مېنىڭ ئارىلىشدىغان ئاغىنلىرىم ئاساسەن بەش ۋاق ناماز ئوقۇيدىغان ياخشى بالىلار . ئۇلارنىڭ كۆپىنچسى تىجارەتچى بولۇپ ھال -كۈنىمۇ ماڭا سېلشتۇرغاندا خېلىلا ياخشى . بىر قانچە يىلدىن بېرى ئۇلار ئەر-ئايال چاي باشلىغان بولۇپ ئىلگىرى كۆپ قېتىم مېنى بۇ چايغا قاتنىشىش تەكلىپىنى بەرگەن بولسىمۇ ، مەن توي قىلمىغان بويتاق بولغاچقا ، ئۇلارغا :
_سىلەر چاينى ئەر-ئايال ئوينايدىكەنسىلەر ،مەن ئۆزەم يالغۇز بارسام تازا قاملاشمايدۇ . ئۇنىڭ ئۈسىتگە ئۆزەممۇ سەل بىئەپ ھېس قىلىپ قالىمەن دەپ رەت قىلىپ كەلگەنتىم . مۇشۇ بۇلتۇر 10 ئايدا تەقدىر يېپىم چېگلىپ توي قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن ئەل-ئاغىنلىرىم چاينىڭ گېپنى يەنە چىقىرشقا باشلىدى.
_ئەمدىغۇ باھانەڭ تۈگىگەندۇ ئاداش؟ توي قىلدىڭ . ئەمدى بىزنىڭ چايغا قېتىل ، ئايالىڭ يىراقتىن ، بىزنىڭ ئاياللىرىمىز بىلەن تونۇشۇپ ئىزدىشپ يۈرسۇن. دېدى.
ئويلاپ باقسام ئۇلار چاينى رېستۇراندا ياكى تېز تاماقخانىلارنىڭ ئايرىمخانلىرىدا ئۆتكۈزمەي ئۆيدە ئۆتكۈزدىكەن. ھەم ئوغۇللار ئايرىم ئۆيدە ئاياللىرىمىز باشقا ئۆيدە كەڭ -كۇشادە پاراڭ-سۆھبەتلەردە ئولتۇردىكەنمىز. ئەل- ئاغىنەلەر ھەر ئايدا بىر رەت مۇشۇنداق جەم بولۇپ ئىزدشىپ بىر-بىرىمىزنىڭ ئۆيىنى يوقلىساق بولدىكەنغۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالبىننى يېيشكە باھانە تاپقاندەك ھېلىمۇ تولا باھانە تېپىپ قاتناشمىدىم دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئوينساممۇ ئويناي دەپ ئايالىمغا بۇ ئىش توغرسىدا مەسىلىھەت سالدىم. ئايالىم مېنڭكىنى راست دەيدىغان ، ئوشوق تەلىپى يوق ،خۇش پېئىل ئايال بولغاچقا دەرھال بوپتۇ دەپ ماقۇل بولدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر يېقىن ئاغىنەمگە تېلفون بېرىپ ئۆزەمنىڭ چايغا قېتلىش ئويۇمنىڭ بارلىقىنى، ئايالىمنىڭمۇ بۇنىڭغا ماقۇل بولغانلىقىنى ئېيتتىم. ئۇ ئاغىنەم بۇنى ئاڭلاپ خوشال بولدى.
_قانچىدىن ئويناۋاتىسلەر دەپ سوردىم دەرھاللا .
_جىق ئەمەس 500 كويدىن دېدى ئاغىنەم. بۇ گەپنى ئاڭلاپ شۇ ھامان شۈكلەپ قالدىم. مەن ئۈچۈن بۇ پۇل مائاشىمنىڭ يېرىمى دېگەنلىك ئىدى. شۇڭا :
-بۇ پۇل سەل كۆپ بولۇپ كېتىپتۇ ئاداش .300 كويدىن ئوينساڭلار بولمامدۇ.قايسى چاغدا شۇنداق دېگەندەك قىلىۋاتقانتىڭلار مەن تېخى ھازىرمۇ شۇ پۇل ئوخشايدۇ دەپتىمەن دېدىم.
_ مەيلى سەن 300يۈۋەندىن چىقارىساڭ بولىۋرىدۇ. بۇ چاي ئىختىيارى.كىم قانچلىك چىقارسا بولىۋرىدۇ .دېدى
_ھە، قېنى مەن بىر جاۋابىنى بېرەي ئەمسە.
تېلفوننى شۇنداق دەپلا ئالدىراش قويىۋەتتىم.
مېنىڭ مائاشىم 1000كويىغا بارمايدۇ.ئايالىم ماڭا تېگىمەن دەپ ئۆز جايىدىكى خىزمتىدىن ئىستىپا بېرىپ مېنىڭ قېشمغا كەلگەن.ئۇ بىر مەزگىل ئۆيدە بىكار يۈرۈپ قالدى. خىزمەتچى ئادەم بىردىنلا ئۆيدە ئولتۇرسا ئىچى سىقىلىپ قالار دەپ ئويلىدىم. لىكىن ئايالىم خۇددى بۇرۇندىن ئائىلە ئايالىدەك ھېچقانداق چاندۇرمىدى. شۇنداق بولسىمۇ تونۇش بىلىشلەرگە دەپ يۈرۈپ مەلۇم دوختۇرخانىغا سېسترالىققا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ئىدىم؛ ئۇنىڭ مائاشى چىقتى دېگەن تەقدردىمۇ جىق بولسا 600-700 يۈەنگە بارىدۇ.ئىككىمىزنىڭ مائاشىنى قوشساق 1500 ئەتراپىدا بولىدۇ.ھەر ئايدا ماۋۇ تورتىلفونغا 100 كوي توك ئۈچۈن 60-70 كوي تۆلىسەم ئۇن ،ماي گۆش،دېگەنلەرنى سېتىۋالسام،،.باشقا چىقىملارچۇ؟بىز چاغلىق مائاشىچلار مانا مۇشۇنداق ئىنچىكە ھېسابات بىلەن يۈرسەك ئەمدى بۇ چايغا 500 كوي چىقارسام نېمە بولۇپ كەتتى. دەپ ئويلىدىم. ئاغىنلىرىمنىڭ دېگىندەك باشقىلار 500 كوي چىقارسا مەن ئىخىتيارى ھالدا 300 يۈۋەن چىقارسام بولارمۇ دەپ قايتا ئويلاندىم. قارسام شۇ پۇل بىلەن چاي ئوينسام ئانچە قېينالمايدىكەنمەن ھەم باشقىلار دېگەندەك ماڭا نۆۋەت كەلگەندە لوقلا نەچچە مىڭ يۈۋەن پۇل كېلدىكەندە ئۇنىڭغا موككىدە نەرسىلەرنى ئېلىۋالدىكەنمەن ياكى بانكىغا قويۇپ قويساممۇ بولىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ گەپنى ئايالىمغا يەنە دېدىم.
___بولدى ئوينىمايلى دېدى ئايالىم ئويلىمىغان يەردىن خاپا بولۇپ ئۇنىڭ مۇنداق خاپا بولغننى تۇنجى قېتىم كۆرشىم ئىدى.
___نېمشقا ؟ ئۆزۈڭ ماقول بولغانغۇ؟
___ پۇلنى سىز ئەمەس مەن قويىمەن. شۇنچە ئاياللارنىڭ ئالدىدا خەق500 نى چىقارسا مەن 300كوي چىقارسام خىجىل بولارمەن. مەن ئۇنداق ئويلىمغان تەقدىردىمۇ ئاياللىرى كۆزنىڭ قىرىدا قاراپ قالار.
نېمانچە يوغانلىق قىلىدىكەن ئۇلار.
ئايالىمنىڭ گېپى ئورۇنلۇقتەك بىلىندى.راست بۇلارنىڭ مەقستى چاي ئويناپ دوستلار ئارا ئىزدەشمۇ ياكى پۇل مەقسەتمۇ؟ چاي بولسا بولسۇن لايىقىدا بولسۇندە...ھىم،.يەنە تېخى مېنى سەن ئازىراق چىقارساڭمۇ بولىۋرىدۇ.دېگنىنى بۇ مېنى كەمستىىشمۇ ياكى ،،،، شۇ خىياللار بىلەن چايغا قاتنىشىشتىن رايىم قايتىپ بولدى قىلدىم. قانداق قىلاي،.،يەنە بىر قېتملىق چاي كېلەي دەپ قالدى... بۇ بىر ئىش بولدىغۇ ئەمدى،.،شۇنداق خاتىرجەم ئاددى بولسمۇ خوشال ئۆتىۋاتقان كۈنلىرىمگە ماۋۇ دەرىت قېتلىۋالدا..دوستلىرىمنىڭ چاي ۋاقتى كۈنلەرنىڭ ئۆتشى بىلەن بىزگە قاراپ يېقىنلاپ كەلمەكتە .بەزىدە ئايالىم ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈپ قويىمىز،لىكىن بىزنىڭ بۇكۈلكىمىزگە "ھە ئەمدى قانداق قىلمىز ؟"دېگەن ئەندىشە يۇشۇرۇنغاندەك قىلاتتى.زادى مەن چاي ئوينايمۇ يا ئۆيدە بېكىنىپ ياتايمۇ؟ ئەمدى ئۇلارغا قېتىملسام دوست -بۇرادەر كېرەك ئەمەسما ساڭا دەپ كايىپ كېتىدۇ تېخى. مىڭ يېقىن ئاغىنە دېگەن بىلەن بەزىدە ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشەنمەي زورلاۋردىكەن ،بوپتۇ،.چايغا قېتلمدى دەپ مېنى تاشلاپ كەتسە ئۇنىمۇ كۆرەرمەن ئىشقلىپ بىزنىڭ بالىلار بەش ۋاقىت ناماز ياخشى بالىلار،،، ئۇنداقمۇ قىلماس