نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 845 قېتىم كۈرۈلدى
ھىندىستاننىڭ كالكۇتتا شەھىرىدىكى دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 89 ئادەم قازا قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-12 -10
  • يوللىغۇچى : ماھىرە
  • مەنبەسى : www.uycnr.com

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 
9-دېكابىر، ھىندىستاننىڭ كالكۇتتا شەھىرىدە، ئوت ئۆچۈرگۈچى خادىملار ئوت كەتكەن دوختۇرخانىدىن بىمارنى قۇتقۇزماقتا. ھىندىستاننىڭ شەرقىدىكى كالكۇتتا شەھەرلىك ساقچى دائىرىلىرى 9-دېكابىر كەچتە مۇنداق دېدى: مەزكۇر شەھەردە نوپۇسى زىچ بولغان جايدىكى بىر شەخسى دوختۇرخانىدا شۇ كۈنى ئوت ئاپىتى يۈز بەردى، ھازىرغا قەدەر 89 ئادەم قازا قىلدى. ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندە بۇ دوختۇرخانىدا 160 بىمار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 40 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان ئېغىر كېسەللەر بار ئىكەن. تارقاقلاشتۇرۇش قېيىن بولغانلىقى، كېسەللەرنىڭ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئوت ئاپىتىدىن قۇتۇلۇپ چىقالمىغان. ئوت دوختۇرخانا بىناسىنىڭ ئاستىدىن يامرىغان بولۇپ، ئەسلىدە ماشىنا توختىتىش ئورنى قىلىپ لايىھەلەنگەن بۇ ئورۇن، دوختۇرخانا تەرىپىدىن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىسكىلاتقا ئۆزگەرتىلگەن ۋە كۆپلىگەن ئاسان ئوت ئالىدىغان بۇيۇملارنى قويغان. ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، 1-ئۆت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى تەخمىنەن 2 سائەتتىن كېيىن ئاندىن نەخ مەيدانىغا يېتىپ كەلگەن. نۆۋەتتە بىرەر كىشى ئۆت ئۆچۈرگۈچىلەرنىڭ نېمىشقا كېچىكىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن.

ھىندىستان پارلامېنتى شۇ كۈنى ئۆت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى. باش مىنىستىر سىنگىمۇ ئوت ئاپىتىدىن ھەيران قالدى ۋە ئازابلاندى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان، مېڭدار فوتوسى)

 

 

 Www.AnAdiyar.Cn

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      
كىيىنكىسى:

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش