نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 791 قېتىم كۈرۈلدى
ھەربىيلەر نەپىقە تەمىنات ئىمتىيازى نىزامىنىڭ تۈزىتىلگەن قارارى ئېلان قىلىندى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -31
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.tianshannet.com

شىنخۇا ئاگىنىتلىقى بېيجىڭ 30-ئىيۇل تىلگىراممىسى، گوۋۇيۇن،مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومتېتى <<ھەربىيلەرنىڭ نەپەقە تەمىناتى ئىمتىيازى نىزامى>>غا تۆۋەندىكىدەك تۈزىتىش كىرگۈزۇشنى قارار قىلدى.
1.8-ماددا 1-تارمىقىغا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى:ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر ئۆلۈپ كەتسە،تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كەلسە،ئىنقىلابىي قۇربان دەپ نام بېرىش تەستىقلىنىدۇ:
(1)ئۇرۇشتا ئۆلگەن ياكى ئۇرۇشتا يارىلىنىپ داۋالىنىش داۋامىدا ئۆلۈپ كەتكەن بولسا؛
(2)ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە دۇشمەن تەرىپىدىن ياكى جىنايەت گۇماندارى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان،ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ياكى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن دۇشمەن تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ياكى قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەن بولسا؛
(3)دۆلەت مۈلكىنى ۋە ئاممىنىڭ مال-مۈلكىنى قۇتقۇزۇش ياكى قوغداش يولىدا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەش ياكى تۇيۇقسىز ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەن بولسا؛
(4)ھەربىي مانېۋىر،ئۇرۇش تەييارلىقى ئۇچۇش مەشىقى،باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد مەشىقى قىلىش جەريانىدا ياكى قورال تەييارلاش سىناش جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەن بولسا؛
(5)دىپلومات ۋەزىپىسى ياكى دۆلەت تەرىپىدىن سىرتقا ياردەم بېرىشقا ئەۋەتىلگەندە،خەلقئارانىڭ تىنچلىق ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش يولىدا قۇربان بولغانلار؛
(6)باشقا ئۆلۈش سەۋەبى ئالاھىدە بولغانلار.
3-تارماققا مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى:ئىنقىلابى قۇربان دەپ تەستىقلاشتا ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنى ھەربىي قىسىمنىڭ پولىك  دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ سىياسىي ئورگانلىرى تەستىقلايدۇ.غەيرىي ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنى ھەربىي قىسىمنىڭ كورپۇس دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلارنىڭ سىياسىي ئورگانلىرى تەستىقلايدۇ.مۇشۇ ماددىنىڭ 1-تارماق 6-تۈرىدىكى بەلگىلىمىسىگە چۈشىدىغانلىرىنى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ باش سىياسىي بۇسى تەستىقلايدۇ.
2.بىر ماددا قوشۇلۇپ،12-ماددا قىلىندى:ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەردىن ئىنقىلابى قۇربان دەپ تەستىقلانغانلىرى <<ئىنقىلابى قۇربانلارنى تەقدىرلەش نىزامى>>نىڭ بەلگىلىمىلىرى بويىچە تەقدىرلەش پۇلى بېرىلىدۇ.
3. 12-ماددا 13-ماددىغا ئۆزگەرتىلدى:بىرىنچى تارماق مۇنداق ئۆزگەرتىلدى:ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە ئۆلگەنلەر ئۆلۈم خاراكتېرى ۋە ئۆلگەن ۋاقتىدىكى ئىش ھەققى ئۆلچىمى بويىچە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلەرنىڭ خەلق ئىشلار تارماقلىرى بىرلا قېتىمدىلا بېرىلىدىغان نەپىقە پۇلى بېرىلىدۇ.ئۆلچىمى ئىنقىلابى قۇربان شۇنداقلا خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغانلارغا ئۆتكەن يىللىق شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمىنىڭ 20 ھەسسىچىلىك تۇرمۇش پۇلى ۋە 40 ئايلىق ئىش ھەققى بېرىلىدۇ.
4. بىر ماددا كۆپەيتىلىپ 32-ماددا قىلىندى:ئىنقىلابى قۇربانلارنىڭ ۋەسىيلىرى<<ئىنقىلابى قۇربانلارنى تەقدىرلەش نىزامى>>دىكى تەمىناتلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ.
5. 32-ماددا  34-ماددا قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.3-تارماق مۇنداق ئۆزگەرتىلدى:مېيىپ ھەربىيلەر،كەسىپ ئالماشقان ھەربىيلەر،كېسەل سەۋەبىدىن ھەربىيلىكتىن چېكىنىپ يۇرتىغا قايتقان ھەربىيلەر شۇنداقلا خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ھەربىيلەرنىڭ ۋەسيلىرى داۋالىنىشقا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.كونكرېت چارىسىنى ئۆلكىلىك،ئاپتونوم رايونلۇق ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلەيدۇ.
6. 36 ماددا 38-ماددىغا قىلىپ ئۆزگەرتىلدى:خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ھەربىيلەر،كېسەل بولۇپ قالغان ھەربىيلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە بىر تۇغقان قېرىنداشلىرى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى خالىسا شەرتكە ئۇيغۇن كەلسىلا ئالدىن تەستىقلىنىدۇ.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش