ئاپتور: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئايسىمە ھەدە، يېقىندىن بۇيان ئائىلە، نىكاھ، ئاياللىق بۇرچ، پەرزەنت تەربىيەسى ھەققىدە ماقالىلەر يېزىپ، جەمئىيەتتە ياخشى باھالارغا ئېرىشتىڭىز، ئاياللىق بۇرچ ھەققىدىكى ئەسەرلىرىڭىز ماڭا بەكرەك ياقتى. سىزنىڭچە، ھازىرقى ئاياللار ئۆزىدە قانداق ساپالارنى ھازىرلىشى كېرەك؟
ئايسىمە ئىدرىس: مېنىڭ بۇ ماقالىلىرىمدە ئۆزۈمنىڭ ئاياللىق ئىزدىنىشلىرىم ئاساس قىلىنغان. ئادەم بۇ دۇنياغا تۆرەلگەنىكەن، ئالدى بىلەن ئۆزىنى بىلىشى كېرەك. ئۆزىمىزنى بىلسەك، باشقىلارمۇ بىزنى بىلىدۇ. شۇڭا مەن ئۈزلۈكسىز ئاياللىق ساپا، بۇرچ ھەققىدە ئويلاندىم. ھەرۋاقىت ئۆزۈمگە ئايال بولۇپ يارالغانىكەنمەن، ئائىلىدە نېمىلەرنى قىلىشىم كېرەك، دەپ سوئال قويدۇم ۋە بۇ ھەقتە ئىزدەندىم. شۇ ئىزدىنىشلىرىم نەتىجىسىدە 2004 – يىلى ‹‹ھاياتىمدا ماڭا تەسىر كۆرسەتكەن دوستلىرىم›› دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە يازدىم. كېيىن ‹‹30 ياش ئاياللارنىڭ ئەڭ گۈزەل چېغى›› دەپ ماقالە يازدىم. شۇ ماقالەم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نۇرغۇن ئايال ماڭا تېلېفون قىلىپ، مەن بىلەن شۇ تېمىدا سۆزلەشتى، ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى دەپ بەردى. كۆپىنىڭ سەرگۈزەشتىسى ماڭا ئۇلۇغ دەرس بولدى ۋە قىزىمنى چوڭ قىلغۇچە نۇرغۇن نەرسىنى چۈشىنىپ يەتتىم. بۇ جەرياندا ھازىرقى زامان ئاياللىرى ئۆزلىرىدە ھازىرلاشقا تېگىشلىك ساپالاردىن بىخەۋەر يۈرۈۋاتقانلىقى مېنى ئويغا سالدى. شۇنىڭ بىلەن ئائىلە، پەرزەنت تەربىيەسى، ئاياللىق بۇرچ ھەققىدە ماقالىلەرنى يازدىم. مېنىڭچە، ھازىرقى ئانىلار ئۆزلىرىدە سىياسىي ساپا ھازىرلىشى، بىلىم قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ تۇرۇشى، پىسخىك مەسىلىلىرىگە ئەھمىيەت بېرىشى، ئەخلاقىي جەھەتتىن بالىلارغا ئۈلگە بولۇشى، ئەر ئالدىدا ۋاپادار خوتۇن، قېينئاتا – قېينئانا ئالدىدا ئوڭلۇق كېلىن، بالىلار ئالدىدا كۆيۈمچان ئانا بولۇشى كېرەك، دەپ قارايمەن.
ئاپتور: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يىگىتلىرىمىز ئارىسىدا بەزىبىر ناچار خاھىشلار پەيدا بولدى. سىز بىر ئانا، ئاندىن ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن يىگىتلىرىمىزدە قانداق روھ بولۇشى كېرەك دەپ قارايسىز؟
ئايسىمە ئىدرىس: ھازىرقى ياشلىرىمىز ‹‹ئوغۇل بالىغا يەتمىش ئىككى ھۈنەرمۇ ئاز›› دېگەن ماقالىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدە تۇتسا دېگەن ئۈمىدتىمەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەرلىكىنى ئۇنتۇپ قالمىسا، ھەر ۋاقىت ئاياللارنىڭ يۆلەنچۈكى، قوغدىغۇچىسى بولالىسا، قىزلارنى ئۆزلىرى نابۇت قىلىپ، يەنە ئۆزلىرى تىللىمىسا، مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى ئويلىيالايدىغان، ئۆز تالانتىنى نامايان قىلالايدىغان، ئائىلىدە ۋاپادار ئوغۇل، كۆيۈمچان ئەر، مېھرىبان دادا، خىزمەتتە تىرىشچان، ئىقتىدارلىق ئەرلەردىن بولسا دېگەن ئۈمىدتىمەن.
ئاپتور: مەن ھەر قېتىم شېئىرلىرىڭىزنى ئوقۇغىنىمدا، شېئىرلىرىڭىزدىن بىر خىل خۇشاللىق، جۇشقۇنلۇقنى ھېس قىلىمەن. سىز ئادەتتە بەكلا خۇشال ئۆتەمسىز قانداق؟
ئايسىمە ئىدرىس: دائىم خۇشال يۈرۈشىم ناتايىن. ئەمما، مەن ھاياتىمنى خۇشال ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىمەن. مەن ھىندىستان يازغۇچىسى ئاكىللانىڭ ‹‹سۈرەتتىكى ساھىبجامال›› دېگەن رومانىدىن مۇنداق بىر سۆزنى يادلىۋالغانىدىم ‹‹سەن تۇرمۇشنى سەتلەشتۈرمە، ئۇ سەت بولسا سەن تىرىشىپ گۈزەللەشتۈر››. مېنىڭچە تۇرمۇشنىڭ گۈزەللىكى خۇشال ياشاۋاتقان قەلبىمىزدە، يېقىملىق كۈلكىمىزدە نامايان بولىدۇ. ئاياللارنىڭ ئازابلىرى بەك كۆپ. شۇڭا، مەن ئەسەرلىرىم ئارقىلىق بولسىمۇ ئوقۇرمەنلىرىمگە جۇشقۇنلۇق، ئۈمىدۋارلىق ئاتا قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا گۈزەللىك بېغىشلىسام دەيمەن، ئۆزۈممۇ خۇشال يۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئايال. شۇڭا بۇ ئارزۇلىرىم ئەسەرلىرىمدە ئەكس ئەتسە كېرەك.
ئاپتور: ‹‹ئايال بولۇپ ياشاپ باققۇم بار، ھەقىقىي ئايال›› ناملىق شېئىرىڭىز ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن جەمئىيەتتە خېلى تەسىر قوزغىدى. بۇ شېئىرىڭىزنى يازغاندىكى ھېس – تۇيغۇلىرىڭىزنى سۆزلەپ بېرەمسىز؟
ئايسىمە ئىدرىس: بۇ شېئىرنى 2003 – يىلى 4 – ئايدا يازدىم. شۇ ۋاقىتتا ئاقسۇغا ئوقۇشقا بارغانىدىم. ئۇ يەردە ئاقسۇ ئاياللىرى بىلەن يەكەن ئاياللىرى ئوتتۇرىسىدىكى يۈرۈش – تۇرۇش، ئىدىيە، ئاياللىق مەجبۇرىيەت ھەققىدىكى كۆز قاراشلاردا پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم، يەكەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ ھەقتە ئويلىنىپ قالدىم. بۇ چاغدا قىزىم بەش ياشقا كىرگەنىدى. تۇرۇپلا ئانىلىق بۇرچ، مەسئۇلىيەت ھەققىدە ئىزدىنىشىم كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم. زادى قانداق قىلغاندا ياخشى ئانا بولغىلى بولىدۇ، ئاياللار ئازادلىقى دېگەن نېمە؟ دېگەندەك سوئاللار كاللامدا پەيدا بولۇپ مېنى قولۇمغا قەلەم ئېلىشقا ئۈندىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ شېئىرىمنى يازدىم. شېئىرىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئوقۇرمەنلەردىنمۇ خەت، تېلېفونلار كەلدى، بۇ شېئىرىمدىن ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەر بەكرەك سۆيۈنۈپتۇ. گەرچە بۇ شېئىرىمدىكى ئىدىيەلەرنى مەن باشقا ئاياللارغا تاڭالمىساممۇ، بۇ شېئىرىم ئارقىلىق ئانىلىق بۇرچۇمنى تونۇۋالدىم، ئۆزۈمگە بۇ شېئىرىمنى ئۆلچەم قىلىپ بېكىتىۋالدىم.