تاللانغان ئالبوملار
- تۈركىيە چولپىنى
- دىلبەر يۇنۇس
- ئەركىن ئابدۇللا
- خالمۇرات ئۆمەر
- دىلنار ئابدۇللا
- كىنان ئىمىرزالىئوگلو
- مەرھۇم مۇرات ناسىروف
- ئابدۇللا ئابدۇرىھىم
- Abishek
- ھىندىستان گۇزەللىرى
- گۈلمىرە تۇرغۇن
- ئەركىن ئابدۇللا
- مۆمىنجان ئابلىكىم
- خەيرىگۈل ھەسەن
- ئەسقەر رېقىپ
- گۈلشەن مەمەتتۇرسۇن
- نازىگۇل
- دىلمۇرات تۇرسۇن
- ئابدۇكېرىم ئابلىز
- قەدىرىيە قاۋۇل
- ئارزۇگۇل رىشىت
- سادىق ھاجى ساتتار
- ۋىنرا نۇرمەمەت
- ئادىل سۇلايمان
- شارۇلخان
- ئەنجىلىنا.جۇلى
- جىيسېن.مايكول.ستەسېن
- مادوننا
- رىچارد زىرون
- پەرىدە قاسىم
ئەسقەر رېقىپ
ئۆزىنىڭ شوخ، مەردانە ئۇسسۇللىرى، يۇمۇرىستىك تۇيغۇغا باي لەپەرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر سەنئەت تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇش بىلەن خەلقىمىز ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغان خەلق ئوغلانى - ئاتەش يۈرەك ئەسقەر رېقىپ 1969-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى توقسۇن ناھىيە ئىلانلىق يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1983- يىلى 9-ئايدا سابىق شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ، 1987-يىلى 7-ئايدا مەكتەپ پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان. ئەسقەر رېقىپ ئۇيغۇر ئۇسسۇل سەنئىتىگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ قاتتىق چىدام، ئۇلۇغۋار روھ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئورۇنداش ماھارەتلىرىنى بارغانسىرى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ئانا دىيارىمىزدىكى تەسىرى زور ئاتاقلىق ياش سەنئەتكارغا ئايلاندى. ئەسقەر رېقىپ كۆپ قېتىم چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇل كېچىلىكلىرىدە باش رول ئورۇندىغۇچى بولغاندىن سرت، <<دولانلىقلار>>، <<پوتا ئۇسسۇلى>>، <<چوقان>> قاتارلىق ئۇسسۇللىرى خەلقئارا ۋە مەملىكەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە مۇكاپاتلاندى ھەمدە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن باشقا <<سۆيگۈ>>، <<ئىناق ئائىلە>>، <<يېڭى دوست خېنىم>>، <<لەيلى - مەجنۇن>> قاتارلىق لەپەرلىرى بىلەن ئۆزگىچە ئۇسلۇب يارىتىپ، ئۇيغۇر سەنئىتىگە يېڭىچە ھۆسۈن قوشتى. ئۇ يەنە مىسىر، ئىتالىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سۈرىيە، ئىسرائىلىيە، فرانسىيە، روسىيە، ياپونىيە قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق دۆلەتكە ئويۇن قويغىلى بېرىپ ئۇيغۇر سەنئىتىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى.