نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> تەنتەربىيە >> يازما كۈرۈش >> 522 قېتىم كۈرۈلدى
داكار ئاپتوموبىل كۈچ تارتىش مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى ، ئەل ئاتىيا چېمپىيون بولدى



 ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسىنىڭ چېمپىيونى ئەل ئاتىيا (ئوڭ تەرەپ) ۋە ئۇنىڭ يول باشلىغۇچىسى (سول تەرەپ)

    2011 ــ يىللىق داكار ئاپتوموبىل كۈچ تارتىش مۇسابىقىسىنىڭ 13ــ بۆلەك مۇسابىقىسى بېيجىڭ ۋاقتى 16 ــ يانۋار ئېلىپ بېرىلدى . بۇ مۇسابىقە بۆلىكى كوردوبادىن ئارگېنتىنانىڭ بۇئېنوس ئايرېسغىچە بولۇپ ، بۇ مۇسابىقە بۆلىكىدە 181 كېلومېتىرلىق ئالاھىدە قىيىن مۇسابىقە بۆلىكى بار ئىكەن .

    ئاپتوموبىل گۇرۇپپىسى مۇسابىقىسىدە ، ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىل ئەترىتىدىكى ئىسپانىيە ماھىرى كارلوس سەئىنز بىرىنچى بولدى . كارلوس سەئىنزنىڭ سەبدىشى ئەل ئاتىيا ئىككىنىچى ، بولشا ماھىرى خولوۋىزچ ئۈچىنچى بولدى . ئومۇمىي نەتىجىدە ، ئەل ئاتىيا 21 سائەت ، 16 مىنۇت ، 16 سېكۇنت نەتىجە بىلەن چېمپىيون بولدى . جەنۇبىي ئافرىقا ماھىرى دې ۋىللېرس 49 مىنۇت ، 41 سېكۇنت پەرىق بىلەن ئىككىنچى بولدى . 2010 ــ يىللىق داكار ئاپتوموبىل كۈچ تارتىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى بولغان ئىسپانىيە ماھىرى كارلوس سەئىنز 1 سائەت ، 20 مىنۇت ، 38 سېكۇنت پەرق بىلەن ئۈچىنچى بولدى .
 



جۇڭگو ماھىرلىرىدىن ‹‹سەددىچىن سېپىلى›› ئاپتوموبىل ئەترىتىدىكى جۇ يۇڭنىڭ نەتىجىسى ئەڭ ياخشى بولغان بولۇپ ، ئومۇمىي نەتىجىدە 22 ــ بولدى . بۇ جۇڭگولۇق ماھىرلارنىڭ داكار ئاپتوموبىل كۈچ تارتىش مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . 
 



  موتسىكلىت گۇرۇپپىسىدىكى ئالدىنقى ئۈچكە كىرگەن ماھىرلار

   موتسىكلىت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇسابىقىسىدە ، باۋما (BMW) موتسىكلىت ئەترىتىدىكى بىلگىيە ماھىرى ۋېرخوۋېن بىرىنچى بولدى ، ياماخا(YAMAHA) موتسىكلىت ئەترىتىدىكى پورتۇگالىيە ماھىرى 5 سېكۇنت پەرق بىلەن ئىككىنچى بولدى . ئومۇمىي نەتىجىدە ، KTM موتسىكلىت ئەترىتىدىكى ئىسپانىيە ماھىرى كوما چېمپىيون بولدى . فرانسىيە ماھىرى دېسپرېس ئىككىنچى ، پورتۇگالىيە ماھىرى رودرىگۇس ئۈچىنچى بولدى . جۇڭگو ماھىرى سۇۋىن 69 ــ بولدى .
 



 تۆت چاقلىق موتسىكلىت گۇرۇپپىسىنىڭ چېمپىيونى پاترونېللى
 



يۈك ئاپتوموبىلى گۇرۇپپىسىنىڭ چېمپىيونى چاگىن ۋە ئۇنىڭ سەبداشلىرى

   كاماز(KAMAZ) ئاپتوموبىل ئەترىتىدىكى رۇسىيە ماھىرى چاگىن يۈك ئاپتوموبىلى گۇرۇپپىسىنىڭ چېمپىيونى بولدى . جۇڭگو ماھىرى لى ياڭ 26 ــ بولدى . تۆت چاقلىق موتسىكلىت گۇرۇپپىسىدا ئارگېنتىنا ماھىرى  پاترونېللى چېمپىيون بولدى .

مەنبەسى :
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-01 -23 يوللىغۇچى : ئۇبۇلقاسىم

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

沪ICP备11003167号ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776