نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 321 قېتىم كۈرۈلدى
ھۆكۈمەت ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلماقچى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-11 -10
  • يوللىغۇچى : گۇلنۇر
  • مەنبەسى : ھۆكۈمەت ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلماقچى

 

Www.AnAdiyar.Cn

ئەسكەرتىش: 9 – ئۆكتەبىر، گوۋۈيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى جۇڭگو ئەدلىيە ئىسلاھاتىنىڭ ئاق تاشلىق قامۇسىنى ئېلان قىلدى. مەركەز ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى جاڭۋېي ئەھۋالنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دىدى، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپىنى قوغداشتا مۇھىم رولىنى جارىي قىلدۇردى. بىراق، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىدىكى بەزى بەلگىلىمىلەر ۋە تەرتىپنى تونۇش جەھەتتە بەزىبىر مەسىلىلەر مەۋجۇت. جاڭۋېي مۇنداق دىدى، ئالاقىدار تارماقلار كونكرېت ئىسلاھ قىلىش لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ.

خەلقئارا سىملىق لىنىيە خەۋىرى: گوۋۈيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 2012 – يىل 9 – ئۆكتەبىر «جۇڭگونىڭ ئەدلىيە ئىسلاھاتى» ناملىق ئاق تاشلىق قامۇسىنى ئېلان قىلدى، ھەمدە شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئوندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، مەركەز ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى جاڭۋېي ئاق تاشلىق كىتابنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
گېرمانيە دۇنيا گېزىتى مۇخبىرى:
مەن ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشكە دائىر بىر مەسىلىنى سورىماقچى. بۇ ئەدلىيە ئىسلاھاتى ئاق تاشلىق كىتابىدا، بۇ مەسىلە تىلغا ئېلىنماپتۇ. بۇ مەسىلە نېمىشقا ھازىرغىچە ھەل قىلىنمايدۇ؟ بولۇپمۇ نۇرغۇنلىغان خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىشىۋاتىدىغۇ.
جاڭۋېي:
بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە رەھمەت. ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى – جۇڭگونىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش تارماقلىرى تەستىقلىغان قانۇنىي تۈزۈم بولۇپ، بۇ تۈزۈمنىڭ قانۇنىي ئاساسى بار. ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپىنى قوغداشتا مۇھىم رولىنى جارىي قىلدۇردى. ئەلۋەتتە، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىدىمۇ بەزى بەلگىلىمىلەر ۋە تەرتىپنى تونۇش جەھەتتە بەزىبىر مەسىلىلەر مەۋجۇت. ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش بۇ ئاللىقاچان شەكىللەنگەن بىر ئىجتىمائىي ئورتاق ئاڭ بولۇپ قالدى، ئالاقىدار تارماقلار خېلى كۆپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، دەلىللەش خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ، مۇتەخەسىسلەر ۋە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن كەڭ كۆلەمدە پىكىر، تەكلىپ ئېلىپ، ھازىر كونكرېت ئىسلاھ قىلىش لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ.

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      
كىيىنكىسى:

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش