تاللانغان ئالبوملار
- تۈركىيە چولپىنى
- دىلبەر يۇنۇس
- ئەركىن ئابدۇللا
- خالمۇرات ئۆمەر
- دىلنار ئابدۇللا
- كىنان ئىمىرزالىئوگلو
- مەرھۇم مۇرات ناسىروف
- ئابدۇللا ئابدۇرىھىم
- Abishek
- ھىندىستان گۇزەللىرى
- گۈلمىرە تۇرغۇن
- ئەركىن ئابدۇللا
- مۆمىنجان ئابلىكىم
- خەيرىگۈل ھەسەن
- ئەسقەر رېقىپ
- گۈلشەن مەمەتتۇرسۇن
- نازىگۇل
- دىلمۇرات تۇرسۇن
- ئابدۇكېرىم ئابلىز
- قەدىرىيە قاۋۇل
- ئارزۇگۇل رىشىت
- سادىق ھاجى ساتتار
- ۋىنرا نۇرمەمەت
- ئادىل سۇلايمان
- شارۇلخان
- ئەنجىلىنا.جۇلى
- جىيسېن.مايكول.ستەسېن
- مادوننا
- رىچارد زىرون
- پەرىدە قاسىم
ئارزۇگۇل رىشىت
2005-يىلى 8-ئايدا تەڭرىتاغ كىنو ستودىيىسى ئىشلىگەن «تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى» ناملىق كىنو فىلىمىدە باش پىرسۇناژ _ شوخ ۋە رومانتىك ھېسسياتقا باي قىز ئانارخاننىڭ رولىنى يۇقۇرى ماھارەت بىلەن ئېلىپ، ئۆزىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىگە باي ئېكران ئوبرازىنى نامايەن قىلىپ، تاماشىبىنلار قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇرغان بىر ياش ئاكتىيور بار، ئۇ بولسىمۇ كىنو ساھەسىگە تۇنجى قېتىم قەدەم بېسىشىغىلا قارىماي بىراقلا نام قازانغان يېڭى يۇلتۇز _ شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ ياش بالت ئوقۇتقۇچىسى ئارزۇگۇل رېشىتتۇر.ئارزۇگۇل رىشىت 1982-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1994-يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ تۇنجى قارار بالت كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. ئۇ 1998-يىلى مەكتەپ پۈتتۇرگەندىن كېيىن شىنياڭ مۇزىكا ئىنىستىتوتىنىڭ بالت كەسپىدە يەنە 3 يىل ئوقۇدى. 2001-يىلى 7-ئايدا ئوقۇشنى تاماملاپ، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ ئۇسسسۇل ئىنىستىتوتىغا تەقسىم قىلىندى. ھازىر بالت كەسپىدىن دەرس بەرمەكتە.ئارزۇگۇل 1998-يىلى 4-ئايدا ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى MTVپىلاستىنكىسى_«دوست خېنىم» دا پاك سۆيگۈ ۋە ئەركىنلىككە تەشنا ناتىۋان قىز دوست خېنىمنىڭ كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىغان ئېچىنىشلىق ئوبرازىنى چىن ھېسسيات بىلەن يۇرۇتۇپ بېرىش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە يىلدا ئۇ ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ۋە بالت ئۇسسۇلىنى ئەتراپلىق ئىگىلەپ، شۇنداقلا ئۆزىدە بەلگىلىك ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ سەنئەت ھاياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. ئارزۇگۇل 2003-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق TCLئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە «ئۇيقۇدىكى پەرىزات» ناملىق يالغۇز كىشىلىك بالت ئۇسسۇلىنى ئويناپ 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «چىراغ ئۇسسۇلى» ناملىق كوللېكتىپ ئۇسسۇلنى ئويناشقا قاتنىشىپ، 1-دەرىجىلىك ئورۇنداش مۇكاپاتىغا، «تۇنجى قار» ناملىق كوللېكتىپ ئۇسسۇلنى ئويناشقا قاتنىشىپ 1-دەرىجىلىك ئورۇنداش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 2005-يىلى مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان (CCTV) ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە كوللېكتىپ ئۇسسۇل «چىراغ ئۇسسۇلى»نى ئويناشقا قاتنىشىپ 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا نائىل بولدى. 2005-يىلى 11-ئايدا مەكتەپ ئويۇن قويۇش ئۆمىكى تەركىبىدە ياپۇنىيىگە بېرىپ، يەرلىك دولان مۇقامچىلىرى بىلەن ئويۇن قويۇشقا قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ ئۇسسۇل ئويناشتىكى ماھارىتىنى نامايەن قىلدى. بىز ئۇنىڭ «تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى» ناملىق كىنودىن باشلانغان جەلپ قىلىش كۈچىگە باي سەنئەت ھاياتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ زور مەنالارغا تولۇشىغا تىلەكداشمىز.