يېقىندا ‹‹كۆز يۇمدى بىر ئۇستاز، ئۆچتى بىر مەشئەل.›› بۇ نەشرىيات سېپىمىزدىكى، مۇھەررىرلەر قوشۇنىمىزدىكى سەركە، تۆھپىكار مۇھەررىر ئابدۇۋەلى خەلپەت ئاكا. ئۇنىڭ ۋاپاتى قوشۇنىمىز ئۈچۈن زور يوقىتىش بولدى.
ئابدۇۋەلى خەلپەت 85 يېشىدا بىزدىن ئايرىلدى. ئۇنىڭ 1951 – يىلى 6 – ئايدىن 1990 – يىلى 12 – ئايغىچە بولغان ئاز كەم 40 يىللىق ھاياتى نەشرىيات سېپىدە ئۆتتى. ئابدۇۋەلى خەلپەت شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ ئاساسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇ بۇ جەرياندا مۇھەررىر، ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، نەشرىياتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مۇئاۋىن باش مۇھەررىر قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، نەشرىياتچىلىقىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللەپ ياشنىشىدا تۈۋرۈكلۈك رول ئوينىغان. ئابدۇۋەلى خەلپەت ئۆز ھاياتىدا مۆلچەرلىگۈسىز مەنىۋى قىممەت، ئەقلىي بايلىق يارىتىپ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا زور تۆھپە قوشقان، ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىق تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان.
ئابدۇۋەلى خەلپەت ئالدى بىلەن يول ئاچقۇچى ئىدى. ئۇ مۇھەررىرگە خاس ئالىي ئىجادكارلىق روھى بىلەن دادىل ئىلگىرىلەپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئاكتىپ ماسلاشتى. قاتمال چەكلىمىلەرنى بۆسۈپ، تۇرغۇن ھالەتتىكى نەشرىياتچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى سەۋىيە، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتا باشلامچى بولغان. ‹‹ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر››، ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››، ‹‹ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى››، ‹‹ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى››، ‹‹ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى››، ‹‹ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىللىرى››، ‹‹ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى›› قاتارلىق يۈرۈشلۈك كىتابلار، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ داڭلىق كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىن ‹‹قىزىل راۋاقتىكى چۈش››، ‹‹سۇ بويىدا››، ‹‹ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە››، دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىلىرىدىن ‹‹قىزىل ۋە قارا››، ‹‹كۆكۈيۈن››، ‹‹چالىقۇشى››، ‹‹مەمەت ئاۋاق››، ‹‹مىڭبىر كېچە››، ‹‹دونكىخوت›› قاتارلىق كىتابلارنىڭ نەشر قىلىنىشى، ‹‹بۇلاق››، ‹‹دۇنيا ئەدەبىياتى›› ژۇرناللىرىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىشىدە ئابدۇۋەلى خەلپەت مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇنىڭ ئىجادكارلىق روھى، تىنىمسىز ئىزدىنىشى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن يۇقىرىقىدەك ئېسىل كىتابلار ئارقا – ئارقىدىن نەشر قىلىنىپ، نەشرىياتچىلىق گۈللەنگەن يېڭى دەۋرگە يۈزلەندى.
بىز بۈگۈن تۈركۈملەپ نەشر قىلىنغان توم – توم رومانلارنى كۆرگىنىمىزدە ھاياجانلانماي، ئەدەبىياتىمىزنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ گۈللەنگەن يېڭى تەرەققىياتىدىن، مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن سۆيۈنمەي تۇرالمايمىز. مانا مۇشۇ رومان ئىجادىيىتىنىڭ دەسلەپكى مېۋىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىپ، زور يېڭىلىق سۈپىتىدە خەلقىمىزگە تەقدىم قىلىنىشىغا ئابدۇۋەلى خەلپەتنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرى ئاز ئەمەس. ئۇ بۇ جەھەتتە مۇھىم ئاچقۇچلىق رول ئوينىغان، بۇنى خەلقىمىز، تارىخ ئۇنتۇمايدۇ.
بۇنىڭدىن 30 يىل بۇرۇنقى ئىش. بۇ ‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى››نىڭ ئاخىرقى جۇدۇنلىرى ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان، ھەرخىل رامكا، چەكلىمىلەر قىسىپ تۇرۇۋاتقان كۈنلەر ئىدى. بۇ چاغدا مەركەزدىكى نەشرىياتلاردىمۇ يازغۇچى خاۋ رەننىڭ ‹‹پارلاق يول››، ‹‹قۇياش ئىللىتقان باھار›› قاتارلىق رومانلىرىدىن باشقا رومانلار نەشر قىلىنىپ باقمىغانىدى. مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە ئابدۇۋەلى خەلپەت دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ رومانلىرىنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشىغا يول ئاچتى. 1973 – يىلى ئالدى بىلەن يازغۇچى قەييۇم تۇردى ئۈرۈمچىگە چاقىرىپ كېلىنىپ ئۇنىڭغا ئەۋزەل ئىجادىيەت شارائىتى يارىتىلىپ بېرىلدى. قەييۇم تۇردى ‹‹قىزىلتاغ باتۇرلىرى›› رومانىنى يېزىپ پۈتتۈرۈپ تەھرىر بۆلۈمگە تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئابدۇۋەلى خەلپەت ئۇنى ئىنچىكىلەپ كۆرۈپ، تەپسىلىي پىكىر تەييارلىدى. روماننىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى ماشىنىكىدا ئۇرۇلۇپ، ئالاقىدار كىشىلەرگە ئەۋەتىلدى. (شۇ چاغدا ماڭىمۇ بىر نۇسخا ئەۋەتىلگەن.) ئابدۇۋەلى خەلپەت شەخسەن ئۆزى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارغا بېرىپ دەسلەپكى نۇسخىسىنى كۆرگەنلەرنىڭ پىكىر – مەسلىھەتىنى ئاڭلىدى. كېيىن مەخسۇس سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇردى. كۆپچىلىكنىڭ پىكىر – مەسلىھەتىگە ئاساسەن ئابدۇۋەلى خەلپەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە بۇ ئەسەرنى تۈزىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
شۇنداق قىلىپ بۇ رومان نەشرگە تەييارلىنىپ، 1974 – يىلى كونا يېزىقتا‹‹قىزىلتاغ باتۇرلىرى›› دېگەن نام بىلەن سىناق تەرىقىسىدە، 1976 – يىلى ‹‹قىزىلتاغ باتۇرلىرى›› دېگەن نام بىلەن يېڭى يېزىقتا رەسمىي نەشر قىلىنىپ، بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا دۇنياغا كەلگەن تۇنجى رومان بولۇپ قالدى. ‹‹قىزىلتاغ باتۇرلىرى››رومانىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئىككىنچى رومان زوردۇن سابىرنىڭ ‹‹ئاۋرال شاماللىرى›› بولدى. بۇ رومان تەھرىر بۆلۈمگە يوللانغاندىن كېيىن، ئابدۇۋەلى خەلپەت ئالدى بىلەن كۆرۈپ چىقىپ، روماندا ئۈمىد بارلىقىنى بايقاپ، ئۆزى ئالايىتەن غۇلجىغا بېرىپ ئاپتور بىلەن كۆرۈشۈپ، رومان توغرىسىدىكى پىكرىنى ئاپتورغا ئېيتىپ مەسلىھەتلىشىپ، روماننى تۈزىتىشكە تاپشۇرغان. 1977 – يىلى زوردۇن سابىرنى ئۈرۈمچىگە چاقىرىتىپ، رومان ھەققىدە سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان. پىكىرلەرگە ئاساسەن رومان يەنە تۈزىتىلىپ، 1977 – يىلى نەشر قىلىنغان. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ‹‹ئىز››، ‹‹ئويغانغان زېمىن›› رومانلىرىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىدىمۇ ئابدۇۋەلى خەلپەتنىڭ رولى چوڭ بولغان. ئابدۇۋەلى خەلپەت ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ رومان يېزىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن باشلاپ، نەچچە قېتىم ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭغا ئىلھام – مەدەت بەرگەن. رومان پۈتكەندىن كېيىن ئابدۇۋەلى خەلپەت قايتا – قايتا كۆرۈپ، تۈزىتىش – ئۆزگەرتىش ھەققىدە پىكىر – مەسلىھەت بەرگەن. ئاپتور قايىل بولۇپ شۇ بويىچە تۈزىتىپ پىششىقلىغان. يازغۇچى ئابدۇراھمان قاھارنىڭ تۇنجى رومانى ‹‹ئىلى دولقۇنلىرى›› نىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىدىمۇ ئابدۇۋەلى خەلپەتنىڭ رولى چوڭ بولغان. يازغۇچى ئابدۇراھمان قاھار بۇ ھەقتە يازغان ئەسلىمىسىدە مۇنداق دېگەن: ‹‹رومان پۈتۈپ نەشرىياتقا ئەۋەتىلدى. ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن نەشرىياتتىكىلەر ئىنقىلابىي رېئالىزم بىلەن ئىنقىلابىي رومانتىزم بىرلەشتۈرۈلمىگەن دەپ قاراپ قايتۇرۇۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن روماننى ئىككىنچى قېتىم ئۆزگەرتىپ ئىشلەپ يەنە ئەۋەتتىم. ئارىدا 1974 – يىلىدىن 1979 – يىلىغىچە تاسقىلىپ يۈردى، 1980 – يىلى خەلق نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇۋەلى خەلپەت ئىلىغا كەلدى. ئۇ رومانىمنى ئالغاچ كەپتۇ، ئۇ ماڭا <رومانىڭىز بولىدىكەن، بەزى ئورۇنلاردا بايان ئاساسىي ئورۇندا ئىكەن. بايان قىلىنغان ئورۇنلارنى ۋەقەلىك ئىچىگە ئېلىپ تەسۋىرلەڭ، شۇ ئاساستا تۈزىتىڭ، ئاندىن رومانىڭىزنى باسىمىز. ھازىرمۇ بولىدۇ، بىراق، مەن دېگەندەك بولسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ> دېدى. مەن خۇشاللىق بىلەن ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلىپ ئۆزگەرتتىم.›› (‹‹جۇڭگو مىللەتلىرى›› ژۇرنىلى 2012 – يىللىق 5 – سان 45 – بەت) شۇنداق قىلىپ بۇ رومان 1982 – يىلى نەشر قىلىنىپ يورۇقلۇققا چىققان.
مۇھەررىرنىڭ ئالىيجانابلىقى شۇ يەردىكى، ئۇلار قۇربان بېرىش روھىغا باي، شەخسىيەتسىز كىشىلەر. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە ئەڭ ئۈستۈن تۇرۇدىغىنى يازغۇچىلار(ئاپتورلار)، ئۇلار يازغۇچى (ئاپتور)نى ھەممىدىن ئەلا بىلىدۇ. ئۇلاردىن ھېچنېمىنى ئايىمايدۇ. يازغۇچىلار(ئاپتورلار) ئالدىدا ئۆزىنى ‹‹سېنىڭ جېنىڭ مېنىڭ جېنىم بىر جان ئەمەسمۇ، سېنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ جېنىم قۇربان ئەمەسمۇ.›› دەپ ھېسابلايدۇ. ئالىم ئىمىن تۇرسۇننىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ‹‹مۇھەررىر ئۆزىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىدىن كەچكەن نامسىز ئەدىب››. ئابدۇۋەلى خەلپەت بارلىقىنى يازغۇچى(ئاپتور)لارغا، ئوقۇرمەنلەرگە بېغىشلاپ، ئۆزىنى ئۇنتۇغان، ئۆز مەنپەئەتىدىن پۈتۈنلەي كەچكەن ئەدىب. ئۇ 1946 – يىلىدىن باشلاپ كۆپلىگەن شېئىر يازغانىدى. جامائەتچىلىك ئۇنى شائىر سۈپىتىدە تونۇيتتى. كۆپلىگەن كوللېكتىپ شېئىرلار توپلامىغا شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەنىدى. 1993 – يىلى نەشر قىلىنغان‹‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى›› دېگەن كىتابتا ئالدىنقى قاتاردىكى پېشقەدەم شائىرلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە خېلى مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇپ تونۇشتۇرۇلغانىدى. نەشىرىياتتىكى مۇھەررىرلەر ئۇنىڭ بىرەر شېئىرلار توپلىمىنى چىقىرىشىنى تەۋسىيە قىلغان بولسىمۇ، ئابدۇۋەلى خەلپەت بۇ سەمىمىي تەۋسىيە، تەكلىپلەرنى چىرايلىق رەت قىلغان. بۇلاردىن ئابدۇۋەلى خەلپەتنى نەشرىيات سېپىدە شەخسىيەتسىزلىكنىڭ ئۈلگە – نەمۇنىسىنى ياراتتى دېسەك ھەقلىقمىز!
پىداكار مۇھەررىر ئابدۇۋەلى خەلپەتنىڭ خەلققە تەقدىم قىلغان ئېسىل مېۋىسى، ياراتقان تۆھپىسى ئىنتايىن زور. لېكىن ئۇ ھەرگىزمۇ بۇ نەتىجىلىرى بىلەن ئۆزىگە تەمەننا قويغان، ماختىنىپ داۋراڭ سالغان ئەمەس. ئۇ باشتىن – ئاخىر كەمتەر، ئاددىي – ساددا، داۋراڭسىز ئۆتكەن، نام – ئاتاق قوغلاشمىغان. شۇڭىمۇ خەلق، پارتىيە – ھۆكۈمەت ئۇنىڭ تۆھپىسىنى يۇقىرى باھالىدى. 2009 – يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيانقى 100 مۇنەۋۋەر نەشرىياتچى قاتارىدا تاللىنىپ يۇقىرى باھا، ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
ئابدۇۋەلى خەلپەتنىڭ كىشىلەرنىڭ نەزەرىدىكى، جەمئىيەتتىكى ئورنى ئىنتايىن زور. ئۇ كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە نۇر تارقاتقۇچى مەشئەل، جەمئىيەتنىڭ نەزەرىدە مول بايلىق ياراتقان تۆھپىكار، دەۋرنىڭ تەرەققىيات چاقىنى تېزلەتكۈچى نامسىز قەھرىمان. ياش تالانت ئىگىلىرى، ئاپتورلار نەزەرىدە كۆيۈمچان باغۋەن، ماھىر سىنچى، شوتا، كۆكلەشتىكى مۇنبەت تۇپراق. يازغۇچىنىڭ نەزەرىدە پولات تۆۋرۈك ئىچىدىكى پولات – چىۋىق. ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزەرىدە ئۇلارنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرغۇچى، يول كۆرسەتكۈچى خىزىر سۈپەت زات.
مەن ئابدۇۋەلى خەلپەتنىڭ 80 ياشقا كىرگەنلىكىگە بېغىشلاپ، 2008 – يىلى 20 – دېكابىر مۇنداق بىر كۇپلېت شېئىر يازغان:
ئېلىپ بولماس قان – تەرىنىڭ سانىنى،
ئۆلچەپ بولماس تۆھپىسىنىڭ سالمىقىنى.
يايسا ئەگەر بىر شەھەرنى قاپلار تولۇق،
ئەجرى سىڭگەن كىتابلارنىڭ ۋارىقىنى.
ئابدۇۋەلى خەلپەتنىڭ مەدەنىيەت، ئىلىم – پەن بىلىملىرىنى توپلاش، ئالماشتۇرۇش، تارقىتىش، خەلقىمىزنىڭ پەن مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، زامانىۋى ئاڭغا، پەن – تېخنىكىغا ئىگە ياشلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشكە سىڭدۈرگەن ئەجرى ھەقىقەتەن كۆپ. ئەدەبىي خاتىرە يېزىشتا شۆھرەت قازانغان ئامېرىكا يازغۇچىسى پاترىسا بوسوۋلىتىس ئۆز ئەسەرلىرىنى تەھرىرلىگەن مۇھەررىر مايكول كوداكنى ماختاپ ‹‹ئۇ ئالتۇنغا بەرگۈسىز ئېسىل مۇھەررىر›› دەپ تەرىپلىگەنىكەن. مېنىڭچە بۇ تەرىپ ئابدۇۋەلى خەلپەتكە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، ئۇ ھەقىقەتەن ئالتۇنغا بەرگۈسىز مۇھەررىر ئىدى.