نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> ئىلىكترون >> يازما كۈرۈش >> 108 قېتىم كۈرۈلدى
بالىلار ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى ماشىنا ئادەملەر
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-11 -10
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : nur.cn

 

Www.AnAdiyar.Cn

ئەنگىلىيىنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرسى بولغان بىرمىڭخامدىكى بىر مەكتەپتە ئىسىملىرى مارك ۋە بېن بولغان ئىككى ماشىنا ئادەم ئۆتكەن مارت ئېيىدىن باشلاپ بالىلارغا دەرس بېرىشكە باشلىغان. بۇ تەتقىقاتنىڭ مەقسىتى بالىلارنىڭ ھەقىقى ئوقۇتقۇچىلاردىن بەكراق ماشىنا ئادەملەردىن بىرنەرسە ئۈگىنەلەيدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئىكەن. بۇ تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغان مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن بىرىسى بولغان ئىئان لوۋ BBC خەۋىرىگە قىلغان سۆزىدە ؛ بۇ ماشىنا ئادەملەردە تۇيغۇ يوق. بۇ سەۋەپتىن ماشىنا ئادەملەر بالىلارنى قورقۇتالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىلار ماشىنا ئادەملەر بىلەن ئاسان مۇناسىۋەت باغلىيالايدۇ. بويى پاكار بولغان ئىنسانغا ئوخشىتىلغان بۇ ماشىنا ئادەملەر بالىلارغا ئوخشاش ھەركەت قىلىدۇ. 5 ياشتىن 10 ياشقىچە بولغان بالىلارغا بەزى دەرسلەرنى ئاۋازلىق ئۆگىتىش بىلەن بىرگە بەزى ئەستە ساقلاش كارتىلىرى ئارقىلىق ئۆگىتىدۇ. ئەنگىلىيىدە تۇنجى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان بۇ تەتقىقات ئۈچۈن باھاسى 15 مىڭ پونىستىرلىڭ بولغان بۇ ماشىنا ئادەملەر بىر شىركەت تەرىپىدىن مەكتەپكە سوغا قىلىندى

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      
ئالدىنقىسى :

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش