نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 596 قېتىم كۈرۈلدى
گۈيجۇ ئۆلكىسىدە قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى ئېغىرلاشتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -04
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : تورداشلار تورى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 3-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا: دۆلەتلىك ئاپەتنى ئازايتىش كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى يېقىندا گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ بېيجىيې ۋىلايىتى چىيەنشى ناھىيەسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، زىرائەتلەرنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرگەن. ئاممىنىڭ ئىچىملىك سۇ قىيىنچىلىقى ۋە يەرلىكنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئىگىلىگەن.

 

 

Www.AnAdiyar.Cn 
بۇ يىل 6- ئايدىن بۇيان، گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ قىسمەن رايونلىرى قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئۇچرىدى. توڭرېن ، بېيجىيې ، ئەنشۈن ، چىيەننەن قاتارلىق جايلاردا ئاپەت ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولدى. قىسمەن ئامما ئىچىملىك سۇ قاتارلىق ئاساسىي تۇرمۇش جەھەتتىن قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى. 7-ئاينىڭ 31- كۈنى سائەت 14تە دۆلەتلىك ئاپەتنى ئازايتىش كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ قۇرغاقچىلىق ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ 4- دەرىجىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جىددىي لايىھەسىنى تېزدىن يولغا قويدى.
 
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش