جۈرئەت ئىمىن، 1958 – يىلى 11 – ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ خوتەندىن، 1976 – يىلى 10 – ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1985 – يىلى 6 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپرانتورىيەسىنىڭ خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلار سىنىپى ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
1976 – يىلى 10 – ئايدىن 1978 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ناھىيەسى ئاۋانگارت گۇڭشېسىدا قايتا تەربىيە ئالغان. 1978 – يىلى 8 – ئايدىن 1979 – يىلى 10 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ تەرجىمانى بولغان. 1979 – يىلى 10 – ئايدىن 1981 – يىلى 8 – ئايغىچە چاڭچۈن سانائەت ئىنستىتۇتى گېئولوگىيەلىك چارلاش – قىدىرىش كەسپىدە ئوقۇغان. 1981 – يىلى 8 – ئايدىن 1982 – يىلى 7 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ماددىي ئەشيا ئىدارىسى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى باش شىركىتىنىڭ تەرجىمانى بولغان. 1982 – يىلى 7 – ئايدىن 1986 – يىلى 10 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ماددىي ئەشيا ئىدارىسى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى باش شىركىتى ئىتتىپاق باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سودا مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1983 – يىلى 9 – ئايدىن 1984 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىشتىن سىرتقى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەنزۇ تىلى فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى كەسپى مەخسۇس كۇرس سىنىپىدا ئوقۇغان؛ 1984 – يىلى 9 – ئايدىن 1986 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ سىياسىي نەزەرىيە كەسپىدە ئوقۇغان). 1986 – يىلى 10 – ئايدىن 1988 – يىلى 8 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ماددىي ئەشيا ئىدارىسى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى باش شىركىتى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1988 – يىلى 8 – ئايدىن 1991 – يىلى 12 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ماددىي ئەشيا ئىدارىسى قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى باش شىركىتى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان. 1991 – يىلى 12 – ئايدىن 1996 – يىلى 11 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ماددىي ئەشيا ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1995 – يىلى 9 – ئايدىن 1996 – يىلى 7 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان). 1996 – يىلى 11 – ئايدىن 1997 – يىلى 11 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پەن – تېخنىكا كەسپىي تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان. 1997 – يىلى 11 – ئايدىن 2000 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پەن – تېخنىكا كەسپىي تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 1995 – يىلى 9 – ئايدىن 1998 – يىلى 7 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپرانتورىيەسىنىڭ خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلار سىنىپى ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان). 2000 – يىلى 2 – ئايدىن 2001 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پەن – تېخنىكا كەسپىي تەرەققىيات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 2001 – يىلى 2 – ئايدىن 2006 – يىلى 9 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان (بۇ مەزگىلدە: 2005 – يىلى 9 – ئايدىن 2006 – يىلى 1 – ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان). 2006 – يىلى 9 – ئايدىن 2008 – يىلى 2 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى بولغان. 2008 – يىلى 2 – ئايدىن 2012 – يىلى 1 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى بولغان، 2012 – يىلى 1 – ئايدىن 2012 – يىلى 4 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى بولغان. 2012 – يىلى 4 – ئايدىن 2012 – يىلى 11 – ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 2012 – يىلى 11 – ئايدىن ھازىرغىچە مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى (باش سودا ئۇيۇشمىسى)نىڭ رەئىسى بولۇپ كەلمەكتە.
11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى.