ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
يېڭى قوشۇلغانلىرى
تەۋسىيە يازمىلار
 
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  ئەدەبىيات  »  كۆڭۈلدىكى سۆز

ئابلاجان نانلىرى دېرىكتورى ئانا تۇپراقتا

ۋاقتى : 2011-12-22  مەنبەسى : ئانا تۇپراق تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

 

تۇنۇردا ئۆچمىگەن 15يىللىق ئوت(مېھىر ئالىمى 1-سان)



ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئانا تۇپراق تورىدىكى بارلىق ئەزىز قېرىنداشلار. بىز بۇرۇن ئۇزاقتىن بىرى قوللاپ كىلىۋاتقان  تورداشلارنىڭ مەنىۋىيتىگە  ئازىراق بولسىمۇ ئەمىليرەك بىر ئىش  قىلىپ بىرىش مەقسىتىدە ،تور بىكىتىمىزدە   سىناق تەرىقىسىدە «قەلب كۆزنىكى» نامى بىلەن تور تېلىۋىزىيەسىنى ئاچقان ئىدۇق. نەتىجىدە بىز تۇنجى بىر سان  ئىشلىگەندىن كىيىن ھەر ساھە ئىشلىرىمىزنىڭ ئالدىراشلىقى سەۋەبلىك بۇنى داۋاملاشتۇرالمىدۇق. ئەمما كىيىن ئۇستازلارنىڭ قوللىشى ۋە پۇرسەتنىڭ پىشىپ يىتىلىشى سەۋەبىدىن بىز تور تېلىۋىزيەسىنى «مېھىر ئالىمى» دىگەن نام بىلەن ئەسلىگە كەلتۈردۇق. بۇ ئىشتا ئالاھىدە ياردەم بەرگەن مەنىۋى جەھەتتىكى ئۇستازىم پەرھات مۇئەللىم،مۇنبىرىمىزدىكى ئەجىر(يەنى پىلانلاش، فىلىم ئالاقىلىشىش، مەزمۇنىنى تەييارلاش،ھەر تەرەپتىن  مەسلەھەت بىرىش ۋە يىتەكلەش)  ئاتال مەدىنيەت تارقىتىش ئورنىنىڭ مەسئۇلى ئاكام ناسىرجان -ئاتال (يەنى فىلىم ئىشلەش مۇھىتىنى يارىتىش، سۈرەتكە ئېلىش،ئۇنى كىرىشتۈرۈش مۇھىتىغا ئايلاندۇرۇش، ھەر جەھەتتىن كۆپ قوللاش  )، تۇغلان لايىھە سىتودىيسىنىڭ باشلىقى دوستىمىز باتۇرجان -تۇغلان (يەنى دىكىراتىسيە لايىھلەش، گۈزەل سەنئەت لايىھەسىنى ئىشلەش)، ،كەسىپ ۋە باشقا جەھەتتە ياخشى ھەمكارلىشىدىغان  دوستۇم مىسىرانىم توربىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابابەكرى مۇختەر-مىسرانىم (يەنى تەجىربە بىلەن تەمىنلەش ، ئاۋاز سۈزۈش ۋە رەتلەش ، شۇنداقلا تارقىتىشتا ھەمكارلىشىشى ) ۋە ئۈرۈمچى ئەلكۈن كىتابخانىسىنىڭ باشلىقى يىقىن دوستىمىز مەمتىمىن (يەنى سوۋغا تەييارلاش ، پېروگىرامما بىلەن ئۇزۇنغىچە ھەمكارلىشىش) قاتارلىق  ھەر جەھەتتىن قوللىشى بىلەن بىز بۇ قىتىم بۇ ئىشىمىزنى يەنە خالىس باشلىۋالدۇق. ئالدى بىلەن مەن يۇقۇرقى ئىسمى ئاتالغان ئۇستاز ۋە ئاكىلىرىمغا ۋە دوسىتلىرىمغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ۋە بارلىق تورداشلارغا سەمىمى سالام يوللايمەن.
 بىز تۇنجى سانىمىزنى ھازىرقى جەمىيتىمىزدە قىززىق نوقتا ئايلانغان ۋە مۇھىم  بۇلىۋاتقان ئىقتىساد (يەنى ئىگىلىك تىكلەش ۋە پۇل ) ساھەسىگە قاراتتۇق. ھەم بۇ ساندا  دىيارىمىزدىكى ئاددى كەسىپ نامى بىلەن تەرىپلەنگەن نان يىقىش ھۈنىرىنى، شۇنداق چوڭ مېھىرى بىلەن ئادداققىچە داۋاملاشتۇرۇپ  كىلىۋاتقان، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا ئۈزىنىڭ بەلگىلىك تەسىرى بىلەن نام تىپىۋاتقان ۋە تىرىشچان ياش كارخانىچى ،شىنجاڭ ئابلاجان نانلىرى زەنجىرىسىمان سودا چەكلىك شىركىتى ۋە دەرمان خەلقئارا سودا شىركىتىنىڭ دېرىكتۇرى ،ئۈزىنىڭ سەمىمىيتى ۋە پەزىلىتى بىلەن خەلقىمىزشۇنداقلا ھەر مىللەت خەلقىگە  تۇنۇلغان  پەخىرلىك  ئوغلان ئابلاجان مەتتوختى بىلەن بىر قانچە تىمىلاردا سۆھبەتلىشىش ئېلىپ باردۇق. بىزنىڭ ۋە سۆھبەتكە ئىشتىراك ئەتكەن ئوغلانىمىز ئابلاجان ئاكىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى شۇكى-مۇشۇ روياپقا چىققان كىچىككىنە ئەمگىكىمىزدىن بىر قىرىندىشىمىز بولسىمۇ ئىجابى نەتىجىگە ئىرىشىپ ، ئۈزىگە يارىشا كىچىككىنە بىر نەتىجە ياراتسا دىگەن ئۈمىد لا خالاس. ۋە فىلىمدە ئابلاجان ئاكىنىڭ تورداشلارغا بەرگەن سالىمى ئۇچىرىمايدۇ . ئەمما ئابلاجان ئاكىمىز ئانا-تۇپراق تور بىكىتىدىكى بارلىق ئەزىز دوسلارغا سەمىمى سالام يوللىدى.
ئەلۋەتتە بىر ئىشنى باشلاش ۋە ئۇنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش راستىنلا ئاسانغا توختىمايدىغان بىر ھەقىقەت . ئەمما بىر نەرسىنى كۈرۈپ باھالاش يەنىلا ئاسان. ھەم تۇنجى بىر ئىشنىڭ قەدىمىنى باشلاش ئەڭ جاپالىق ، ئىشنىڭ ئەڭ كۈچ كىتىدىغان يىرى، ئەمما شۇنچە كۈچ ۋە جاپا سىڭدۈرگەن بىلەن يەنىلا ناھايتى ياخشى قىلىش ۋە ئەڭ ئىسىل ئىشلىدىم دىيىش ۋە نوقساندىن خالى بۇلۇش ئەسلى مۇمكىن بولمايدۇ، شۇ سەۋەبتىن بىزنىڭ بۇ ئەمگىكىمىزدە نوقسانلار راسلا كۆپ بۇلىشى ئىنىق. ئەمما يەنىلا بىزنىڭ جاپالىق ئەجىرىمىز كەتكەن، ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن باشقا ئويلايدىكەنمىز، پۈتكەندە يەنە  بىر ئويلايدىكەنمىز. دىمەك گەپنى سوزماي نەخ گەپكە كەلسەك بىزنىڭ  بۇ ئىشىمىز باشقا  كەسىپداشلارنىڭ ئىشلىرىغا قارىغاندا پىشىپ يىتىلمىگەنلىكى ئىنىق. شۇڭا بىز بۇئىشىمىزنى قەدەممۇ-قەدەم تۇلۇقلاپ ۋە پىششقلاپ تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا تىرىشىمىز ،
شۇڭا تورداشلار غا ئەسكەرتىدىغىنىمىز  بۇ يەردە بۇ پەخىرلىك ئوغلانىمىزنىڭ،چوڭ شەھەردىكى  تۇنۇردا 15 يىلدىن بۇيان ئوتنى قەتئى ئۈچۈرمەي كىلىۋاتقان تىرىشچانلىقىنىڭ ۋە نەتىجىسىنىڭ ئارقىسىغا زادى قانداق ئىدىيە ۋە ئىشلار سىڭگەن.شۇنى ئازىراق قىزىشقا ئىنتىلدۇق،ھەم بىز بۇ يەردە ھەممىگە تۇنۇشلۇق بۇلۇپ كەتكەن شەخىس ۋە شىركەت تارىخلىرىنى ئانچە ئەسكەرىتمىدۇق.شۇڭا بۇ يەردە  پەقەت ھازىرقى دەۋىرىمىزدىكى ئىگىلىك تىكلەش ۋە پۇل تېپىش جەھەتتىكى بىر قانچە نوقتىلاردا مەزمۇن بار. تورداشلارنىڭ  كۈرۈپ پىكىرلىشىپ بىقىشىنى شۇنداقلا ئۈزىگە تىرناقچىلىق بولسىمۇ بىر ئەمىلى نەپ يەتكۈزىدىغان تەرىپىنى ئۆزلەشتۈرۋىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇڭا تورداشلارنىڭ دىققىتى ئانا -تۇپراق توربىكىتىدە ۋە باشقا دوستانە بىكەتلەردە بولسۇن.
ئەسكەرتىش: فىلىم ئانا تۇپراق تور بىكىتىنىڭ جاپاسى بىلەن ئىشلەندى. ئەمما دوسلارنىڭ پايدىلىنىشىغا يول قۇيىلىدۇ. شۇنداقلا مەنبەسى  ئەسكەرتىپ قۇيۇلسا، بارلىق بىلوگ ۋە چ چ تۇپىدىكى دوسلارنىڭ ھەممىگە تەۋسىيە قىلىشىنى تېخىمۇ قارشى ئالىمىز ۋە قوللايمىز.




 


 


 


 


 


 


 

ئالاھىدە ياردەم قىلغان ئورۇنلار
 
ئاتال توي -فىلىم ، توي سۈرەتچىلىكى
ئەلكۈن كىتابخانىسى
مىسرانىم ئۇيغۇرچە تور بېكىتى
تۇغلان مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى
رومانتىك كىلنچەك ئوبراز لاھىيەلەش ئورنى
ئەفىفە كىيىم - كېچەك شەھەرچىسى


 

 

 

يۇقارقى ئورۇنلارغا ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز


 

ئانا تۇپراق تور بېكىتى ئىشخانىسى
2011-يىلى12-ئاينىڭ 21-كۈنى

 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا