ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  كۆڭۈلدىكى سۆز

بىر ئۆمۈر قەدىرلىشىڭىزگە ئەرزىيدىغان سەككىز خىل ئادەم

ۋاقتى : 2013-04-24  مەنبەسى : تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

 1. سىزنى ھەقىقىي سۆيىدىغان ئادەمنى ئۇچراتقىنىڭىزدا، ئۇنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈڭ ھەم ئۇنى ئۆمۈرلۈك ھەمراھىڭىز قىلىڭ. چۈنكى، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز، ھەممىسى كەلمەسكە كېتىدۇ.
    2. ئىشەنچلىك دوستنى ئۇچراتقىنىڭىزدا، ئۇنىڭ بىلەن ياخشى ئۆتۈڭ. چۈنكى ئادەمنىڭ بىر ئۆمۈرىدە ئۇچرايدىغان سىرداش دوستى راستتىنلا كۆپ ئەمەس.
    3. كىشىلىك ھاياتىڭىزدا ئېسىلزادە كىشىنى ئۇچراتقىنىڭىزدا، ئۇنىڭغا مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. چۈنكى، ئۇ كىشىلىك ھاياتىڭىزنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى.
    4. ئىلگىرى سىزنى سۆيگەن ئادەمنى ئۇچراتقىنىڭىزدا، ئۇنىڭغا تەبەسسۇم بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. چۈنكى، ئۇ سىزگە سۆيگۈنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۈرگەن كىشى.
    5. ھازىرقى ئۆمرىنى سىز بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈۋاتقان ھەمراھىڭىزنى قەتئىي قەدىرلەڭ. چۈنكى، سىلەر ھازىر بەخت ۋە ھەقىقىي سۆيگۈگە ئېرىشتىڭلار.
    6. سىز ئىلگىرى خۇپىيانە ياخشى كۆرگەن كىشىنى ئۇچراتقىنىڭىزدا، ئۇنىڭغا بەخت تىلەڭ. چۈنكى، سىز ئۇنى ياخشى كۆرگەن چېغىڭىزدا، ئۇنىڭ بەختلىك بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتىڭىزغۇ؟
    7. ئوتتۇراڭلاردا ئۇقۇشماسلىق يۈز بەرگەن كىشىنى ئۇچراتقىنىڭىزدا، ھازىرقى پۇرسەتتىن پايدىلنىپ ئېنىق چۈشەنچە بېرىڭ. چۈنكى، سىزگە مۇشۇ بىر قېتىملا پۇرسەت كېلىشى مۇمكىن.
    8. ئىلگىرى سىزدىن نەپرەتلەنگەن كىشىنى ئۇچراتقىنىڭىزدا، ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. چۈنكى، ئۇ سىزنى تېخىمۇ قەيسەر قىلغان، ناۋادا ئۇ بولمىسا، سىزمۇ بۈگۈنكىدەك پىشىپ يىتىلمىگەن بولاتتىڭىز.
 
    خەنزۇچە «ياشلار ئۈچۈن تەرمىلەر» (青年文摘) ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 12-سانىدىن ئابلەت ئابلىز سەردارى تەرجىمىسى.
    تەرجىمان: ئونسۇ ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە مەكتىپىدە

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا