ئېنىرگىيەنىڭ مۇھىت ئاسرايدىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۇنيادىكى ئالىملار بىيو يېقىلغۇلارنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. يېقىندا ئىسپانىيە بىلەن ئارگېنتىنانىڭ تەتقىقاتچىلىرى سەۋزىدىن ئالكوھول ئېلىش تېخنىكىسىنى كەشپ قىلدى.
تەتقىقاتچىلار ئاۋۋال سەۋزىنى كىچىك پارچىلاپ، ئۇنىڭدىكى فېرمېنتنى كاتالىزاتورلاپ ھىدرولىزلاپ، ھەجمى بىر ئاز چوڭ بولغان گىلوكوزا ئىيونىنى بۇزىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن، سەۋزىنىڭ جانلىقلار توقۇلمىسىدىكى قەنت ئاجرىلىپ چىقىپ، فېرمېنت بىلەن بىرىكىدىكەن. مانا بۇ فېرمېنت قاتناشقان ئالكوھولنى ئېچىتىش جەريانىدۇر.
قىزىل ھاراق، پىۋا ۋە بولكا پىشۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان بۇ خىل ئېچىتقۇ سەۋزىدىكى قەنتنى ئالكوھول بىلەن كاربون تۆت ئوكسىدقا ئايلاندۇرىدىكەن. ئاخىرىدا دىستىلەش ئارقىلىق ساپلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان كۆيۈشچان جىسىم ئالكوھول بارلىققا كېلىدىكەن. سەۋزىدىن يېقىلغۇغا ئېرىشىپلا قالماستىن، قېپقالغان سەۋزە ئېتى بىلەن ھايۋانلارنى باققىلى ۋە كاروتىن ئالغىلى بولىدىكەن.