QOLPAN
پەرىزات غەنى
پەرىزات غەنى - بۆرتالا شەھەرىدە تۇغۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستوتۇتىنىڭ ئۇسسۇل فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ئۇقۇۋاتقان چاغلىردا ، داڭلىق رېژىسسور ھۆرىيەت ئىسمايلىۋا رېژىسسورلۇق قىلغان 6 - قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئاخىرقى كۆلدە باش رول نۇسرىتنىڭ رولىغا تاللىنىدۇ . ئۇنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن ياراتقان بۇ تۇنجى ئېكران ئوبرازى ئۇنى تېزلا كىنو ساھىسىدەكىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە ئاممىنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشتۈرىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ئارقا - ئارقىدىن گۈزەل دەقىقىلەر ماھىرەنىڭ ھەسرىتى نىكاھسىز تۇغۇلغان بالا شىنجاڭ قىزلىرى بىغۇبار گۈل راك مۇقامىكۈلكىگە يوشۇرۇلغان يىغا تەڭرىتاغ جىددىي ھەرىكىتى ، مۇز تاغ باغارىغا كەلگەن مېھمان ، دەريا ساھىلىدىكى قىزلار مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا باش رول ئىلىپ ، ئۆزىنىڭ بارغانسېرى پىشىپ يىتلىۋاتقان ئوبراز يارىتىش ماھارىتى ۋە تالانتىنى نامايان قىلىدۇ. رول ئىلىشتىكى ئاجايىپ يۇقىرى بەدىئىي تالانتىنى نامايان قىلىپ، ئۇيغۇر كىنوچىلىقىدىكى ئەڭ قارشى ئىلىشقا ئېرىشكەن ئارتىسقا ئايلاندى. مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇ باش رول ئالغان شىنجاڭ قىزلىرى ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى توغرىسىدا پەرىزات غەنىنى زىيارىت قىلىپ مەخسۇس فىلىم ئىشلىدى. ئۇ يەنە رول ئىلىشتىن سىرت يەنە نۇرغۇنلىغان مەھسۇلاتلار ئېلانلىرى ۋە mtv لاردا رول ئالدى.

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 ) ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899800203 13899847776