كانادا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى بايقىشىغا قارىغاندا، بوۋاقلار يانچە ئۇخلىسا، سوقىباش بولۇپ قالمايدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، سوقىباشلىق بوۋاقلارنىڭ ساغلاملىقىغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمىسىمۇ، بىر قىسىم ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، سوقىباش بوۋاقلاردا يېنىك دەرىجىدە يېتىلىشى كېچىكىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن. لېكىن نورمال ئەھۋالدا، بۇ خىل ئەھۋال بوۋاق ئايلىق بولغاندا يوقايدىكەن.
سوقىباشلىقنى ئوڭشاشنىڭ ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، بوۋاقنى ئىككى تەرەپكە قارىتىپ ئۇخلىتىش ۋە قەرەللىك تەڭشەشتىن ئىبارەت ئىكەن.