نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 432 قېتىم كۈرۈلدى
يېڭى تۇغۇلغان قىز بوۋاق كوچىدىكى بىر ئەخلەت تۇڭىغا تاشلىۋېتىلدى.
  • يوللانغان ۋاقىت : 2012-01 -30
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : شىنخۇا تورى

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 

جۇڭگو خەۋەر تورى ،چۇڭچىڭ ،1-ئاينىڭ29-كۈنىدىكى تېلگراممىسى :

      چۇڭچىڭدا بىر يېڭى تۇغۇلغان قىز بوۋاقنىڭ كوچىدىكى بىر ئەخلەت تۇڭىغا تاشلىۋېتىلگەن،شۇ يەرلىك يولدىن ئۆتكۈچىلەر بايقىغاندىن كېيىن دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغان.ساقچىلار ھازىر بۇ بوۋاقنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىنى ئىزدىمەكتە.

 

     چۇڭچىڭ يۈبېي ساقچى تەرەپنىڭ 29-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە،1-ئاينىڭ28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:00 ،چۇڭچىڭ يۈبېي رايونىدىكى بىر يول ئېغىزىدىكى بىر ئەخلەت تۇڭىدا بىركىچىك بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازى ئاڭلانغان،بىرنەچچە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان شەھەر ئاھالىسى يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ ،ئەخلەت تۇڭىدىن بوۋاقنى قۇتقۇزۇپ چىققان .

 

ساقچىلار نەق مەيدانغا بېرىپ كۆرگەندىن كېيىن ،بۇ بوۋاقنىڭ ئەمدىلا تۇغۇلغانلىقى،بالا ھەمرىيىنىڭ بىللە ئىكەنلىكى،ھالرەڭ پوپايكا ۋە سۇس قىزىل رەڭلىك چاپان كىيگۈزىلگەن ئىكەن .چۇڭچىڭنىڭ سەھىرى ئىنتايىن سوغوق بولۇپ ،بوۋاق مۇزلاپ يۈز-قللىرى كۆكۈرۈپ كەتكەن ،نەپىسى ئىنتايىن ئاجىز ،بەزىدە يىغلاپ قوياتتى.ساقچىلار ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ قۇتقۇزغان.

 

        ھازىرچە ،بۇ بوۋاقنىڭ سالامەتلىكىدە ياخشىلىنىش بولۇپ ،ھاياتىغا خەۋپ يەتمىگەن،لېكىن تېنى يەنىلا شۇنداق ئاجىز ،دوختۇرخانىدا داۋاملىق داۋالىنىشى كېرەك .بۇ بوۋاقنىڭ بالا ھەمرىيى قانۇن دوختۇرلىرىغا تەكشۈرۈشكە بېرىلدى،ساقچى تەرەپ DNA تەكشۈرۈش ئارقىلىق بوۋاقنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىنى تېپىشنى ئۈمۈد قىلاتتى.

 

 

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش