قاپقاقسىز قۇدۇقنىڭ ئادەمنى «يۇتۇۋېلىشى» دەك ئېچىنىشلىق تىراگېدىيەنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يېقىندا بېيجىڭ يۇندى بىر تەرەپ قىلىش شىركىتى چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش تورى ئورناتقاندىن سىرت يەنە ئاگاھلاندۇرۇش دەستىسىدىن 1000 نى ئورناتتى. ئىگىلىنىشىچە، تېخنىكلار «Wizorb» ئويۇنىدىكى قاڭقىيدىغان دەستىدىن ئىلھام ئېلىپ، 30 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قاڭقىش دەستىسىنى لايىھەلىگەن. بۇنداق دەستە ئورنىتىلغان قۇدۇقنىڭ قاپقىقى ئېلىۋېتىلسە، بۇ قۇدۇق ئاغزىدىكى دەستە قۇدۇق ئۈستىگە ئېتىلىپ چىقىدىكەن، ئۇ پارقىرايدىغان بولغاچقا، يولدىن ئۆتكەن-كەچكەن ئاپتوموبىل ۋە يولۇچىلارغا قاپقاقسىز قۇدۇقتىن ئايلىنىپ مېڭىشنى ئاگاھلاندۇرىدىكەن.