ئېينىشتىيىن كىچىك ۋاقتىدا قانداق نەرسىلەرنى يېگەچكە بۇنداق ئەقىللىقدۇ؟ ئېينىشتىيىننىڭ ئەۋرىسىنىڭ ۋۇخەنگە كېلىش خەۋىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار تاقەتسىزلىك بىلەن مۇشۇ سۇئالنىڭ جاۋابى توغرىسىدا ھاۋالە قىلغان. ئىينىشتىيىننىڭ ئەۋرىسى كۈلۈپ تۇرۇپ:«مۇھەببەت بولسا ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتىگە بەرگەن ئەڭ ياخشى يېمەكلىكىدۇر» دېگەن. ئېينىشتىيىن نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى تۇرغۇزغۇچى، نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىدۇر. 1999-يىلى ئامېرىكا «دەۋر ژۇرنىلى»دا «ئەسىر ئەربابى»دەپ تەرىپلەنگەن.
ئېينىشتىيىن تۇغۇلغان ۋاقتىدا چوڭ مېڭىسى ئادەتتىن تاشقىرى چوڭ، بېشىنىڭ سۆڭىكى ئۇچلۇق بولۇپ تۇغۇلغان، ئۈچ ياشقا كىرگەنگە قەدەر تىلى چىقمىغان، ئاتا-ئانىسى بۇ ھالدىن ناھايىتىمۇ ئەندىشە قىلغان. شۇنداق تەقدىردىمۇ ئۇلار ئۈمىدسىزلەنمىگەن، بەل قويۇۋەتمىگەن، بولۇپمۇ ئانىسى بارلىق مۇھەببىتىنى ھەسسىلەپ ئاتا قىلغان ھالدا ئېينىشتىيىننى ناھايىتى ياخشى ئائىلە تەربىيىسى بىلەن تەربىيلىگەن. داڭلىق ئالىمنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن، ئەۋرىسى پائۇلمۇ داڭلىق فىزىكا ئالىمى بولۇپ چىقامدىغاندۇ؟ ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ خۇددى جۇڭگو ئاتا-ئانىلىرىدەك پەرزەنتىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى بوۋىسىدەك فىزىكا ئالىمى بولۇپ چىقىشقا مەجبۇرلىمىغىنى بىلەن ئادۋوكات بولۇشقا ئۈندەيدىكەن، لېكىن پائۇل ئۆز ئارزۇسى بويىچە مۇزىكانت بولۇشنى تاللىغان. شىۋىتسارىيەنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسى بىلەن بېرن تارىخ مۇزىيخانىسى ئېلىپ كەلگەن «ئېينىشتىيىن» كۆرگەزمىسى ئېينىشتىيىننىڭ چوقۇنغۇچىلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان، چۈنكى ئۇلار مۇشۇ قېتىملىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تەجرىبە توپلاشنى مەقسەت قىلغان. بىراق پائول ئېينىشتىيىن توغرىسىدىكى ئەسەرلىرىنى ئەمەس بەلكى پائول ئۆزى ئىجاد قىلغان ھەمدە بېتخوۋېن قاتارلىق داڭلىق مۇزىكانتلار تەڭكەش قىلغان بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئارزۇسىغا يېتىشىگە ئائىت ھېكايىنىڭ بالىلار مۇزىكا دراممىسىنى ئېلىپ كەلدى. پائول: «ئاتا-ئانىلار ئۆز ئارزۇسى بويىچە پەرزەنتلىرىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىماستىن بەلكى ئۆز پەرزەنتىنىڭ نېمىگە ئەڭ قىزىقىدىغانلىقىغا ھەمدە قانداق ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى تونۇپ يېتىپ پەرزەنتىگە نىشان تىكلەپ بېرەلىشى كېرەك. » دەپ قارايدىكەن. پائولنى ئاشۇ قېتىم جەمەتىنىڭ تەربىيلەشكە ئائىت سىرىنى ئاشكارىلاپ بەردى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئېينىشتىيىن جەمەتىدە بالىلىرىغا مەلۇم بىر خىل مۇزىكا چېلىشنى تەلەپ قىلىدىكەن. ئېينىشتىيىنمۇ مۇنەۋۋەر ئىسكىرىپكىچى بولۇپ مۇزات،باخنىڭكىدەك كلاسسىك مۇزىكىلارنى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىكەن، يالغۇزلۇق ھېس قىلغان ۋاقىتلىرىدا مۇزىكانت دوستلىرىنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ بىللە تەڭكەش قىلىدىكەن.
قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئېينىشتىيىن جەمەتىدىكى بالىلارنىڭ چوقۇم ئۆگىنىدىغان دەرسلىكى بولۇپ، پائولنىڭ دادىسى بىلەن دوستلىرىنىڭ ھەممىسى زېھىن ئاچىدىغان ئويۇنلارنى ئويناش ئۇستىلىرى ئىكەن. پائۇلنىڭ قارىشىچە بۇ خىلل ئويۇنلار بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئېچىشقا زور پايدىسى بار ئىكەن. ئېينىشتىيىن جەمەتى يەنە بالىلىرىنىڭ دېڭىز سەپىرى قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن. ئېينىشتىيىنمۇ دېڭىز سەپىرى ھەۋەسكارى ئىكەن. پائولنىڭ دېيىشىچە،ئېينىشتىيىن قىيىنچىلىقنى بويسۇندۇرۇشنى ياخشى كۆرىدىكەن، شۇڭا شامالسىز،تۇمانلىق كۈنلەردە دېڭىز سەپىرى قىلىدىكەن. سۇ ئۈزۈلمەيدىكەنيۇ جىددىي قۇتقۇزۇش كىيىمىنى كىيىشنى خالىمايدىكەن، تېخى پاروخوتتا جىددىي ماتورمۇ يوق ئىكەن. مانا مۇشۇنداق قىيىنچىلىقتىن قورقماستىن بەلكى بويسۇندۇرۇشنى قىزىقىش بىلگەن ئېينىشتىننىڭ بۇ خىل روھى ئۇنى مۇشۇ خىل نەتىجىلەرگە ئېرىششتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ دەپ قارىساق بولىدۇ.