نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 514 قېتىم كۈرۈلدى
ئاجرىشىشنى خالىمىغان ئەركوچىدا ئايالىغا پىچاق تىقىۋەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-07 -31
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.chinanews.com

  7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كىيىن 4 ئەتراپىدا ، دىڭئەن ناھىيسى جىيەنلوڭ كوچىسىدا بىر ئەر كوچىدىلا
 ئايالىنى ئۆلتۈرىۋېتىپ نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن . خې x ۋە جىنايەت گۇماندارى ئەر - خوتۇن  بولۇپ ، ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى ، ئىككىيلەننىڭ ئارىسىدا تالاش - تارتىش بولۇپ ، ئارقىدىنلا ئايالى خې x قا پىچاق تىقىۋەتكەن .
         ئەينى ۋاقىتتا خې x نىڭ كۆكرەك ۋە قورسىقىدىن كۆپ مىقداردا قان چىقىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن نەق مەيداندا جان ئۈزگەن .  ساقچى تەرەپ پاش قىلىش تېلىفۇنىنى تاپشۇرىۋالغاندىن كىيىن نەق مەيدانغا تېزلىك بىلەن يېتىپ كەلگەن ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق نەق مەيداندىن 400 مېتىر يىراقلىقتىكى دەرەخزارلىقتىن جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن .
        نايەت گۇماندارى پېڭ x لىياڭخەيدە موتسىكىلىت ھەيدەپ كىرا تارتىدىغان بولۇپ ، ئايالى ئىشلەمچى ئىكەن . ئۇلار توي قىلغىلى ئۇزۇن بولغان  ، شۇنداقلا 6 ياشلىق بالىسىمۇ بار ئىكەن . شۇ ئالتە ياشلىق بالىسى ۋەقە جەريانىنى ئۆز كۆزى ىلەن كۆرگەن بولۇپ ،دادىسىنىڭ ئاپىسىنى يارىلاندۇرغىنىنى كۆرۈپ قورققىنىدىن يىغلاپ كەتكەن .
جىنايەت گۇماندارىنىڭ ئىقرار قىلىشىچە ، ئايالىنىڭ سىرتتا ئاشنىسى بارلىقىدىن گۇمانى بار ئىكەن ، ئۇلار دائىم ئۇرۇشسىلا ئايالى ئاجرىشىمەن دەپ ئۇنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋەتكەن .
        ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ئۇلار ئاجرىشىش رەسمىيىتىنى بىجىرىش ئۈچۈن خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىغا بارغان . ۋە قايتىپ كېلىشىدە  مۇشۇنداق ئەخمىقانە ئىشنى قىلىپ قويغان ئىكەن . نۆۋەتتە پېڭ  x جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە قولغا ئېلىنغان .
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش