QOLPAN
نىجاتى شاشماز
پولات ئەلەمدار ئابدۇقادىر شاشمازنىڭ ئوغلى بولۇپ، ھەقىقىي ئىسمى نىجاتى شاشماز. 1971- يىلى 15- دېكابىردا تۈركىيىنىڭ ئەلازىغ ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان. ئەسلى كەسپى ساياھەت باشقۇرۇش بولۇپ، ئالىي مەكتەپنى كانادادا ئوقۇپ پۈتتۈرگەن، كېيىن ئامېرىكىدا 6 يىل ئىشلىگەن. 2001- يىلى ئائىلىسىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن تۈركىيىگە كېلىپ، قايتىش بېلىتىنى 11- سېنتەبىرگە ئالىدۇ. دەل 11- سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكىدىكى ئىككى بىناغا ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلغان كۈنى بولغاچقا، بۇ ۋەقە سەۋەبلىك شۇ كۈنكى ئامېرىكا ئايروپىلانىغا چىقىشقا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. كېيىن ئائىلىسىنىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن ئامېرىكىغا قايتىشتىن ۋاز كېچىدۇ. نىجاتى شاشماز كېيىنكى ھاياتىنى تۈركىيىدە داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلىپ، ئەنقەرەدە سۇغۇرتا شىركىتى قۇرىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئىستانبۇلدا ئوسمان سىناۋ ئىسىملىك كىنو سېنارىيە رېژىسسورى بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئوسمان سىناۋ ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلماقچى بولغان “بۆرىلەر ۋادىسى” فىلىمىدە نىجاتى شاشمازنىڭ باش رولچى بولۇشقا ئەڭ ياخشى نامزات ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئونى بۇ فىلىمدە باش رولچى بولۇپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. نىجاتى شاشماز بىر ئايدىن كېيىن بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، بۆرىلەر ۋادىسى فىلىمى بىلەن ئۆمرىنىڭ بۇرۇلۇش قەدىمىنى باشلايدۇ. نىجاتى شاشمازنىڭ راجى شاشماز ۋە زۈبەيىر شاشماز دەپ ئىككى قېرىندىشى بار. راجى شاشماز بۆرىلەر ۋادىسى فىلىمى سېنارىيىسىنىڭ يازغۇچىلىرىدىن بىرىدۇر. نىجاتى شاشمازنىڭ 20 يېشىدا يازغان ئاللاھنى كۈيلەيدىغان ۋە شۇ ياشلىق دەۋرىدىكى ئاشىقلىق ھاياتىنى ئىپادىلىگەن “ئاشىق” ئىسىملىك بىر شېئىر كىتابى بولۇپ، بۇ كىتاب ئەنقەرەدە نەشر قىلىنغان. نىجاتى شاشمازنىڭ بۇ شېئىر كىتابىدا ئاشقىنىڭ نۆۋىتى، سەن ۋە تىكەن، بېلىقلارنىڭ ھىدى، ئاۋازىڭ قاتارلىق شېئىرلار بار.بۆرىلەر ۋادىسى فىلىمىدىكى باش رولچى پولات ئەلەمدار تۈركىيىدىكى قارا جەمئىيەتلەرنىڭ كاتتىۋېشى مەمەت قارا خانلىقنىڭ ئوغلى بولۇپ، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك تەشكىلاتى مەخپىي ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمى تەرىپىدىن بوۋاق ۋاقتىدا ئېلىپ كېتىلىپ، دۆلەتنىڭ يېتىشتۈرگەن مەخپىي ئادىمى بولۇپ، چەتئەللەردە ئالاھىدە ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىدۇ. كېيىنكى 3 يىلدا تۈركىيىدىكى قارا جەمئىيەتلەرنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ، مەمەت قارا خانلىق قاتارلىق قارا جەمئىيەتلەرنىڭ بېشىدىكىلەرنى تازىلاپ چىقىدۇ. ئۇ تۈركىيە دۆلىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك تەشكىلاتى مەخپىي ئالاھىدە ھەرىكەت قىسمىدا ئالاھىدە تەربىيىلەنگەن بولغاچقا، ئىنتايىن ھوشيار، چاققان ۋە ھەر خىل ئېغىر – يېنىك قوراللارنى ئىشلىتىشكە ماھىر. ئۇ يەنە ئىنگلىزچە، فرانسۇزچە، ئەرەبچە، كوردچە ۋە رۇسچىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. پولات ئەلەمدار ھېسسىياتقا بېرىلىپ ئەمەس، ئەقىلگە، ئىقتىدارىغا ۋە تەجرىبىسىگە تايىنىپ ھەرىكەت قىلغانلىقى ۋە ئېگىلمەس ۋە سۇنماس ئىرادىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنتايىن قىيىن ئەھۋاللاردىمۇ ھەر خىل خەتەرلەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، ئۆز دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىپ كېلىدۇ. ئۇ تۇغۇلۇشتىن بىر تەشكىلاتچى بولۇپ، ئۆز دۈشمەنلىرىگە قارىشى قىلچە رەھىم قىلمايدۇ، ئەمما ئىنسانلارغا بولغان مېھىر – مۇھەببىتى خۇددى ئۆز ئاشىقىغا بولغان ئىشقىدەك چوڭقۇردۇر. پولات ئەلەمدار بۆرىلەر ۋادىسى فىلىمىدە ماماتى، ئابدۇلەي، ئەرخان ۋە جاھىد قاتارلىق ئەڭ سادىق ۋە قابىل ئادەملىرى بىلەن تۈركىيە دۈشمەنلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەرمەكتە. پولات ئەلەمدار زامانىمىزدىكى ئادالەتنىڭ سىمۋولى، قەيەردە ناھەقچىلىك ۋە قىرغىنچىلىق بولسا، پولات ئەلەمدار شۇ يەردە كۈرەش قىلىدۇ. ئۇ رول ئالغان بۆرىلەر ۋادىسى، بۆرىلەر ۋادىسى ئىراق، بۆرىلەر ۋادىسى پەلەستىن ۋە بۆرىلەر ۋادىسى تۇزاق فىلىملىرى تۈرك دۇنياسى، ئەرەب دۇنياسى ۋە بالقان رايونلىرىدا ئاجايىپ ئالقىشقا ئېرىشتى. بۈگۈنكى كۈنلەردە، پولات ئەلەمدار ھەققانىيەتكە تەلپۈنگەن خەلقلەرنىڭ غايىۋى مىللىي قەھرىمانى بولۇپ قالدى

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776