QOLPAN
خەيرىگۈل ھەسەن
دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك ئارتىس، تالانتلىق ئاكتىيور خەيرىگۈل ھەسەن 1967 – يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1982 – يىلدىن 1986 – يىلغىچە مەركىزىي تىياتىر ئىنسىتىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن بۇيان شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئوپېرا تىياتىرىدا ئىشلەپ كەلمەكتە. ئۇ ئۆزىنىڭ سەنئەت ھاياتىدا «قانلىق يىللار»، «ساختىپەز»، «ھازازۇلنى ئىندەككە كەلتۈرۈش»، «كېلىنلەر قوزغىلىڭى»، «تۇمان»، «نۇرتاي ھاجى ھەققىدە ھېكايە»، «قېرى ئاشىق – مەشۇقلار»، «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان» قاتارلىق دراما – ئوپېرالاردا، «مەمەت ھەققىدە پاراڭ»، «ئازاپلىق لەززەت»، «سېھىرلىك ئوت»، «سەرسان روھ»، «مۇھەببەت ھېكايىسى»، «ئائىلىدىكى ئىشلار» قاتارلىق كىنو – تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدە، «قانۇن ئىجراچىسى»، «قەدىرسىز نىكاھ»، «كاتىپ تاللاش»،«توي خېتى»، «شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭ (رەڭلىك ئولتۇرۇش)»، «ساتىراچخانا»، «توخۇ سېتىش»، «ئىسپات»، «يالتىراق يىلتىز» قاتارلىق ئىتوتلاردا مۇھىم روللارنى ئېلىپ، خەلقىمىز قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز ئوبرازلارنى تىكلىگەن.

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

شىنجاڭ ئانادىيار ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى توربىكەت 
 新疆阿娜迪亚尔电子科技有限公司 Copyright (c)2008-2015 Www.AnAdiyar.Cn All rigths

新ICP备13003702号-1:تەشكىلى ئاپاراتلار ئىجازەتنامىسى  Email : 527377610@qq.com |  ئېلان ئالاقە نۇمىرى: 13899800203