقى بولۇپ قالدى. ئەگەر ئادەم ھاياتىدا ‹‹ۋېرتىر››نى ماڭا ئوخشاش يېزىپتۇ دەيدىغان ئوي پەيدا قىلىدىغان كەچۈرمىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزمىسە، تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولغان بولىدۇ.››
   ياش گيۇتې بىلەن ياش ۋېرتىر ئەدەبىيات تارىخىدىكى بىردىنبىر مىسال ئەمەس. شىكىسپىر ‹‹رومىئو، جۇلىتتا›› دېگەن ئەسىرىنى 30 يېشىدا يازغان. بۇ ئەسەردە ئاقسۆڭەك قىز – يىگىتنىڭ تىراگېدىيەلىك مۇھەببىتى تەسۋىرلەنگەن؛ سايىنگېر ‹‹بۇغدايلىقتىكى قارانچۇق›› دېگەن ئەسىرىنى يازغاندا تېخى 30 ياشقىمۇ كىرمىگەن بولۇپ، ئامېرىكىدىكى چۈشكۈنلەشكەن بىر ئەۋلاد ياشلارنىڭ دەرد – ئازابىنى تەسۋىرلىگەن؛ گومورۇ ‹‹ئايال ئىلاھ››دېگەن ئەسىرىنى يازغاندا 30غىمۇ كىرمىگەن بولۇپ، جۇڭگودىكى بىر ئەۋلاد كۈرەشچان ياشلارنى تەسۋىرلىگەن؛ شېن سوڭۋىن ‹‹چېگرا شەھەر›› دېگەن ئەسىرىنى 31 يېشىدا يازغان. ياشلىق ياكى مۇھەببەت – ئەزەلدىن يېزىقچىلىقنىڭ كۈشەندىسى بولغان ئەمەس. ئەكسىچە، نادىر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدىغان مۇنبەت تۇپراق بولغان. ياش يازغۇچىلار دەل مۇشۇ مۇنبەت تۇپراقتىكى تۇغما تالانتىلىق يەر ئاغدۇرغۇچىلاردۇر. ياشلىق ئۇلارغا ئۆزگىچە ھېسسىيات ۋە نازۇك تۇيغۇلارنى، ‹‹چوڭلار›› ئاللىبۇرۇن مەھرۇم بولغان گۇمانلىق ھەم ساپ نەزەرلەرنى ئاتا قىلغان.
   ياشلىقتا گۇناھ يوق، ياشلىق ياكى مۇھەببەت ھەرگىزمۇ چاكىنا تېما ئەمەس. بۈگۈنكى كۈندىكى ياش يازغۇچىلار ئۆزىدىن مۇنۇلارنى سوراپ بېقىشى كېرەك: بازار سەۋەبىدىن تېڭىرقاپ قالدۇقمۇ؟ بىردەملىك ھاياجانغا ئەسىر بولۇپ قالدۇقمۇ؟ يېزىق ئۈستىدىكى تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشتە چىڭ تۇرالىدۇقمۇ – قانداق؟ يېزىقچىلىقنى مەنىۋىيىتىمىزگە سىڭدۈرەلىدۇقمۇ؟ ياش يازغۇچىلار مول كىشىلىك ھايات كەچمىشىنى بېشىدىن كەچۈرمىگەن بولىدۇ، ئۇلاردا ئەينى دەۋىرلەردىكىدەك ئەگرى – توقاي ۋەقە خام ماتېرىياللىرىمۇ يوق. گيۇتې ياراتقان ۋېرتىر دەل گيۇتېنىڭ ئۆزىدۇر. ئۇ مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدىغان مەجنۇنلۇق مۇھەببىتىدىكى ئىككى قېتىملىق ئازابىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئەدەبىيات گۈلزارىدىكى گۈللەرنى تىترەۋاتقان قوللىرى ئارقىلىق قىزغىنلىق بىلەن سۇغىرىپ، نۇرغۇنلىغان ‹‹ياشلار››نى ۋە ‹‹ياشلىق››تىن ئۆتۈپ كەتكەنلەرنى تەسىرلەندۈرگەن. بۈگۈنكى كۈندىكى ياش يازغۇچىلارغا ئىنچىكە نەزەر سېلىپ باقايلى: ئۇلاردىن نەچچىسى جىمجىت كېچىلەردە ئوپېراتسىيە پىچىقىنى ئۆزىنىڭ قورقۇنچ ۋە ھاياجانغا تولغان ئەزاسىغا تەگكۈزۈپ، ئەندىكىپ باققان – دەيسىز؟ ئەگەر بۇنداق قىلىشىنى خالىمىسا، بۇنىڭدىن كېيىن ھەرقانچە ئىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزسىمۇ ياكى خام ماتېرىيالنى تولۇق تاپقان بولسىمۇ ھېچقانداق نەرسە يازالمايدۇ، ياشلىق ئەدەبىياتىدىن سۆز ئاچقىلىمۇ بولمايدۇ. راستچىل، سەمىمىي، يازغۇچىنىڭ مەنىۋىيىتىدىن يۇغۇرۇلغان يېزىقچىلىق – ئۆزى ئۈستىدىكى ئىزدىنىش بولۇپلا قالماستىن، رېئاللىق بىلەن تەبىئىي بىرىكىپ، ئۇلۇغ، مەنىسى چوڭقۇر ئىجادىيەت باغچىسىغا بارىدىغان مۇساپىدۇر.
   ياشلىق ئىجادىيىتى تەبىئىتىدىنلا ناچار ئەمەس. ياشلىقنىڭ ئەدەبىياتقا يۈز كېلەلىشى ئۈچۈن، جۇڭگونىڭ ياش يازغۇچىلىرى ‹‹زېھنىنى تېخىمۇ كۆپرەك يىغىشى››، تېخىمۇ قىزغىنراق بولۇشى، تېخىمۇ جاسارەتلىك بولۇشى، ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىشى، يېزىقچىلىق ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى لازىم. ياش چەكلىمە بولالمايدۇ، سۇژىتمۇ كەم ئەمەس. ئەدەبىياتتىكى سىر يازغۇچىنىڭ بىر جۈپ كۆزىدە، قەلىمىدە ۋە يۈرىكىدە.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا