تاللانغان ئالبوملار
- تۈركىيە چولپىنى
- دىلبەر يۇنۇس
- ئەركىن ئابدۇللا
- خالمۇرات ئۆمەر
- دىلنار ئابدۇللا
- كىنان ئىمىرزالىئوگلو
- مەرھۇم مۇرات ناسىروف
- ئابدۇللا ئابدۇرىھىم
- Abishek
- ھىندىستان گۇزەللىرى
- گۈلمىرە تۇرغۇن
- ئەركىن ئابدۇللا
- مۆمىنجان ئابلىكىم
- خەيرىگۈل ھەسەن
- ئەسقەر رېقىپ
- گۈلشەن مەمەتتۇرسۇن
- نازىگۇل
- دىلمۇرات تۇرسۇن
- ئابدۇكېرىم ئابلىز
- قەدىرىيە قاۋۇل
- ئارزۇگۇل رىشىت
- سادىق ھاجى ساتتار
- ۋىنرا نۇرمەمەت
- ئادىل سۇلايمان
- شارۇلخان
- ئەنجىلىنا.جۇلى
- جىيسېن.مايكول.ستەسېن
- مادوننا
- رىچارد زىرون
- پەرىدە قاسىم
مۆمىنجان ئابلىكىم
ياش ناخشىچىمىز مۆمىنجان ئابلىكىم 1976-يىلى 18-مارت كۈنى مېھرى ئاتەش زېمىن قەشقەرنىڭ مارالبېشى ناھىيىسى تۇمشۇق رايونى ( ھازىرقى تۇمشۇق شەھىرى ) غا قاراشلىق شاقۇ يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر خەلق سەنئەتكارى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . مۆمىنجاننىڭ ئائىلىسى جايلاشقان شاقۇ يېزىسى <<دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى كۆمۈلگەن>> تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ سىرلىق قۇچىقىغا سوزۇلۇپ كىرگەن بولۇپ ، پۈتۈنلەي مىللىي تۈس ئالغان ئەلنەغمە-مەشرەپلەر، سېھىرلىك رىۋايەت-چۆچەكلەر ، دالىنى قاپلىغان سانسىز توغراقلار مۆمىنجاننىڭ سەبىي چاغلىرىدىكى تۇرمۇش رېئاللىقى ئىدى . سەبىي مۆمىنجان ئۆتمۈش ۋە بۈگۈگە شاھىد بولغان ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ، يۈكسەك ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئاشۇ قەدىم توغراقلىقلاردا ئوينايتتى ، چارچىغاندا توغراقلارنىڭ سايىسى ئاستىدا ئولتۇرۇپ خىيال سۈرەتتى . چۆچەكلەردىكى بەخت-سائادەت ئەلچىسى بولمىش ئاپئاق ساقاللىق خىزىر بوۋاي ، گۈزەل بىر نازىنىننى كۈيلەپ راۋاب چېلىۋاتقان ئاشىق يىگىت ، گۈل -چىچەكلەردىن بېزەك تاقىغان ئاق قاناتلىق پەرىزات قىز ....... قاتارلىق سېھىرلىك ئوبرازلار ئاشۇ توغراقلىقلاردىن چىقىپ كېلىدىغاندەكلا تۇيۇلاتتى . دېمەكچىمىزكى ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ، ئانا تۇپراققا مەھكەم يېپىشقان قەدىم توغراقلار مۆمىنجانغا ئانا زېمىنغا مۇھەببەت باغلاش ، سەنئەتنى سۆيۈش ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن يۈكسەك ئىرادە تىكلەش ، جاسارەت بىلەن ئىجتىمائىي رېئاللىققا يۈزلىنىش ......... ھەققىدە تۇنجى دەرسلەرنى بەرگەن ئىدى . مۆمىنجاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كېيىنچە ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۇمشۇقتىكى چوڭ دادىسىنىڭ يېنىغا كۆچۈپ باردى . مۆمىنجان باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئەلا نەتىجىلەر بىلەن ئوقۇدى . بۇ جەرياندا مەكتەپتىكى ھەرخىل ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشتى . ھەر قېتىم پائالىيەت بولسىلا مۆمىنجان ناخشا ئېيتاتتى . 1960-،1970-يىللاردىكى ئۇنتۇلغۇسىز سەنئەتكارىمىز ئابدۇرېھىم ئەخمىدى تەرىپىدىن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇلغان << جانانىم كەلسە>> ناملىق خەلق ناخشىسى مۆمىنجانغا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قىلغان ئىدى . شۇڭا مۆمىنجان بۇ ناخشىنى پۇتۈن ھىسىياتى بىلەن ئېيتىشنى ئۆگىنىۋالدى . مۆمىنجان <<جانانىم كەلسە>> ناملىق بۇ ناخشىسى بىلەن باشلانغۇچنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىدا نۇرغۇن ئالقىشلارغا ئېرىشكەنلىكىنى ھازىرمۇ خشاللىق ئىچىدە ئەسلەيدۇ . 1994-يىلى يازدا مۆمىنجان تولۇق ئوتتۇرىنى تاماملاپ ، يۇقىرى نۇمۇر بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ ئارخېئولوگىيە كەسپىگە قوبۇل قىلىندى . مۆمىنجان ناخشا-مۇزىكىغا چۇڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن سەنئەت كەسپىنى تاللىماي ، ئارخېئولوگىيىدىن ئىبارەت غەيرى سەنئەت كەسپىدە ئوقۇيدۇ ؟ ئاساسىي سەۋەب شۇ يەردىكى ، مۆمىنجاننىڭ ئاتا تەرەپ بوۋىسى ئابدۇرېھىم ئابدۇللا (يەنى ئەل سۆيگەن سەنئەتكارىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ دادىسى) ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى چالغۇلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ۋايىغا يەتكغزۈپ چالالايدىغان ، ئەل ئىچىدە يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە خەلق سەنئەتلارى ئىدى . <<مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى>> مەزگىلىدىكى ئەسەبىي سىياسىي ھەركەتلەردە بۇ مۆھتىرەم كىشىمۇ باشقا نۇرغۇن زىيالىيلىرىمىزغا ئوخشاش جىمانىي ۋە رپھىي جەھەتلەردە ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى . كېيىن گەرچە ۋەزىيەت ياخشىلىنىپ ، زىيانكەشلىك ئاخىرلاشقان بولسىمۇ <<سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى ، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى>> دېگەندەك ، سەنئەت ئۈچۈن تارتقان ئەلەم ۋە خورلۇق بۇ سەنئەتكارنىڭ قەلبىدە ساقايماس جاراھەتلەرنى قالدۇرغان ئىدى . شۇڭا بۇ كىشى ئۆز جەمەتىدىن يەنە داۋاملىق سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ چىقىشىنى خالىمايتتى . ئەمما ، ئىرادىگە خىلاپ ھالدا سەنئەت گېنى غالىپ كېلىپ ، بۇ ئائىلىدىن ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ۋە ئابلەت ئابلىكىم يېتىشىپ چىقتى (مانا ئەمدىلىكتە بۇ ئىككىيلەن ئۇيغۇر ئاممىباب ناخشا-مۇزىكا ساھەسىگە زور تۆھپە قوشقان ، دىققەتكە سازاۋەر چولپانلارغا ئايلاندى ) . مۆمىنجان يۇقىرىدىكى سوئالنىڭ جاۋابىنى تولۇقلاپ مۇنداق دەيدۇ :<<ئالىي مەكتەپنىڭ ئارخېئولوگىيە كەسپىدە ئوقۇغىنىمغا ھەرگىزمۇ پۇشايمىنىم يوق ، چۈنكى مەكتەپتە نەھايىتى ياخشى ئوقۇدۇم . جەمئىيەتكە بىر بىلىملىك ياش سۈپىتىدە قەدەم باستىم . ھازىرمۇ ئارخېئولوگىيە ھەم تارىخقا ئائىت ماتېرىياللارنى كۆپ كۆرىمەن . ئالىي مەكتەپتىكى چاغلىرىمدىمۇ قانداقلا ئىجتىمائىي پائالىيەت بولسا ناخشا ئېيتاتتىم . ناخشا مۇزىكىغا بولغان مۇھەببەتنىڭ قېنىمدا بولۇشى مېنىڭ ناخشىچى بولۇشۇمدىكى بىر سەۋەب بولسا ، خەلقىمنىڭ مېنى چەتكە قاقمىغانلىقى يەنەبىر مۇھىم سەۋەب . چۈنكى ، مەن دەسلەپكى لېنتامنى چىقارغىنىمدا ،كىشىلەرنىڭ :<<بۇ بالا ئۆزبېكىستاننىڭ ، تۈركىيىنىڭ ناخشىلىرىنى ئېيتىدىكەن>> دەپ ماڭا زەربە بەرگەن بولسا ، ناخشا ئېيتىشتىن ۋاز كېچىپ ، ئۆز كەسپىمدىن ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىپ تارىخچى ياكى ئارخېئولوگ بولۇپ كېتىشىم تامامەن مۇمكىن ئىدى . لېكىن شۇ ۋاقىتتلاردا كىشىلەر ئارىسىدىن :<<مۆمىنجان دەپ بىر ناخشىچى يېتىلىۋىتىپتۇ . ئاۋازى ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭكىگە ئوخشايدىكەن . ئابدۇللانىڭ ئىنىسى ئىكەن>> دېگەندەك ياخشى ئىنكاسلار چىقىپ ، مىنى رىغبەتلەندۈردى . شۇنىڭ بىلەن ناخشا-مۇزىكا ساھەسىگە بېشىمچىلاپ كىرىپ كەتتىم .>> مۆمىنجان ئالىي مەكتەپتىمۇ ناھايىتى ياخشى ئوقۇدى . مۇشۇ بەش يىل جەريانىدا ئۇ تۇنجى نۆۋەتلىك <<كوجىما ياسنورى (شياۋداۋ كاڭيۈ ) ئوقۇش مۇكاپاتى>> ، شاڭخەي <<باۋگاڭ ئوقۇش مۇكاپاتى>> ، <<دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى>> ....... قاتارلىق بىر قانچە مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى . ھەرخىل ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە تولىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ ، ئىنستىتۇت <<ئوقۇغۇچىلار ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلۈمى>> نىڭ باشلىقلىق ۋە فاكۇلتېت <<ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسى>> نىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ياخشى ئۆتىدى . ھەرخىل مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىشقا بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشتى . بۇ چاغلاردىكى ئالدىراش ۋە جاپالىق ئۆگىنىش بېسىمى مۆمىنجاننىڭ ناخشا-مۇزىكىغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋەتتى . مۇشۇنداق بىر مۇھىت ئىچىدە مۆمىنجاننىڭ تۇنجى لېنتىسى <<خوش كېتىمەن>> نەشىردىن چىقتى . لېنتىدىكى <<جانانىم كەلسە>> ، <<ئازغۇن>> قاتارلىق نادىر ناخشىلار چوڭلىرىمىزنىڭ دىتىغا ياققان بولسا ، <<گۈلدەستە>> ، <<خوش كېتىمەن>> ،<<ئەي گۈزەل>> ، <<لالە>> قاتارلىق ناخشىلار ياشلىرىمىزنىڭ روھىغا تولىمۇ خۇش ياقتى . دېمەك ، ناخشا-مۇزىكا ساھەسىدىكى تۇنجى قەدەمنىڭ ئوڭۇشلۇق بېسىلىشى مۆمىنجاننىڭ ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ ئاشۇردى . ئوقۇش پۈتتۈرگەن يىلى (يەنى 1999-يىلى) مۆمىنجاننىڭ <<چۈشۈمدە سەن>> ناملىق سىنتەخسە پىلاستىنكىسى ۋە ئۈنئالغۇ لېنتىسى نەشىردىن چىقتى . شۇنداق قىلىپ مۆمىنجان ناخشا-مۇزىكا بىلەن رەسمىي شۇغۇللىنىش يولىغا قاراپ ماڭدى . 2002-يىلى باھاردا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان <<مەلىكەم>> ناملىق سىنتەخسە پىلاستىنكىسى ۋە ئۈنئالغۇ لېنتىسى كەڭ ياشلىرىمىزنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ ، شۇ ۋاقىتقىچە نەشىر قىلىنغان ناخشا پىلاستىنكىلىرى ئىچىدە ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادى قىممەت ياراتتى . 2003-يىلنىڭ بېشىدا <<ۋىسال ئىشقى>> ، يازدا <<چىرايلىق>> قاتارلىق پىلاستىنكىلىرى نەشىر قىلىندى . شۇنى تەكىتلەش زۆرۈركى ، <<چۈشۈمدەسەن>> ، <<مەلىكەم>> ، <<ۋىسال ئىشقى>> قاتارلىق پىلاستىنكا ۋە لېنتىلاردا ئۆزبېك ، تۈرۈك قاتارلىق قېرىنداش خەلقلەرنىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرى سالماق ئورۇن تۇتاتتى . مۆمىنجان گەرچە بۇ ناخشىلارنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ ئېيتقان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ سەنئەت قارىشىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ كۈچەيگەن ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكا سەنئىتىگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق روھى ئۇنىڭ قەلبىگە نۇرغۇن كرىزىسلىق ئوي-خىياللارنى بەخش ئەتتى . ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ ئاممىباب ناخشا-مۇزىكىلارنىڭ كۆپ بۇلىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلدى (چۈنكى، ئۆزىمىزنىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرى تېخىمۇ كۆپ ، تېخىمۇ سۈپەتلىك بولغاندىلا ، تالاغا قاتراپ خەقنىڭكىنى ئېيتىپ يۈرمەيدىغان گەپ -تە) . ئۇ يۇقىرىقىدەك ياخشى ئارزۇنىڭ تۈرۈتكىسىدە ، ئامالنىڭ بارىچە تىرىشىپ ، <<چىرايلىق>> ناملىق پىلاستىنكىسىدا ساپ ئۇيغۇرچە ناخشى-مۇزىكىنىڭ نىسبىتىنى%60گە يەتكۈزدى . بىراق، بىر قىسىم ناخشىچىلىرىمىز ئۆزبىكچە، تۈرۈكچە، ھىندىچە، ئەرەبچە، روسچە ناخشىلارنى كۆپ ئۆزلەشتۈرۈپ ئېيتقانلىقتىن، ئۇيغۇر مەتبۇئات ساھەسىدە ئەۋجىگە چىققان تەنقىد-مۇنازىرىلەر، ھەتتا بەزىدە نۇرماللىقتىن ھالقىپ كەتكەن ، تىل-ھاقارەت دەرىجىسىگە كۈتۈرۈلگەن ئاتالمىش تەنقىدلەر ئۇيغۇر ناخشىچىسى بولمىش مۆمىنجاننى تولىمۇ بىئارام قىلدى . مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇ ناخشىلىرىغا يېڭى سەۋىيە ، يېڭى ھېسىيات، يېڭى مەنە ئىزدەپ ، ئاممىباب ناخشا-مۇزىكا سەۋىيىسى جەھەتتە بىزنىڭ خېلىلا ئالدىمىزغا ئۈتۈپ كەتكەن ئوتتۇرا ئاسىياغا نەزەر تاشلىدى ۋە 2004-يىلى 11-ئايدا ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىنى باشلىدى . ياۋرۇپا ئەدەبىيات تارىخىنى ئۆگەنگەنلەرگە مەلۇمكى، گىرمانىيىلىك مەشھۇر ئەدىب گيوتې ئىجادىيەتتە ئېغىر كرىزىسقا ئۇچرىغاچقا1786-يىلدىن1788-يىلغىچە ئىتالىيىدە ساياھەت قىلىپ ، ئۆز مەنىۋىيىتىنى مۇكەممەللەشتۈرگەنىدى . <<ئەدىبىي گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئوچىقى ھېسابلىنىدىغان ئىتالىيە گيوتې ئۈچۈن ئېيتقاندا ، گويا پايانسىز كەتكەن سەنئەت موزېيىدەك كۆرۈنگەنىدى، بۇ يەرنىڭ كەچكى شەپىقى، بولزانو كوچىلىرىدىكى قايناق بازارلار ، چىركاۋ تاملىرىدىكى ھەيۋەتلىك دىنىي رەسىملەر گيوتېنىڭ ئۆز-ئۆزىنى يېڭىباشتىن بايقىشدىكى ئوبيېكتلاردىن بولغانىدى. ئىتالىيىدىكى ئىككى يىللىق زىيارەت گيوتېنىڭ ئىجادىيىتىدە كۆرۈنەرلىك بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغانىدى.>> (ئابدۇقادىر جالالىدىن سۆزى) خۇددى شۇنىڭدەك بىزنىڭ مۆمىنجان قەدىمكى زامانلاردىن بۈگۈنگە قەدەر نۇرغۇن ئۇيغۇرلىرىمىز ياشاپ كېلىۋاتقان ھازىرقى قازاقىستانغا تەۋە ئالمۇتا رايونىدا تەنھا ھالدا ئايلاندى، ئۇيغۇر سەنئىتى ھەققىدە تەكرار-تەكرار ئويلاندى. چەتئەلدىكى مىسلىسىز غېرىبلىق مۆمىنجاننىڭ تارىم ۋادىسىغا ۋە سۆملۈك قوۋمى-قېرىنداشلىرىغا بولغان سېغىنىشىنى تولىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. شۇنداق ئازابلىق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ قاتتىق ئاغىرىپ قېلىپ ، بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. قازاقىستاننىڭ دورىلىرى پايدا قىلمىغانلىقتىن، كېسىلى شىپا تاپماي، ئامالسىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، ئابلەت ئابلىكىم قاتارلىق ئاكىلىرىغا تېلېفۇن قىلدى. بۇ كۈنلەردە تونۇلغان ئارتىسلىرىمىزدىن مەھمۇد سۇلايمان ۋە مەۋلان نىيازلار قازاقىستانغا چىقىش ئالدىدا تۇراتتى. شۇڭا ئاكىلىرى مۆمىنجانغا بۇ ئىككىيلەندىن بىر يەشىك دورا-ئوكۇل ئەۋەتتى. مۆمىنجان ساقايغاندىن كېيىن يەنە سەنئەت ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى. ئۇ قازاقىستانلىق ئۇيغۇر سەنئەتچىلەردىن <<ياشلىق ئانسامبىلىنى>> نى ئەڭ دەسلەپ قۇرغۇچىلاردىن بىرى قەھرىمان ئاكا ۋە <<يەكەن بۇلبۇللىرى>> نامىدىكى بىر نەچچە ۇيغۇر ناخشىچىنىڭ بىرى بولغان پولات ئەپەندى بىلەن دىلمۇرات يىتەكچىلىكىدىكى <<دەرۋىش ئانسامبىلى>> يىگىتلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، پىكىر ئالماشتۇردى، روسىيىلىك مەشھۇر ئۇيغۇر سەنئەتكارى مۇراد ناسىروف يېتەكچىلىكلىدىكى <<پورت مۇزىكا ئەترىتى>> نىڭ ئالمۇتىدا ئۆتكۈزگەن كېچىلىك كونسېرتىغا بېرىپ ، يېڭى-يېڭى ئىلھام ۋە كۆز قاراشلارغا ئىگە بولدى. مۆمىنجان ئالمۇتىدىكى كۈنلەردە ئۆزى ئىز دىمەكچى بولغان ئۆزبېكىستانلىق كومپوزىتور دېنىس بىلەيفنىڭ ئالمۇتىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ئۇنى ئىزلەپ تېپىپ كۆرۈشتى ۋە ئۆزىنىڭ پىلاستىنكىسى ئۈچۈن تەييارلىغان بىر قىسىم ناخشىلىرىنى ئۇنىڭ ئاكوردلاشتۇرۇپ ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۆمىنجاننىڭ مىجەزى ۋە ئاۋازى دېنىس بىلەيفكە يېقىپ قالغاچقا، ئۆزبېكىستان دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە،رۇس تىللىق، يەھۇدىي نەسەبىيلىك بۇ كومپوزىتور مۆمىنجان بىلەن تولىمۇ ياخشى ھەمكارلاشتى. پىلاستىنكا تەييار قىلىنغاندىن كېيىن مۆمىنجان ئالدىراش ھالدا قايتىپ كەلدى. شۇنداق قىلىپ ئابلەت ئابلىكىم ۋە دېنىس بىلەيف ئاكوردلاشتۇرغان مۇزىكىلار ئاساسىدا ئىشلەنگەن <<سېغىنىمەن>> ناملىق ناخشا پىلاستىنكىسى مۆمىنجاننىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى ، ھازىرقى <<دىل كۈيى ئۈن-سىن ستۇدىيىسى>> نى قۇرغان ئۈچ ئاكا-ئۇكىنىڭ بىرى روزىمۇھەممەد ئارۇپنىڭ مەبلەغ سېلىشى بىلەن 2006-يىلى 1-ئايدا نەشىر قىلىندى. <<سېغىنىمەن>> ناملىق بۇ پىلاستىنكىدىكى مۇزىكىلارنىڭ ئاكوردلاشتۇرۇلىشىدىن تارتىپ ئاۋازغا ئېلىنىشىغىچە يۇقىرى سەۋىيىدە بولغاچقا ، ئوپىراتۇرلىقىمۇ ئادەمنى رازى قىلغاچقا، ياشلىرىمىزنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.