QOLPAN
خالمۇرات ئۆمەر
خالمۇرات ئۆمەر نىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى  ئۇ 1994- يىلى 5 - ئايدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ گۈلدەستە پروگراممىسىدا ھاراقكەش « چوڭ ئەيسا » نىڭ ئوبرازىنى چىن ھېسسىيات ، يۇمۇرلۇق خاراكتېر ، ئىخچام، ئاممىباب ھەم قىزىقارلىق تىل ۋە ھەرىكەتلەر بىلەن ئورۇنداپ ، خەلققە تونۇلغان خالمۇرات ئۆمەردۇر. ئۇ 1969 - يىلى 31 - يانۋار ، چاپچال ناھىيىسىنىڭ جاغىستاي يېزىسىدا بىر سەنئەتكار ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1991- يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ تىياتىر فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىندى . 1995- يىلى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندى. ئۇزاق ئۆتمەي ئۆمەك تەييارلىغان چوڭ تىپتىكى ئوپېرا « گۈلەمخان » دىكى باش پېرسوناژ ئەختەمنىڭ رولىنى ئىلىش ئۇنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى. خالمۇرات ئىلى دىيارىدا ياشاپ ئۆتكەن بۇ تارىخى شەخسنىڭ رولىنى ناھايىتى چىن، تەسىرلىك ئويناپ چىقتى. بۇ ئوپېرا ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭلاردا ئوينىلىپ، زىلزىلە پەيدا قىلدى . بۇ ئوپېرا مەملىكەتلىك جۇڭخۇا مەدەنىيەت مۇكاپاتى، بەش بىر قۇرۇلۇش مۇكاپاتى ۋە ئالتۇن توز مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 1998 - يىلى ئىشلەنگەن « قىرلىق ئىستاكان » ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ئۇ ئوسمان داڭگالنىڭ ئوبرازىنى ئىلىپ چىقىپ ، زور داغدۇغا قوزغىدى . ھەمدە خەلقنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى . 1999- يىلى 10- ئايدا ئۇ « ئالىمجان بولۇمسىزمۇ؟» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ئالىمجاننىڭ رولىنى ئىلىپ چىقتى . بۇ رولنى ئىلىپ چىقىپ ، بىراقلا ھەممە ساھەنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىپ ، تېلېۋىزىيە تىياتىرچىلىقىدا ، ئۆچمەس بىرى بەدىئىي ئوبرازنى بارلىققا كەلتۈردى ھەم گىگانېت چولپانغا ئايلاندى . ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ رول ئىلىش ۋە ئوبراز يارىتىشتىكى تىرىشچانلىقى بىلەن « چىن سۆيگۈ « ، « ساراڭ »، « چار خوراز» ، « بۇ كىشىنى تونۇمسىز؟ » قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئىلىپ ، چىقىپ ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىدا كىشىلەر قەلبىدە ئاجايىپ بىر ئۇنتۇلماس ئوبرازلارنى ياراتتى .

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203