نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 888 قېتىم كۈرۈلدى
ئەر 12 ياشلىق قىزچاققا زوراۋانلىق قىلىپ بەدىنىنىڭ تۆۋەن قىسمىغا ياغاچ تىقىۋەتتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-06 -06
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى :

 

www.alhux.com

 

 

كىچىك قىزچاق ئەن ئەن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) خۇنەن ئۆلكىسى ساڭجى ناھىيىلىك دوختۇرخانىنىڭ كېسەل كارۋىتىدا جىمجىت ياتماقتا، كېسەللىك ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۆتۈپ كېتىشكە يەنە ئون نەچچە كۈن بار.
 

چاڭشا 5-ئىيۇن تېلگېراممىسى: 12 ياش مەزگىلى، تېخى ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلمىغان، قۇياش نۇرىنى كۈتىۋاتقان يۇمران مايسىدەك پەرۋىشكە ۋە تەربىيلەشكە مۇھتاج ۋاقىت، بىراق ئەن ئەن ئادەتتىكى ئادەملەر قوبۇل قىلىپ بولالميادىغان ئازابقا دۇچار بولدى.
كىچىك قىزچاق ئەنە ئەن (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) خۇنەن ئۆلكىسى ساڭجى ناھىيەلىك دوختۇرخانىنىڭ كېسەل كارۋىتىدا جىمجىت ياتقان بولۇپ، يۈزى ۋە بەدىنىدىكى يارا ئېغىزلىرىنىڭ تىكىلگەن يىپلىرى ئېلىۋېتىلىشكە باشلىغان ئىدى، بىراق بەدىنىدىكى بىر تال ئۈچىيى قورسۇقىنىڭ سىرتىغا چىقپ تۇراتتى، ئوڭ كۆزىدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالغان بولۇپ، دوختۇرنىڭ دېيىشىچە تېزدىن ئېلىۋېتىش كېرەك ئىكەن، بولمىسا سول كۆزمۇ ياللۇغلىنىپ قالىدىكەن.
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئەن ئەننىڭ گۈدەك ھاياتى ئېچىنشلىق تەقدىرگە ئۇچرىدى.
مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئىككى سىڭلىسىغا ئازراق تۇرمۇش پۇلى قىلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۇ يالغۇز تاغقا ياۋا موگۇ تەرگىلى چىقىپ، يۇقىتىش خاراكتېرلىك بەختسىزلىككە دۇچ كەلگەن.
شۇ جايدىكى بىر 20 نەچچە ياشلىق ئەر ئىبلىس قولىنى بۇ ئاجىز قىزغا سونۇپ، رەھىمسىزلەچە زوراۋانلىق قىلغان.
كېيىن، ئۇ تاش پارچىسى بىلەن ھېچقانداق قارشىلىق كۈچى بولمىغان ئەن ئەننىڭ باش قىسمى، بەدىنى، پۇت-قوللىرىغا ئۇرۇپ، پۈتۈن بەدىنىڭ سىرتى ۋە ئىچكى ئەزالىرىنىڭ يارلاندۇرۇپ، بىر كۆزىدىن ئايرىپ، بۇرۇن سۆڭىكىنى ئېزىۋەتكەن.
بۇ ۋەھشىي ئەر بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي، بىر دانە تاياقنى ئەنە ئەننىڭ بەدىنىنىڭ تۆۋەن قىسمىغا تىقىۋەتكەن (دوختۇرخانىدا ئۇنىڭ بەدىنىدىن 4-5 تال تاياق چىقىرۋېلىنغان) بولۇپ، قىزچاقنىڭ جىنسىي يول، دوۋساق، بالىياتقۇ، تۈز ئۈچەي، قورساق بوشلۇقىنى تېشىپ ئۆتكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ياغاچنىڭ ئۇزۇنلىقى 30 سانتىمېتىر بولۇپ، پۈتۈنلەي ئەنئەننىڭ تېنىگە كىرگۈزۋېتىلگەن، ئۈچەي يارا ئېغىزىدىن بەدەن سىرتىغا چىقىپ قالغان ئىدى.
ۋەھشىيلىك قىلىپ بولغاندىن كېيىن، قەبىھ ئەر جېنى تۇمشىقىغا كېلىپ قالغان ئەن ئەننى تاش-شېغىللىق ئېرىقتا سۆرەپ 40 نەچچە مېتىر پەسكە ئېلىپ چۈشۈپ، ئاخىرى ئۇنى ئاسان بايقىلىپ قالمايدىغان كۆۋرۈك سۈڭگۈچىگە تاشلاپ كېتىپ قالغان.
مومىسى ئەن ئەننى تاپقان ۋاقىتتا، ئۇ قىيلىنىپ شۈك بولۇپ قالغان ئىكەن. ساڭجى ناھىيەلىك دوختۇرخانىدىكى بارلىق مۇتەخسىسلەر ۋە دوختۇرلار پۈتۈن كۈچى بىلەن قىزچاقنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان، بىراق ۋەھشىي زوراۋاننىڭ قىلمىشىدىن قىزچاقنىڭ تۈز ئۈچىيى يېرىلىپ، سۈيدۈك قۇرساق بوشلۇقىغا ئېقىپ كەتكەن، دوۋسۇننىڭ كەينى ئۈستىنكى گىرۋىكىدە ئىككى يېرىق (ئاللىقاچان يېرىلىپ كەتكەن) بولۇپ، كېسەللىك ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر بولغاچقا، يەنە 10 نەچچە كۈندىن كېيىن خەتەردىن ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
ج خ تارماقلىرى قىزچاق ھۇشىغا كېلىش بىلەنلا جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن.

 

photo.huanqiu.com :مەنبە 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش