نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئاجايىپ-غارايىباتلار >> يازما كۈرۈش >> 1139 قېتىم كۈرۈلدى
چاۋېز ئۆزى بىلەن ئوبامانىڭ سۆيۈشكەن ئېلان سۈرىتىنى «ياخشى چاقچاقكەن» دېدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-12 -09
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.uycnr.com

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-دېكابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە، ۋېنېسۇئېلا پىرېزىدېنتى چاۋېز 6-دېكابىر بېنېتتوننىڭ ئېلانى ــ «چاۋېز ئوبامانى سۆيدى» دىكى ئېلان سۈرىتىگە باھا بەردى. چاۋېز كۈلۈپ تۇرۇپ، ئېلاننىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى يامان ئەمەسكەن، «ياخشى چاقچاقكەن»، دېدى.

ئىگىلىنىشچە، بۇ ئېلان سۈرىتى ئىتالىيە كىيىم كېچەك شىركىتى بېنېتتوننىڭ بۇ يىللىق لايىھەلىرىنىڭ بىرى. ئېلان سۈرەتنىڭ باش تېمىسى «ئۆچمەنلىكنى تۈگىتىش» بولۇپ، مەزمۇنى ھەر قايسى دۆلەت سىياسونلىرىنىڭ سۆيۈشكەن سۈرىتى بولۇپ، ئامېرىكا، گېرمانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەت رەھبەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بۇنىڭ بىر قىلىقسىز چاقچاقلىقى ناھايىتى روشەن.

چاۋېز يۇمۇرلۇق قىلىپ، « ئىلگىرى مەن بۇنى پەقەتلا كۆرۈپ باقمىغانىكەنمەن! ئوباما قاراشقا قانداقراق تۇرىدۇ؟ ئۇ كۆزىنى يۇمۇۋاپتۇ، قاراشقا ناھايىتى ھۇزۇرلانغاندەك قىلىدۇ، ھە!» دېدى. چاۋېز يەنە، بۇنداق قىلىقسىز چاقچاقلار ھېچ نېمە ئەمەس، مەن ئېغىر ئالمايمەن: «بۇ پەقەت سۆيۈپ قويۇشلا ئىكەن، مەن دائىم بۇنداق قىلىقسىز چاقچاقلارغا ئۇچراپ تۇرىمەن، ئەمما پەقەت ئىپادە بىلدۈرمەيمەن، ئادەتتە كۈلۈپ قويۇپ ئۆتكۈزىۋېتىمەن. بۇ چاقچاق جايىدا بوپتۇ!»، دېدى.

بۇنىڭ بىلەن بىللە، چاۋېز يۇمۇرلۇق قىلىپ، ئۆزىنىڭ سۈرىتىنى «چېلىش»قا ئىشلىتىلگەندىن كېيىن، بېنېتتون بۇنىڭغا ئازراق تۆلەم تۆلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. «ئۇلار ماڭا بىر گالستۇك سوۋغا قىلىشنى ئويلاشماپتۇما؟ مەن روژدېستۋا بايرىمىدا بىر گالستۇك تاپشۇرۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى. چاۋېز يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ ماركېتىڭ تاكتىكىسى يامان ئەمەسكەن، مەن ئۇلارنىڭ لايىھەسىنى ياقتۇرىمەن».

 

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش