ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسى

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسى

 

1. تەلەپپۇز قائىدىسى ھەققىدە

  تەلەپپۇز قائىدىسى توغرا سۆزلەش قائىدىسى دېگەنلىكتۇر. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا،تەلەپپۇز قائىدىسى مەلۇم بىر ئەدەبىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ۋە ئالاقە قىلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ سۆزلەرنى توغرا تەلەپپۇز قىلىشىنى تەمىن ئېتىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ نوتۇقتا ئورتاق ئەمەل قىلىشى زۆرۈر بولغان قائىدىلەر سېستىمىسىدۇر.

   تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسى بىلەن  تەلەپپۇز قائىدىسى تىل ئارقىلىق ئالاقىلىشىش ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشتىكى موھىم قائىدە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تىلنى قېلىپلاشتۇرۇش  دېگەنلىك،ئەمەلىيەتتە  ئىملا بىلەن تەلەپپۇزنى  قېلىپلاشتۇرۇش دېگەنلىك. ئىملانىلا قېلىپلاشتۇرۇپ، تەلەپپۇز تاشلاپ قۇيۇلسا، ئەدەبىي تىلنى قېلىپلاشتۇرۇش مەقسىتىگە  يەتكىلى بولمايدۇ.  

   ئىملا قائىدىسى مەلۇم بىر ئەدەبىي تىلنىڭ يېزىق شەكلىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلسە،تەلەپپۇز قائىدىسى ئەدەبىي تىلنىڭ ئېغىز شەكلىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلىدۇ.تىلدا ئالاقىلىشىش شارائىتىنىڭ ۋە ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تىلنى بۇ ئىككى جەھەتتىن قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ لازىملىقىنى بەلگىلىگەن.

   2.ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ مەركىزىي دىيالېكتى ۋە ئۆلچەملىك تەلەپپۇزى ھەققىدە

     مەلۇم بىر ئەدەبىي تىلنىڭ شەكىللىنىشىدە شۇ تىلغا تەۋە بولغان دىيالېكىتلاردىن بىرسى ئاساس بولىدۇ.قايسى دىيالېكتنىڭ ئاساس بولىدىغانلىقىنى كىشىلەرنىڭ سوبىكتىپ خاھىشى ئەمەس، بەلكى شۇ دىيالېكتنىڭ شۇ تىل قوللىنىلىۋاتقان جەمىيەتتە تۇتقان ئورنى بەلگىلەيدۇ.ئەگەر مەلۇم بىر دىيالېكت رايۇنى شۇ جەمىيەتنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادىي،مەدەنىيەت مەركىزى بولسا ۋە شۇ دىيالېكتتا سۆزلىشىدىغانلارنىڭ نوپۇسىمۇ كۆپ بولسا،بۇ دىيالېكت شۇ جەمىيەتتە ئەڭ موھىم ھېسابلىنىپ،ئەڭ تەسىرچانلىققا،ۋەكىللىك خاراكتىرغا ئىگە بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەدەبىي تىلنىڭ ئاساسىي دىيالېكتى بولۇش شەرتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ.

     ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئاساسىي دىيالېكتى دېگەندە ئۈرۈمچى،ئاقسۇ،قەشقەر ۋە مۇشۇ رايۇنلارغا قاراشلىق ناھىيەلەردە ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.بىز بۇ رايۇنلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان مەركىزىي رايۇنلار ئىكەنلىكىگە قاراپ،بۇ دىيالېكتنى مەركىزىي دىيالېكت دەپ ئاتىدۇق.

     مەركىزىي دىيالېكت رايۇنىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان يۇقىرىدىكى رايۇنلار تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادىي،مەدەنىيەت جەھەتتە مەركەز بولۇپ كەلگەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ رايۇنلاردا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار پۈتۈن ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ 80 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.كۆلەم جەھەتتە، بۇ دىيالېكت رايۇنى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز بويىچە ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلارنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.مۇشۇ شەرتلەر ئاساسىدا مەركىزىي دىيالېكت ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدا ئىنتايىن موھىم رول ئوينىدى ۋە ئوينىماقتا.

بىر ئەدەبىي تىلنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولغان دىيالېكتتا ئالاقە قىلىشىدىغانلارنىڭ تەلەپپۇزى ئومۇمەن ئالغاندا شۇ تىلنىڭ ئەدەبىي تەلەپپۇزىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئۈلگىلىك رول ئوينايدۇ ۋە شۇ تىلنىڭ ئەدەبىي تەلەپپۇزىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولالايدۇ.

 گەرچە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ مەركىزىي دىيالېكتىدا سۆزلىشىدىغانلارنىڭ تەلەپپۇزى مۇشۇنداق موھىم رولغا ئىگە بولسىمۇ،لېكىن مەركىزىي دىيالېكت  ئىچىگە كىرىدىغان ھەر قايسى شىۋىلەر ئارا بەزى فونېتىكىلىق پەرقلەر بولغانلىقى ئۈچۈن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلپپۇزىنى بېكىتىشتە مەركىزىي دىيالېكت تەۋەسىدىن شۇ دىيالېكت رايۇندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئېتىراپ قىلىدىغان نىسبەتەن ئۆلچەملىك بولغان تەلەپپۇر رايۇنىنى تاللاپ چىقىش لازىم بولىدۇ.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئۈستىدە 20_ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان تىل تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس بولغان دىيالېكتنىڭ مەركىزىي دىيالېكت ئىكەنلىكى ۋە نىسبەتەن ئۆلچەملىك تەلەپپۇز رايۇنىنىڭ ئۈرۈمچى ئىكەنلىكى بېكىتىلدى.

بۇ نوقتىنى ئۈرۈمچى رايۇنىنىڭ زامانىمىزدا ئالدى بىلەن سىياسىي مەركەز ،شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغانلىقى ،ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بۇ رايۇنغا توپلىنىشى ۋە ھەر قايسى دىيالېكتلار ۋە شىۋىلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى يىغىنچاقلىغان ھالدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي ئېغىز تىلىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر ئۆلچەملىك تەلەپپۇزىنى شەكىللەندۈرگەنلىكى،بۇنىڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى تەرپىدىن ئورتاق ئېتىراپ قىلىنغانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.بولۇپمۇ 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن ئېتىبارەن، بۇ رايۇندا مەدەنىيەت- مائارىپ ئىشلىرىنىڭ كۈنسىرى گۈللىنىشى،كىنو-تىياتىر،رادىيو_تېلېۋىزىيە،ئاخبارات ۋە نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشى،ھەر دەرىجىلىك بىلىم يۇرتلىرىنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق كۆپلىگەن ئاكتىپ ئامىللار ئۈرۈمچى تەلەپپۇزىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەدەبىي تەلەپپۇزىغا ئاساس بولالايدىغان،مەركىزىي دىيالېكت ئىچىدىكى باشقا شېۋىلەر تەلەپپۇزىغا نىسبەتەن ئۆلچەملىك تەلەپپۇز بولۇپ قالىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

بىر مىللەت تىلىدىكى دىيالېكت ۋە شېۋە ئالاھىدىلىكلىرى ئۇزاق بىر مەزگىل ئىچىدە ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ قالالايدۇ.ئۇلار ئۆز تەرەققىياتى جەريانىدا بىر تەرەپتىن ئەدەبىي تىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقىتىپ بارىدۇ،يەنە بىر تەرەپتىن پايدىلىك تەركىبلىرى بىلەن شۇ ئەدەبىي تىلنى بېيىتىپ بارىدۇ ۋە ئاخىرى شۇ ئەدەبىي تىلى بىلەن بولغان پەرقلىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىدۇ.مۇنداق تەرەققىيات جەريانى ھەرقايسى مىللەت تىللىرىدا ۋە ئۇلارنىڭ دىيالېكت،شېۋىلىرىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە داۋاملىشىدۇ.بۇ نوقتىدا ئاساسىي ھەل قىلغۇچ ئامىل مەدەنىيەت،مائارىپ،پەن_تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەدەبىي تىل بىلەن دىيالېكت ۋە شېۋىلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت شۇنداق بولغاچقا،بىز ئەمەلىي تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق مۇئەييەنلەشتۈرگەن،نىسبەتەن ئۆلچەملىك تەلەپپۇزغا ۋەكىللىك قىلىدىغان شېۋىدىمۇ مەلۇم مەزگىل ياكى ئۇنداق،ياكى مۇنداق شېۋە ئالاھىدىلىكلىرى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.شۇڭا ئەدەبىي ئېغىز تىلى نورمىلىرىنى بېكىتىش بىر تىلدىكى فونېتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى تەلەپپۇز جەھەتتىن بىر قېلىپقا سېلىشنى،جۈملىدىن نىسبەتەن ئۆلچەملىك تەلەپپۇز رايۇنىدىكى شېۋىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنىمۇ مەلۇم دەرىجىدە شاللېۋىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ.مانا بۇ ئەدەبىي تەلەپپۇزنىڭ قېلىپلاشتۇرۇش مەسىلىسىدۇر.

2.ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسىنى تۈزۈش پىرىنسىپلىرى

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا،سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزىغىمۇ ئوخشاشلا ئېتىبار بېرىش ئىنتايىن موھىم.ئادەتتە ئىملا قائىدىسى كىشىلەرنى خاتا يېزىشتىن چەكلىسە،تەلەپپۇز قائىدىسى سۆزلەرنى توغرا،ئۆلچەملىك تەلەپپۇز قىلىشقا يېتەكلەيدۇ.تەلەپپۇز قائىدىسى ئىمكانقەدەر ئىملا قائىدىسىگە بېقىنىشى،يەنى سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزى ئىمكانقەدەر ئىملاسى بىلەن ئوخشاش بولۇشى شەرت.جانلىق تىل ئۆزگىرىشچان بولغانلىقتىن تىزگىنلەنمىسە،ئىملا بىلەن تەلەپپۇز ئوتتۇرسىدىكى پەرق بارا-بارا چوڭىيىپ بېرىپ،جانلىق تىل بىلەن يېزىق تىلىنىڭ ئۆزئارا ماسلاشماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ- دە،ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا،ئىجتىمائىي ئالاقىگە مەلۇم قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ بېرىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئىلمىي بولغان تەلەپپۇز قائىدىسىنى تۈزۈش ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىنتايىن موھىم.تەلەپپۇز قائىدىسىنى تۈزۈشتە ئالدى بىلەن ئۇنىڭ پىرىنسىپلىرىنى بەلگىلەش لازىم.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسىنى تۈزۈشتىكى پىرىنسىپلار تۆۋەندىكىچە:

1)ئىمكانقەدەر سۆز تەركىبىدىكى ھەر بىر ھەر بىر تاۋۇشنى ئېلىپبەدە بېكىتىلگەن تاۋۇش نورمىسى بويىچە تەلەپپۇز قىلىش،سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزىنىڭ شۇ سۆزنىڭ ئىملاسى بىلەن بىردەك بولۇشىنى تەكىتلەش؛جۈملە تەركىبىدىكى سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلىشتا،نوقۇل ھالدا نۇتۇقنىڭ راۋانلىقىنى قوغلىشىپ كەتمەسلىك؛جۈملە تەركىبىدىكى مەلۇم سۆزنىڭ تەلپپۇزىدا ئۆزىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى سۆزلەرنىڭ تەسىرىدىن يۈز بېرىدىغان فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەرنى ئىپادە قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئەھۋاللاردا ئىملانى ئاساس قىلىش.

ھەر قانداق يېزىق تىل جانلىق تىل ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ.لېكىن ئۇ شەكىللەنگەندىن كېيىن يېزىقنىڭ چەكلەش رولى ۋە ئىملا قائىدىسى ئارقىلىق جانلىق تىلغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇنى توغرا يېتەكلەيدۇ.ھەمدە تەلپپۇزنىڭ بىر قېلىپقا چۈشۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.بۇ نوقتىدىن ئالغاندا،ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلەپپۇز نورمىلىرىنىڭ ئىملا نورمىلىرى بىلەن بىر خىلدا بولۇشنى تەكىتلەش تولىمۇ موھىم.

2)فىزىيولوگىيەلىك شارائىت يار بەرمىگەن ئايرىم ئەھۋاللاردا سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى قوغلاشماي،تەلەپپۇزغا مەلۇم جەھەتتىن يول قويۇش.

جانلىق تىلمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.بەزى سۆزلەر كونكىرىت ئالاقە شارائىتىدا يېزىقتا ئىپادىلەنگىنى بويىچە تەلەپپۇز قىلىنسا،نۇتۇقنىڭ راۋانلىقى ۋە يېقىملىقلىقىغا تەسىر يىتىدۇ.شۇڭا تەلەپپۇز قائىدىسىنى بېكىتىشتە،ھەممىلا ئورۇندا سۆزلەرنىڭ ئىملاسى بىلەن تەلەپپۇزنىڭ بىردەك بولۇشىنى ئاشۇرۇش كېرەك دېگەن تەلەپنى قويغىلى بولمايدۇ.


ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەلەپپۇز قائىدىسى


سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزى ئاساسەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.ئەمما ئايرىم ئەھۋاللاردا يۇقىرىدىكى ئىككىنچى پىرىنسىپ بويىچە ھەل قىلىنىدۇ.بۇ قېتىم تەلەپپۇز قائىدىسىنى بېكىتىشتە،سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزى بىلەن ئىملاسىنىڭ بىردەك بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلدى.بۇنىڭدا دېققەت قىلىدىغان نوقتىلار تۆۋەندىكىچە:

1)بوغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلگەن ”ر،ل،ھ “ تاۋۇشلىرى نۇتۇقتا ھەر قانداق ئەھۋالدا چۈشۈرۈلمەيدۇ.ئەمما سىلىقراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:


ئىملاسى                                                       تەلەپپۇزى

ئانار                                                        ئانار(ئانا: ئەمەس)

دۇتار                                                       دۇتار(دۇتا: ئەمەس)

بارغان                                                     بارغان ( با:غان ئەمەس)

كۆرگەن                                                   كۆرگەن (كۆ:گەن ئەمەس)

ئالغان                                                   ئالغان ( ئا:غان ئەمەس)

بولغان                                                  بولغان (بو: غان ئەمەس)

چالماق                                                  چالماق (چا:ماق ئەمەس)

سالماق                                                  سالماق (سا:ماق ئەمەس)

پادىشاھ                                      پادىشاھ (پادىشا ئەمەس)

ئارامگاھ                                     ئارامگاھ (ئارامگا ئەمەس)

ھېيتگاھ                                      ھېيتگاھ (ھېيتگا ئەمەس)

2)پېئىللارنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى شەخس قوشۇمچىلىرىنىڭ ئايىغىدىكى ”ن“ تاۋۇشى چۈشۈرۈلمەي ،ئۆز پېتى تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: 

ئىملاسى                                                  تەلەپپۇزى

بارىمەن                                         بارىمەن(بارىمە ئەمەس)

كېلىمەن                                        كېلىمەن (كېلىمە ئەمەس)

بارىسەن                                       بارىسەن (بارىسە ئەمەس)

كېلىسەن                                         كېلىسەن (كېلىسە  ئەمەس) 

3)  (1) رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق باشقا ياۋرۇپا تىللىرىدىن قۇبۇل قىلىنغان ”س“ ياكى ”ش“ جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلىرى ئۆزىدىن باشقا جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن قاتارلىشىپ،ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش سۆز بېشى بولۇپ كەلگەن سۆزلەردە،قاتارلىشىپ كەلگەن ئىككى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئالدىغان ”ئى“سوزۇق تاۋۇشى قوشۇلۇپ جاراڭسىز ۋە قىسقا تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: 

ئىملاسى                                               تەلەپپۇزى

ئىستىل                                             ئىستىل

ئىستاكان                                         ئىستاكان

ئىشتات                                            ئىشتات

ئىشكاپ                                          ئىشكاپ 

(2) رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق باشقا ياۋرۇپا تىللىرىدىن قۇبۇل قىلىنغان ”س“ ياكى ”ش“ جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلىرىدىن باشقا جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن قاتارلىشىپ ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش سۆز بېشى بولۇپ كەلگەن سۆزلەردە، قاتارلىشىپ كەلگەن ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئارىسىغا“ئى“سوزۇق تاۋۇشى قوشۇلۇپ جاراڭسىز ۋە قىسقا تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: 

ئىملاسى                                          تەلەپپۇزى

پىتومائىن                                       پىتومائىن

پىتېروكارىيە                                    پىتېروكارىيە

فىتور                                               فىتور 

(3) رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق باشقا ياۋرۇپا تىللىرىدىن قۇبۇل قىلىنغان ئالدىنقىسى جاراڭسىز كېيىنكىسى جاراڭلىق ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش قاتارلىشىپ سۆز بېشى بولۇپ كەلگەن سۆزلەردە، بۇ ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئارىسىغا ”ئى“سوزۇق تاۋۇشى قوشۇلۇپ،جاراڭلىق ۋە قىسقا تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: 

ئىملاسى                                                     تەلەپپۇزى

سىمولا                                                   سىمولا

سىلانېتىس                                             سىلانېتىس

شىلانكا                                                 شىلانكا

پىرىنسىپ                                             پىرىنسىپ

تىراكتۇر                                                تىراكتۇر

خىروم                                                     خىروم

كىلاسسىك                                          كىلاسسىك


(4) رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق باشقا ياۋرۇپا تىللىرىدىن قۇبۇل قىلىنغان ئىككى جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش قاتارلىشىپ سۆز بېشى بولۇپ كەلگەن سۆزلەردە،بۇ ئىككى جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش ئارىسىغا ”ئى“سوزۇق تاۋۇشى قوشۇلۇپ،جاراڭلىق ۋە قىسقا تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: 

ئىملاسى                                           تەلەپپۇزى

بىراخما                                         بىراخما

بىرىتۋا                                        بىرىتۋا

بىرىليانت                                  بىرىليانت

بىروم                                         بىروم

بىرونېۋىك                                 بىرونېۋىك

دىراپ                                      دىراپ

دىراما                                     دىراما 

(5)بەزى سۆزلەردە بوغۇم ئاخىرىدىكى بەزى ئۈزۈك تاۋۇشلار تارىخىي فونېتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن چۈشۈپ قېلىپ،ئەسلى يېپىق بوغۇم ئوچۇق بوغۇمغا ئايلانغان بولسا،چۈشۈپ قالغان ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئالدىدىكى سوزۇق تاۋۇش سوزۇپراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: 

ئىملاسى                                                 تەلەپپۇزى

ئەتە (ئەسلى ئەرتە)                               ئە:تە

باغاق(ئەسلى بارغاق)                             با:غاق

چۇقان (ئەسلى چۇۋقان)                         چۇ:قان


ئەسكەرتىش:

(6) ”ر“ تاۋۇشىنىڭ ئالدىدا كەلگەن ”ئا،ئە،ئو،ئۆ،ئې“تاۋۇشلىرى ئۇزۇنراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: 

ئىملاسى                                                  تەلەپپۇزى

ئارا                                                        ئا:را

ھەرە                                                         ھە:رە

ئورۇق                                                      ئو:رۇق

ئۆرە                                                          ئۆ:رە

يورۇق                                                       يو:رۇق

بېرىپ                                                      بې:رىپ

يېرىپ                                                      يې:رىپ 

(7) ”ر،ل“تاۋۇشلىرىنىڭ ئالدىدا كەلگەن ”ئۇ،ئۈ،ئى“تاۋۇشلىرى قىسقىراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.مەسىلەن: 

ئىملاسى                                             تەلەپپۇزى

تۇرۇپ                                                  تۇرۇپ

تۇلۇم                                                   تۇلۇم

كۈلۈپ                                                   كۈلۈپ

كۈرۈك                                                   كۈرۈك

بىلىم                                                      بىلىم

بىلىپ                                                    بىلىپ

چىرىك                                                 چىرىك

قىرىپ                                                   قىرىپ

بىراق                                                    بىراق

بىلەن                                                بىلەن

تىلىم                                                 تىلىم

چىلىم                                                چىلىم


جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئالدىدا ”ئۇ،ئۈ،ئى“سوزۇق تاۋۇشلىرى كەلسە،بۇلار تەلەپپۇزدا جاراڭسىزلىشىدۇ: مەسىلەن:


ئىملاسى                                               تەلەپپۇزى

ئۇت                                                        ئۇت

ئۇچ                                                        ئۇچ

كۈت                                                       كۈت

كۈچ                                                       كۈچ

ئىت                                                       ئىت

پىت                                                        پىت 

(8)ئەرەب،پارس تىللىرىدىن قۇبۇل قىلىنغان تۆۋەندىكىدەك بىر قىسىم سۆزلەردىكى“ئا،ئە“تاۋۇشلىرى ئۇزۇنراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:


ئىملاسى                                         تەلەپپۇزى

ئادەم                                          ئا:دەم

نالە                                             نا:لە

ئىئانە                                          ئىئا:نە

ماھىر                                           ما:ھىر

زالىم                                             زا:لىم

نامەرت                                        نا:مەرت

سايە                                            سا:يە 

(9)بىر قىسىم ”ر،ل“بىلەن ئاياغلاشقان بىر بوغۇملۇق سۆزلەرنىڭ تەركىبىدىكى “ ئا“ ۋە ”ئە“ تاۋۇشلىرى ئەسلىدە ئۇزۇنراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.مۇنداق سۆزلەرگە قوشۇمچە قوشۇلغاندىمۇ،بۇ ”ئا“ ۋە ”ئە“تاۋۇشلىرى ئۆز ئۇرغۇسىنى يوقاتمىغانلىقتىن،“ئې“غا نۆۋەتلەشمەي، تەلەپپۇزدا ئۇزۇنراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:


ئىملاسى                                           تەلەپپۇزى

سان_سانى                                        سا:نى

پال_ پالى                                       پا:لى

زال_ زالى                                        زا:لى

شال_ شالى                                       شا:لى

ھال _ ھالى                                      ھا:لى

يال_ يالى                                       يا:لى

قار_ قارى                                         قا:رى

تار_ تارى                                          تا:رى

يار_ يارى                                       يا:رى

تەر_ تەرى                                      تە:رى

كار _ كارى                                     كا:رى

پار _ پارى                                      پا:رى

شار _ شارى                                     شا:رى

دار _ دارى                                     دا:رى

گار_ گارى                                      گا:رى


(10) ”ت،ن،پ،ز،ش“ قاتارلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە تىل ئورنى ياكى تاۋۇش چىقىرىش ئۇسۇلى مۇشۇ تاۋۇشلارغا ئوخشاش بولغان تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا،نوتۇقتا ئومۇمەن ئاسسىملياتسىيە ھادىسىسىگە يول قويۇلماي،سۆزنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش ئۆز پېتى تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: 

ئىملاسى                                                   تەلەپپۇزى

ئاتسا                                              ئاتسا(ئاسسا ئەمەس)

ساتسا                                              ساتسا( ساسسا ئەمەس)

كەتسە                                             كەتسە (كەسسە ئەمەس)

ئونبىر                                              ئونبىر (ئومبىر ئەمەس)

شەنبە                                              شەنبە (شەمبە ئەمەس)

تۇرپانغا                                          تۇرپانغا(تۇرپاڭغا ئەمەس)

يامانغا                                           يامانغا(ياماڭغا ئەمەس)

ئوقۇپباق                                         ئوقۇپباق(ئوقۇپپاق ئەمەس)

يېزىپبەر                                          يېزىپبەر(يېزىپپەر ئەمەس)

مەنمۇ                                             مەنمۇ(مەممۇ ئەمەس)

يامانلىق                                         يامانلىق( ياماللىق ئەمەس)

يۈزسىز                                             يۈزسىز(يۈسسىز ئەمەس)

تۇزسىز                                              تۇزسىز(تۇسسىز ئەمەس)

پىشسۇن                                          پىشسۇن(پىسسۇن ئەمەس) 

(11) بوغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلگەن ”ب،د“ ئۈزۈك تاۋۇشلىرى تەلەپپۇزدا،جاراڭسىز پارتىلىغۇچى ”ت،پ“تاۋۇشلىرىغا يېقىنراق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:

ئىملاسى                                        تەلەپپۇزى

ئەۋلاد                                       ئەۋلاد(ئەۋلات ئەمەس)

تەنقىد                                      تەنقىد (تەنقىت ئەمەس)

ئىقتىساد                                   ئىقتىساد(ئىقتىسات ئەمەس)

ئازاب                                      ئازاب(ئازاپ ئەمەس)

ئەدىب                                   ئەدىب(ئەدىپ ئەمەس)

كىتاب                                     كىتاب(كىتاپ ئەمەس) 

(12) بوغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلگەن ”ق،چ“تاۋۇشلىرى تەلەپپۇزدا ئۆز پېتى تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: 

ئىملاسى                                                تەلەپپۇزى

ئاقساقال                                        ئاقساقال(ئاخساقال ئەمەس)

ساقچى                                          ساقچى (ساخچى ئەمەس)

ئۇقتۇرۇش                                       ئۇقتۇرۇش (ئۇختۇرۇش ئەمەس)

تۇراقسىز                                         تۇراقسىز(تۇراخسىز ئەمەس)

ئاچقان                                         ئاچقان(ئاشقان ئەمەس)

قاچقۇن                                         قاچقۇن(قاشقۇن ئەمەس)

ئۇچقان                                         ئۇچقان(ئۇشقان ئەمەس)

ئاچقۇچ                                        ئاچقۇچ (ئاشقۇچ ئەمەس)


(13)بوغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلگەن ”ج ”تاۋۇشى نۇتۇقتا ”ژ ”تاۋۇشىغا نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي،ئۆز پېتى يېنىكرەك تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: 

ئىملاسى                                                     تەلەپپۇزى

باج                                                       باج (باژ ئەمەس)

كاج                                                كاج (كاژ ئەمەس)

ئۈجمە                                            ئۈجمە(ئۈژمە ئەمەس)

ئىجتىمائىي                                     ئىجتىمائىي(ئىژتىمائىي ئەمەس)


(14)ئىككىنچى تەركىبىدىكى ”ب“ بىلەن باشلانغان بىرىككەن سۆزلەرنىڭ ئىككىنچى تەركىبىنىڭ بوغۇم بېشىدىكى ”ب “ تاۋۇشى تەلەپپۇزدا ”ۋ“غا نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي،ئىملاسى بويىچە تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.مەسىلەن:


ئىملاسى                                              تەلەپپۇزى

بەلباغ                                           بەلباغ(بەلۋاغ ئەمەس)

گۈلباغ                                           گۈلباغ(گۈلۋاغ ئەمەس)

قاپاقباش                                       قاپاقباش (قاپاقۋاش ئەمەس)

كاتتىباش                                      كاتتىباش(كاتتىۋاش ئەمەس)

ئونبېشى                                         ئونبېشى(ئونۋېشى ئەمەس)

يۈزبېشى                                          يۈزبېشى(يۈزۋېشى ئەمەس)

يۈزبېگى                                           يۈزبېگى(يۈزۋېگى ئەمەس)

مىڭبېگى                                          مىڭبېگى(مىڭۋېگى ئەمەس)

ئەمەتباقى                                      ئەمەتباقى(ئەمەتۋاقى ئەمەس)

(15)بىرىنچى تەركىبىنىڭ ئاخىرىدا ”ئا“ ۋە ”ئە“تاۋۇشلىرى كېلىدىغان بىرىككەن سۆزلەر،يەر_جاي ناملىرى ۋە جۈپ سۆزلەرنىڭ ئىملاسىدا،ئەگەر بىرىنچى تەركىبتىكى ”ئا“ ۋە“ئە“تاۋۇشلىرى“ئى“نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي ئۆز پېتى يېزىلغان بولسا،بۇ يەردىكى ”ئا“ۋە“ئە“ تاۋۇشلىرى تەلەپپۇزدا سەل قىسقا تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:


ئىملاسى                                               تەلەپپۇزى

قاراماي                                          قاراماي(قارىماي ئەمەس)

ئاراساي                                          ئاراساي(ئارىساي ئەمەس)

ئارائۆستەڭ                                    ئارائۆستەڭ(ئارىئۆستەڭ ئەمەس)

جاغداساي                                     جاغداساي(جاغدىساي ئەمەس)

جىگدەمازار                                    جىگدەمازار(جىگدىمازار ئەمەس)

دۈشەنبەبازار                                 دۈشەنبەبازار(دۈشەنبىبازار ئەمەس)

ئاتا-ئانا                                      ئاتا-ئانا(ئاتى-ئانا ئەمەس)

ئانا-بالا                                        ئانا-بالا(ئانى-بالا ئەمەس)

خالتا-خالتا                                    خالتا-خالتا(خالتى-خالتا ئەمەس)

ئارقا-ئارقىدىن                  ئارقا-ئارقىدىن(ئارقى-ئارقىدىن ئەمەس)

ئەتە-ئۆگۈن                       ئەتە-ئۆگۈن(ئەتى-ئۆگۈن ئەمەس)

كەلسە-كەلمەس             كەلسە-كەلمەس(كەلسى-كەلمەس ئەمەس)


ئەگەر بىرىنچى تەركىبنىڭ ئاخىرىدىكى“ئا“ ۋە ”ئە“ تاۋۇشلىرى ئىملادا ”ئى“غا نۆۋەتلەشتۈرلۈپ بېكىتىلگەن بولسا،ئوخشاشلا بۇ يەردىكى ”ئى“تاۋۇشى سەل قىسقا تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:


ئىملاسى                                                 تەلەپپۇزى

قاغىتۇمشۇق                                         قاغىتۇمشۇق

قارىمۇچ                                               قارىمۇچ

بالىياتقۇ                                              بالىياتقۇ

تۆگىتاپان                                            تۆگىتاپان 

(16)كىشى ئىسىملىرى ئىملاسى بويىچە تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:


ئىملاسى                                                 تەلەپپۇزى

يۈسۈپ ئاكا                                    يۈسۈپ ئاكا(يۈسۈۋاكا)

تالىپ ئاخۇن                                 تالىپ ئاخۇن(تالىۋاخۇن ئەمەس)

زەينەپ ئاچا                                   زەينەپ ئاچا(زەينىۋاچا ئەمەس)

ئەركىنئاي                                        ئەركىنئاي(ئەركىناي ئەمەس)

گۈزەلئاي                                         گۈزەلئاي(گۈزەلاي ئەمەس)


(17)”ئىدى،ئىكەن،ئىمىش“ياردەمچى پېئىللىرى تۇرغۇن سۆزلەردىن كېيىن كەلگەندە،ئۆزىنىڭ ئالدىدىكى تۇرغۇن سۆزلەرگە قوشۇلماي تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:


ئۇچۇق بوغۇملۇق سۆزلەردىن كېيىن

ئىملاسى                                                   تەلەپپۇزى

ئالما ئىدى           ئالما ئىدى(ئالمىدى،ئالمىكەن،ئالمىمىش ئەمەس)

ئالتە ئىدى            ئالتە ئىدى(ئالتىدى،ئالتىكەن،ئالتىمىش ئەمەس)

توختى ئىدى        توختى ئىدى(توختىدى،توختىكەن،توختىمىش ئەمەس)


يېپىق بوغۇملۇق سۆزلەردىن كېيىن

ئىملاسى                                        تەلەپپۇزى

تاش ئىدى           تاش ئىدى(تاشىدى،تاشىكەن،تاشىمىش ئەمەس)

چايدان ئىدى      چايدان ئىدى  (چايدانىدى،چايدانىكەن،چايدانىمىش ئەمەس)

تۇمار ئىدى       تۇمار ئىدى(تۇمارىدى،تۇمارىكەن،تۇمارىمىش ئەمەس)

چەينەك ئىدى    چەينەك ئىدى(چەينەكىدى،چەينەكىكەن،چەينەكىمىش ئەمەس)

قەغەز ئىدى       قەغەز ئىدى(قەغىزىدى،قەغىزىكەن،قەغىزىمىش ئەمەس)


(18)جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش ”غ،گ“لار بوغۇم ئاخىرى بولۇپ كەلگەن سۆزلەرگە قوشۇمچىلارنىڭ مۇشۇ تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان ۋارىيانتى قوشۇلغاندا،ئۆزەكنىڭ ئاخىرىدىكى جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن قوشۇمچىنىڭ بېشىدىكى جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشنى بىرلا ۋاقىتتا ئارقا-ئارقىدىن تەلەپپۇز قىلىش قىيىن بولغاچقا،بۇ سۆزلەرگە ئىملادا قوشۇمچىلارنىڭ مۇشۇ تاۋۇشلارغا يېقىن جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇش“ق،ك“بىلەن باشلانغان ۋارىيانتى قوشۇلىدۇ.ئەمما تەلەپپۇزدا بوغۇم ئاخىرىدىكى“غ،گ ”تاۋۇشلىرى“ق،ك“گە نۆۋەتلەشتۈرۈلۈپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: 

ئىملاسى                                                           تەلەپپۇزى

باغقا                                                           باققا

تاغقا                                                           تاققا

تۇغقان                                                       تۇققان

ئەگكەن                                                     ئەككەن

تەگكەن                                                     تەككەن

بەگكە                                                        بەككە


(19)خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن سۆزلەردە قوشما يۈنمۇلار تەركىبىدىكى ئۆتكۈنچى سوزۇق تاۋۇشلار ئاساسىي سوزۇق تاۋۇش بىلەن بىر بوغۇم قىلىپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:


ئىملاسى                                                              تەلەپپۇزى

جۇڭخۇا                                                           جۇڭخۇا(جۇڭ_خۇ_ ا ئەمەس)

گۇاڭدۇڭ                                                         گۇاڭدۇڭ(گۇ_اڭ_دۇڭ ئەمەس)

تيەن ئەنمېن                                    تيەن ئەنمېن(تى-يەن-ئەن-مېن ئەمەس) 

(20)ئۇيغۇر تىلىدا باش ھەرپ بويىچە قىسقارتىلغان سۆزلەر شۇ ھەرىپلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدىكى نامى بويىچە تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:


ئىملاسى                                                               تەلەپپۇزى

ش ئۇ ئا ر (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى)           شې ئۇ ئا ر ې

ج ك پ (جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسى)              جې كې پې

ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى)              بې دې تې

ش ئا ئە ت (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى   شې ئا ئە تې 

(21)خەلقئارادا ھەرپ بويىچە قىسقارتىپ قوللىنىش ئادەتلىنىپ كەتكەن قىسقارتىلغان سۆزلەر تىلىمىزغا قۇبۇل قىلىنغاندا،خەلقئارادىكى لاتىن ھەرپلىرىنىڭ ئوقۇلىشى بويىچە تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: 

ئىملاسى                                                                    تەلەپپۇزى

WTO_ (دۇنيا سودا تەشكىلاتى)                              دابليۇ تې ئوۋ

GDP_ (ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى)      جى دى پى

BBC_ (ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتى)                          بى بى سى

KGB_ (دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى)                    كى گى بى

VCD_ (ۋىدىيولۇق ئوپتىكىلىق دىسكا)                    ۋى سى دى

DVD_ (رەقەملىك ۋىدىيولۇق دىسكا)                     دى ۋى دى

CD_ ( ئوپتىكىلىق دىسكا)                                     سى دى


(22) خەلقئارادا قىسقارتىپ يېزىلىپ كېلىۋاتقان ئۆلچەم بىرلىكلىرى ئۇيغۇر تىلىدىكى تولۇق نامى بويىچە تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:


ئىملاسى                                                                         تەلەپپۇزى

س م           (cm)                                                            سانتېمىتىر

ك م               (km)                                                        كىلومېتىر

ك ل                    (kl)                                                        كىلولىتىر

ك ۋ              (kw)                                                            كىلوۋات 

م گ            (mg)                                                          مىللىگىرام   

م م           (mm)                                                             مىللىمېتىر 

(23) تېلېفۇن ۋە پوچتا نۇمۇرلىرىنى ئوقۇشتا،ئالدىنقى ئۈچ خانىسى بىر ئوقۇلۇپ،قالغان خانىلىرى ئىككى ئىككىدىن ئوقۇلىدۇ.ئەگەر ئالدىنقى ئۈچ خانىسىدىن كېيىن بىر قانچە نۆل قاتار كېلىپ قالسا،ئىككى نۆلدىن كېيىن ”دانە“دېگەن سۆز قوشۇلۇپ ئوقۇلىدۇ. مەسىلەن:


ئىملاسى                              تەلەپپۇزى

8552357                       سەككىز يۈز ئەللىك بەش،يىگىرمە ئۈچ،ئەللىك يەتتە

13669923310         بىر يۈز ئوتتۇز ئالتە،ئاتمىش توققۇز،توقسان ئىككى،ئوتتۇز ئۈچ،ئون

830001                      سەككىز يۈز ئوتتۇز،ئىككى دانە نۆل،بىر

    0.0
    نومۇر

    • ساقلىۋىلىڭ
    • خاتالىق باركەن
    • بىسىپ چىقىرىش
    • باش بەت
    • ئىككىلىك كود
    
    数据统计中,请稍等!

    سىز بەلكىم بۇلارنىمۇ ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن

    ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
    دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
    باھا بېرىڭ:
    تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ
    二维码