QOLPAN
ئادىل سۇلايمان
ئۇيغۇر ئوغلانى ئادىلجان 1967-يىلى 8-ئايدا شىنجاڭ خوتەندە تۇغۇلغان. 1986-يىلى «1-ئاۋغۇست ۋاسكىتبول كوماندىسى»غا كىرگەن، 1989-يىلى دۆلەت ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تاللانغان. بوي ئىگىزلىكى 1.82مىتىر، بەدەن ئېغىرلىقى80كىلوگرام. مۇسابىقە مەيدانىدا 5-نۇمۇرلىق تەنھەرىكەت كىيمى كىيىدۇ. مۇداپىئە قىلىش ۋە ھۇجۇم تەشكىللەش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، مۇسابىقە ئەھۋالىنى كۈزىتىشكە ماھىر بولغاچقا، كىشىلەر تەرىپىدىن«ۋاسكىتبول مەيدانىدىكى سېھرىگەر»دەپ ئاتالغان. ئادىلجان كىچىكىدىن ۋاسكىتبولغا قىزىقاتتى. 1979-يىلى ئادىلجان 13ياش ۋاقتىدا دادىسى سۇلايمان ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تالانتىنى بايقاپ، ئۇنى شىنجاڭ تەنتەربىيە مەكتىپىگە ئوقۇشقا ئەۋەتمەكچى بولىدۇ، لىكىن ئادىلجاننىڭ بويى ئۆلچەمگە توشمىغانلىقتىن، ئۇ ۋاسكىتبول سىنىپىغا كىرەلمەي ئامالسىز پۇتبول سىنىپىغا كىرىدۇ. 3ئايدىن كىيىنكى بىر ۋاسكىتبول مۇسابىقىدە، ئۇ باشچىلىقىدىكى پۇتبول سىنىپى ۋاسكىتبول سىنىپىنى يىڭىۋالىدۇ. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭ ۋاسكىتبول ئويناش ھاياتى رەسمى باشلىنىدۇ. «سېھرىگەر» دىگەن نامنى ئىلىش ئاسان ئەمەس ئەلۋەتتە. بۇنىڭ ئارقىدا ئادىلجاننىڭ ھارماي-تالماي كۈرەش قىلىش ۋە جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىش روھى بار. بولمىسا بويى ئاران 1.82كىلىدىغان بىر تەنھەركەتچىنىڭ دۆلەت ۋاسكىتبول كوماندىسىغا كىرىشى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ئۇ ھازىر «1-ئاۋغۇست ۋاسكىتبول كوماندىسى»نىڭ باش تېرنىرى، دۆلەت ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ياردەمچى تېرنىرى. «1-ئاۋغۇست كوماندىسى» ھەر يىلقى مەملىكەتلىك ۋاسكىتبول بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىدە ئىزچىل ياخشى نەتىجىنى ساقلاپ كەلدى. ۋەزىيەت ياخشى بولمىغان ئەھۋاللاردا ئادىلجان ئۆزى كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چۈشۈپ، بۇ كوماندىنىڭ 5يىل ئۇدا مەملىكەت چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشىدە ئالاھىدە رول ئوينىدى.

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203