نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 713 قېتىم كۈرۈلدى
تاۋباۋدىكى دۇكان خوجايىنى باشقىلارغا ئالدىنىپ 4000 يۈەن زىيان تارتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -31
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : news.xinhuanet.com

7-ئاينىڭ 26-كۈنى سۇجۇ پويىز ئىستانسىسى ساقچىخانىسى بىر قېتىملىق تور ئالدامچىلىقى دېلو مەلۇماتىنى قوبۇل قىلدى .جىنايەت گۇماندارى تاۋباۋدىكى «ناچار باھا»نى ئۆزگەرتىپ بېرىش ۋە ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قۇيۇشنى باھانە قىلىپ ، دۇكان خوجايىنىنىڭ 4000 يۈەن پۇلىنى ئالداپ كەتكەن .سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بۇ خىل ۋاسىتە قوللىنىپ ئالدامچىلىق قىلىش تۇنجى قېتىم يۈز بەرگەن بولۇپ ، ئالدامچىلىق خاراكتېرى كۈچلۈك بولغاچقا ، پۇقرالار ۋە تور دۇكان خوجايىنلىرى ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك .
  7-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 22 لەر ئەتراپىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋاڭ   xxx  (ئەر ، 22 ياش، تاۋباۋدىكى دۇكان خوجايىنى ) ئۆز دۇكىنىنىڭ خېرىدار تەرىپىدىن ئېرىشكەن «ناچار باھا»سىنى «ياخشى باھا»غا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ، بەيدۇ تورىدىن ئىزدەش ئارقىلىق «جومىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى» دېگەن تورنى تېپىپ ، ئۇلارغا ھەق تۆلەش گۆھىرى ئارقىلىق 230 يۈەن پۇل ئەۋەتىپ بېرىدۇ .ئەتىسى  ۋاڭ   xxx  ئۆز دۇكىنىنىڭ «ناچار باھا»سىنىڭ «ياخشى باھا»غا ئۆزگىرىپ  قالغانلىقىنى بايقايدۇ .كېيىن جومىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر  QQ ئارقىلىق ۋاڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ ، 4000 يۈەن پۇل تاپشۇرسا ، باھا ئۆزگەرتىش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ،بۇ چاغدا ۋاڭ بۇ تېخنىكا ئارقىلىق ئۆز دۇكىنىنىڭ ناچار باھاسىنى ئۆزگەرتىش ھەم باشقا دۇكانلارنىڭكىنى ھەقلىق ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇشنى ئويلايدۇ . بۇنىڭ بىلەن ۋاڭ ئۇلارغا ئاسانلا ئىشىنىپ پۇلنى ئەۋەتىپ بېرىدۇ ، لېكىن ئەۋەتىپ بولۇشىغا ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالىدۇ . شۇ چاغدىلا ۋاڭ ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى سېزىدۇ .
    تاۋباۋ تورى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ سودا تورى بولۇپ ، ئۇنىڭ دۇكان ئىناۋىتىنى باھالاش قائىدىسى ناھايىتى قاتتىق بولۇپ ، دۇكاننىڭ ياخشى باھاغا ئېرىشىش دەرىجىسى دۇكاننىڭ سودىسىغا ۋە توردىكى ئورۇن رەت تەرتىپىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ .
خېرىدار دۇكاننى باھالايدۇ ،ئۆز باھا سۆزىنى ئۆزگەرتىشنىمۇ شۇ خېرىدار ئۆزى ئۆزگەرتەلەيدۇ .
    مېنىڭچە دۇكان خوجايىنلىرى پوزىتسىيىدە مۇلايىم ، سودىدا ئادىل بولۇپ ، سۈپەتلىك ماللارنى ساتسا خېرىدارلارمۇ ياخشى باھا بېرىدۇ . ئەلۋەتتە قەستەن ناچار باھا بېرىدىغان خېرىدارمۇ يوق ئەمەس.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش