QOLPAN
ئابدۇكېرىم ئابلىز

ئابدۇكېرىم ئابلىز 1970 - يىلى 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قەشقەردە تاماملاپ، 1987 - يىلى 9 - ئايدا سابىق شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى درامما فاكۇلتىتى ئاكتىيورلۇق كەسپىنىڭ بىرىنچى قارار تولۇق كۇرس سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان. 1991 - يىلى 7 - ئايدا مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسىگە تەقسىم قىلىنغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن 2007 -يىلغىچە ئاۋاز ئارتىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 2007 - يىلىدىن باشلاپ كىنو - فىلىم پىلانلاش بۆلۈمىنىڭ ئىجادىيەت ئىشخانىسىدا ئىشلەۋاتىدۇ. ئابدۇكېرىم ئابلىز ھازىرغىچە << ئانىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى >> ، << تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى >> قاتارلىق كىنو فىلىملىرىدە ۋە << قوغۇنچىنىڭ ھېكايىسى>> ، << باشقا قونغان ئامەت قۇشى >> ، << ئاخىرقى كۆل >> ، << دوزاخقا سەپەر >> ، << داپ >> ، << چار خوراز >> ، << ساراڭ >> ، <<ئادىمىي ھايۋان >> ، << ئۈژمە كۆڭۈل يىگىت >> ، << ئازغۇن >> ، << ساراڭنىڭ خىيالى >> قاتارلىق كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدە ئاساسلىق رول ئالغان.

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203