تاللانغان ئالبوملار
- تۈركىيە چولپىنى
- دىلبەر يۇنۇس
- ئەركىن ئابدۇللا
- خالمۇرات ئۆمەر
- دىلنار ئابدۇللا
- كىنان ئىمىرزالىئوگلو
- مەرھۇم مۇرات ناسىروف
- ئابدۇللا ئابدۇرىھىم
- Abishek
- ھىندىستان گۇزەللىرى
- گۈلمىرە تۇرغۇن
- ئەركىن ئابدۇللا
- مۆمىنجان ئابلىكىم
- خەيرىگۈل ھەسەن
- ئەسقەر رېقىپ
- گۈلشەن مەمەتتۇرسۇن
- نازىگۇل
- دىلمۇرات تۇرسۇن
- ئابدۇكېرىم ئابلىز
- قەدىرىيە قاۋۇل
- ئارزۇگۇل رىشىت
- سادىق ھاجى ساتتار
- ۋىنرا نۇرمەمەت
- ئادىل سۇلايمان
- شارۇلخان
- ئەنجىلىنا.جۇلى
- جىيسېن.مايكول.ستەسېن
- مادوننا
- رىچارد زىرون
- پەرىدە قاسىم
دىلبەر يۇنۇس
دىلبەر يۇنۇس 1958- يىلى قەشقەر شەھىرىدىكى بىر ئاددىي خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ ، ئۆزىنىڭ ئاكاردىيۇن چېلىشتىكى ماھىرلىقى ۋە ئاھاڭنىڭ ياخشىلىقى بىلەن 1976- يىلى شىنجاڭ ناخشا - ئۇسۇل ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىنغان . 1980- يىلى ئۇ مەركىزى مۇزىكا ئىنىستۇتىغا قوبۇل قىلىنىپ ، ئېلىمىزنىڭ داڭلىق ناخشا- مۇزىكا تەربىيىچىسى چېن شىياڭنىڭ يېتەكلەپ تەربىيىلىشىدە بولغان . دىلبەر يۇنۇس ئۇستازىنىڭ قاتتىق تەلەپ قويۇشى، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن ناخشا تۇرى، مۇزىكا، ئۇسلۇب، چەتئەل تىلى قاتارلىق جەھەتلەردە يەتتە يىل ئەتراپلىق بىلىم ئېگىلىپ ، 1987- يىلى جۇڭگودىكى تۇنجى ناخشىلىق مۇزىكا ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن . 1984- يىلى 8- ئايدا فىنلاندىيىنىڭ پايتەختى خېلسنكىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارالىق مىريام ھايلىن ناخشا مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ، دۇنياۋى شۆھرەت قازانغان . دىلبەر يۇنۇس فىنلاندىيە دۆلەت ئوپېرا ئۆمىكىدە بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىس بولۇپ تۇرغان بەش يىل ئىچىدە، گوللاندىيە،دانىيە، شۋېتسىيە، ئىتالىيە، ئاۋستىرىيە ، ئىسپانىيە ، نورۋېگىيە شۋېتسارىيە، تۈركىيە ، ئامېرىكا، كانادا، ياپۇنيە ، سىنگاپور قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەردە 150 مەيدان يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ ، دۇنيا سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنى ھەيران قالدۇردى ۋە يۇقىرى باھاغا ئېرىشتى. دىلبەر يۇنۇس بېيجىڭدا ئوقۇپ ، بېيجىڭدا ئىشلەپ دۇنياغا تونۇلغان ئاتاقلىق ناخشىچىلىرىمىزنىڭ بىرى . ئۇ 1993- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە گېرمانىيىنىڭ بونن دۆلەت تىياتىرخانىسىنىڭ يالغۇز كىشىلىك ناخشىچىلىقىغا تەكىلىپ قىلىنغان. 1997- يىلى ۋە 1998- يىلى ئۇدا ئىككى يىل دۇنيا بويچە مەشھۇر يۇقىرى ئاۋازلىق ئايال ناخشىچى بىرىگىت نېلسۇن مۇكاپاتى- شۋېتسىيە ئەڭ ياخشى ئوپېرا ئاتىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ھازىر ئۇ فىنلاندىيە دۆلەت ئوپېرا تىياتىرخانسسنىڭ ئۆمۈرلۈك ناخشىچىسى بولۇپ، فىنلاندىيە بىلەن شۋېتسىيە ئۇنىڭغا « دۆلەت گۆھىرى » دەپ نام بەرگەن