نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 126 قېتىم كۈرۈلدى
ئىراقنىڭ «ھالاكەت ئۈچ بۇلۇڭ رايونى»غا سەپەر

ئىراقنىڭ «ھالاكەت ئۈچ بۇلۇڭ رايونى»غا سەپەر
    ئىراقنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىنى شىئەلەر بىلەن كوردلار ئىگىلىگەن، ئوتتۇرا قىسىمدىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا سۈننىيلەر بىلەن شىئەلەر ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بۇ يەردە ئىككى مەزھەپنىڭ كۈچى مۇرەككەپ بولغاچقا، ئەڭ مالىمان جاي بولۇپ قالغان. يېقىندا، ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتىن ئاپتوموبىل بىلەن شىمالغا يۈرۈپ، ئىراقنىڭ ئەڭ «نازۇك» مەركىزىي رايونى سەلەخددىن ئۆلكىسىدىكى دەژلە دەرياسىنى بويلاپ، ئىراقتا كۆپ يىللاردىن بويان يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىقنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدەندۇق. 
                يولنى «ھالاكەت داغلىرى» بېسىپ كەتكەن
   شوپۇر تاشيولدىكى سىمونت «ياماق»لارنى كۆرسىتىپ: بۇلار يول بويىغا كۆمۈلگەن بومبىلار پارتلاشتىن قالغان ئورەكلەر. بىر، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا بۇ يول ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، شوپۇرلارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەش تېخنىكىسى ۋە تەلىيىنى سىنايدىغان يول بولۇپ قالغانىدى، دېدى. باغدادتتىن شىمالغا بارىدىغان تاشيولدا قاراۋۇلخانا كۆپ بولۇپ، ئاپتوموبىلنى يول بۇيى ئىراق ئەسكەرلىرى تەكشۈرۈپ تۇراتتى. بىز ئىراقتىكى ئامېرىكا ئارمىيەسى تۇرۇشلۇق «تەقىي» ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن،«ھالاكەت ئۈچ بۇلۇڭ رايونى»غا قەدەم باستۇق. بۇ يەردىكى ئەڭ روشەن يول بەلگىسى تاشيولدىكى بومبا پارتلاشتىن قالغان ئورەكلەر ئىدى. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 150 مىتىر ئارىلىقتا ئىككىدىن ئۈچكىچە ئورەك بولۇپ، ئەگەر ھاۋا بوشلۇقىدىن قارىسا، ئانچە كەڭ بولمىغان بۇ تاشيولنى ھالاكەت داغلىرى بېسىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى.
    ئورەكلەر تاشيولنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، دائىرىسىمۇ كەڭ ئىدى، بۇنىڭدىن ئەينى چاغدىكى بومبىنىڭ پارتلاش كۈچىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولاتتى. شوپۇر: بۇلار ھەقىقىي «يول بومبىسى» بولۇپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئاپتوموبىللىرى ئۆتكەندە ئاپتوموبىلنىڭ بومبا پارتلاپ، تالاپەت ئېغىر بولاتتى، دېدى. بۇ ئورەكلەردىن شۇ يىللاردا ئامېرىكىغا قارشى قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئىراقتىكى ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ناھايىتى شىددەتلىك بولغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى. بىز بۇنىڭدىن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قوراللىرى خىل بولسىمۇ، يەنە نېمە ئۈچۈن 4000 دىن كۆپ ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلگەندەك بولدۇق.
      ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ساماررادا كۆپ ئەسكەر تۇرغۇزۇپ، قاتتىق قوغدىدى
   بىز بۇ يولدىن شىمالغا مېڭىپ، ئاخىرقى نۇقتا- نامايەندە خاراكتېرلىك ئۈچ ئىمارەتتىن تەركىب تاپقان سامارراغا كەلدۇق. مەشھۇر ھەزرىتى ئەلى مەسچىتى، يەنى داڭلىق ئالتۇن قۇببىلىق مەسچىت مۇشۇ يەرگە جايلاشقان. ھەزرىتى ئەلى مەسچىتىنىڭ پايتەخت باغداد بىلەن بولغان ئارلىقى 125 كىلومېتر بولۇپ، بۇ، ئىراقتىكى شىئەلەرنىڭ تۆت چوڭ مۇقەددەس جايىنىڭ بىرى بولۇپ، شىئەلەرنىڭ 10-ئىمامى ھەزرىتى ئەلى ۋە 11-ئىمامى ھەسەن ئەسقەرنىڭ مەقبەرىسى مۇشۇ يەردە ئىدى. 2006-يىلى فېۋرالدا، بۇ مەسچىت تېررورلۇق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، مەسچىتنىڭ ئالتۇن قۇببىسى ۋەيران قىلىۋېتىلگەن؛ 2007-يىلى ئيۇندا قالغان ئىككى پەشتىقىمۇ يەنە بىر قېتىم پارتىلتىۋېتىلگەن. ئىككى قېتىملىق ھۇجۇمدىن كېيىن، ئىراقتىكى شىئەلەر بىلەن سۈنىيلەر ئارىسىدا بولگۈنچىلىك ۋە تىركىشىش پەيدا بولغان، ئىككى مەزھەپ ئارىسىدا ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋاملاشقان قانلىق قىرغىنچىلىقتا نەچچە ئون مىڭ كىشى تالاپەتكە ئۇچرىغان، ھازىر ئىككى مەزھەپ ئارىسىدىكى ئىشەنمەسلىك ۋەزىيىتى ئىراقنىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىگە داۋاملىق ئېغىر تەسىر يەتكۈزمەكتە.
    بۇ مەسچىتنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى مۇھىم ۋە ئالاھىدە بولغاچقا، ئىراق دائىرىلىرى ساماررادا نۇرغۇن ئەسكەر تۇرغۇزۇپ، قاتتىق قوغداپ، پاجىئەلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ  ئالدىنى ئالغان. ساماررادىكى ئىراق قىسىمنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانى ئابدۇباسات: ھازىرقى ئەھۋالغا قاراپ ئىراقنىڭ كەلگۈسىگە باھا بەرگىلى بولمايدۇ، ئەھۋالىمىز ھامان ياخشىلىنىدۇ، دېدى. ئۇنىڭ رۇخسىتى بىلەن، بىز بىر نەچچە ئەسكەرنىڭ ھىمايىسىدە مەركىزى رايونغا كىردۇق .
        بۇ يەرگە ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شىئەلەر كېلىپ تاۋاپ قىلىدىكەن. بىز يول بويى كۇزۇپقا سايىۋەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان كىچىك تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىدا قارا يەكتەك كىيگەن تاۋاب قىلغۇچىلارنى كۆردۇق. يول باشلىغۇچىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشىچە، تاۋاب قىلغۇچىلارنىڭ كۆپى قوشنا دۆلەت- ئىراندىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار كۆپ ھاللاردا ۋەقە سادىر قىلماقچى بولغان قوراللىقلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قالىدىكەن.
           ئالتۇن قۇببىلىق مەسچىتنىڭ ئىلگىرىكى كۆركەملىكى قالمىغان ئىدى
  بىز 55 مىتر ئىگىزلىكتىكى ئايلانما پەشتاقنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ھەزرىتى ئەلى مەسچىتىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشىنى كۆردۇق، بۇ مەسچىت ھازىر ناھايىتى ۋەيران قىلىۋېتىلگەن بولۇپ، ئىلگىرىكى كۆركەملىكى قالمىغان بولسىمۇ، جاي-جايلاردىن كېلىدىغان تاۋاپ قىلغۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەچكە، مەسچىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى ئاستىلاپ قالغان.
    يېقىن ئەتراپتىكى خىش تام بىلەن قورشالغان تۆت چاسا قۇرۇلۇش ساماررادىكى قەدىمىي مەسچىت بولۇپ، ئۇنى ئابباسىلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى مۇتەۋەككىل 848-يىلى سالدۇرغان، بۇ قۇرۇلۇش 852-يىلى پۈتكەن بولۇپ، 1200 يىل تارىخقا ئىگە، ئۇنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 30 مىڭ كۋادىرات مېتردىن كۆپرەك بولۇپ، ئۇنىڭغا 80 مىڭدىن كۆپ تاۋاب قىلغۇچى سىغىدىكەن.
    بۇ مەسچىتنىڭ پەشتىقى «مالۋىيە» پەشتىقى دەپ ئاتىلىدىكەن، ئۇ ئىراق قەدىمىي مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋوللۇق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا تەۋە ئىكەن. 2003-يىلى ئىراق ئۇرۇشى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، بۇ يەرگە ساياھەتچىلەر كېلىدىكەن. 2006-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە بولغان مەزھەپلەر توقۇنۇشى مەزگىلىدە،  پەشتاقنىڭ بەزى جايلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقتىن، ھازىر تولۇق رېمونت قىلىنىپ بولغان.
      شۇ جايدا مۇداپىئەدە تۇرۇۋاتقان ئىراق ئەسكىرى ئەنمار: قانچىلىك بەدەل تۆلىسەكمۇ، ئۇنى چوقۇم ئەسلىگە كەلتۈرىمىز. ئالتۇن قۇببىلىق مەسچىت سۈنىيلەر ياكى شىئەلەرگىلا مەنسۇپ بولماستىن، ئىراققا مەنسۇپ، دېدى.
     ساماررا ئەتراپىدا يەنە ئابباسىلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى خەلىپىنىڭ بىر خانسارىيى بولۇپ، ھازىرغىچە مۇكەممەل ساقلىنىپ كەلگەن. «بازا» قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ رايوننى كونترول قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ساماررا مەزھەپلەر توقۇنۇشىدىغان ئاساسى جەڭگاھ بولۇپ قالغانلىقتىن، ئىراقلىقلار بۇ يەرنى ئاسانلىقچە ئېكسكورسىيە قىلالمايدىغان بولۇپ قالغان. ئىراق خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ بۇ رايونلارنى تەدرىجى كونترول قىلىشى بىلەن، خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى بىر يىلدىن ئاۋۋالقىدىن خېلى ياخشىلىنىپ، بەزى ئىراقلىقلار ئائىلىسىدىكىلىرى بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ سەيلى قىلدىغان بولغان.
     ساماررالىق ئادىب: بۇ قەدىمىي يادىكارلىقلار ئورنىغا كېلىپ سەيلە قىلىشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمىز، لېكىن ھازىر بۇ ئەتراپتا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بازىسى بار، بۇنىڭدىن ئىلگىرى تېرروچىلارمۇ بار ئىدى، ئۇلار بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىمىزگە يول قويمايتتى. ئىراق خەۋپسىزلىك قىسىملىرى بۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتىنى كونترول قىلغاندىن كېيىن،  ئەھۋال ياخشىلاندى، بىز ھازىر بۇ يەرگە ھەر قانداق ۋاقىتتا كېلەلەيدىغان بولدۇق. بۇ مېنىڭ بۇ يىل بۇ يەرگە 3-قېتىم كېلىشىم، مەن بۇ يەرنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن، دېدى.
            «بازا»تەشكىلاتىغا قارشى تۇرۇپ، يۇرت-ماكاننى قوغداش
    بىز ساماررا شەھىرىدىن ئايرىلىپ، سەلەخددىن ئۆلكىسىدىكى دەژلە دەرياسى بويىدىكى سۈنىيلەر ئولتۇراقلاشقان بىر بازارغا كېلىپ، بېلىقچىلارنىڭ قىيىقىغا ئولتۇرۇپ، دەژلە دەرياسىنى سەيلە قىلدۇق .
  قىيىقچى بىزگە: بۇ يەردە پۈتۈنلەي سۈنىيلەر ئولتۇراقلاشقانلىقتىن، مەزھەبلەر توقۇنۇشى بولمىسىمۇ، قوراللىق تەشكىلاتلار بىزنىڭ بېلىق تۇتۇشىمىزغا يول قويمىغان ئىدى. كېيىن ئىراق خەۋپسىزلىك قىسىملىرى، ساقچىلار، يەرلىك كىشىلەر ۋە «ئۇيغىنىش كومىتېتى»نىڭ قوراللىق خادىملىرى ھەمكارلىشىپ، قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ خادىملىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، بۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتىنى تىنچلاندۇردى ۋە مۇقىملاشتۇردى. ھازىر بۇ بازار خېلى تىنچ بولۇپ قالدى، بىز نورمال تۇرمۇش كۈچۈرۈۋاتىمىز، خالىغان چاغدا بېلىق تۇتالايمىز، دېدى .
      بۇ بازاردا كىشىلەر ئەۋلادمۇ ئەۋلاد بېلىقچىلىق بىلەن تۇرمۇش كۈچۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۈچ يىل ئىلگىرى بەختكە قارشى جەننەتتەك بۇ بازارنى چەت ئەلدىن كەلگەن «بازا»تەشكىلاتىنىڭ قوراللىقلىرى ئىگىلىۋالغان، ئۇلار بۇ يەرنىڭ ئەۋزەل شارائىتى، قومۇشلۇق ۋە ئىگىز-پەس يەرلىرىنى كۆزلەپ، بۇ يەرنى ئۆزلىرىنى يوشۇرىدىغان تەبىئي مۇداپىئە ئورنى قىلىۋالغان.
       «بازا»تەشكىلاتى بۇ يەرگە كېلىپلا، بارلىق قاتناش تۈگۈنلىرىنى ئىگىلىۋېلىپ، يول بۇيى پوست قويۇپ، بۇ يەرنى باشقۇرغۇچى بولۇپ قالغان. ئۇلار كىشىلەرنى ئۆزلىرى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاشقا قىستىغان، باشقىچە پىكردە بولغانلارنى ئۆلتۈرگەن. ئىگىلىنىشچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى2003-يىلى بۇ بازارنى ئىشغال قىلغاندا، 300 دىن كۆپ كىشى زوراۋانلىقتا قازا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە نەچچە ئون كىشى ئامېرىكا ئارمىيەسىگە قارىشى تۇرۇش جېڭىدە ئۆلگەن، قالغانلىرى «بازا» تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. تېررورچىلار بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەنلىكتىن، شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ قاتتىق غەزىبىنى قوزغالغان. ئاقكۆڭۈل ئاھالىلەر «بازا»تەشكىلاتىنىڭ بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، بەس-بەستە سۈنىيلەرنىڭ خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتى-«ئۇيغىنىش كومىتېتى»غا  قاتنىشىپ، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە تېررورچىلارغا زەربە بېرىپ، يۇرت-ماكانىنى قوغدىغان.
    تىرىشىش ئارقىلىق، بۇ يەرنىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى ئىلگىرىكىدىن خېلى ياخشىلىنىپ، ئىراق خەۋپسىزلىك قىسىمى ۋە «ئۇيغىنىش كومىتېتى»نىڭ كونتروللىقىغا ئۆتكەن. لېكىن «بازا»تەشكىلاتى بۇ يەردىن مەجبۇرىي كەتكۈزۈۋېتىلگەن بولسىمۇ، يەنىلا سىڭىپ كىرىپ ھۇجۇم قوزغاپ تۇرغان. «ئۇيغىنىش كومىتېتى»نىڭ ئەزاسى بىزگە 2009-يىلى «ئادەمبومبا» ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا قالغان دۈمبىسىدىكى يارىسىنى كۆرسىتىپ : مەن شۇ چاغدا مەسچىتتە ناماز ئۆتەۋاتاتتىم ، «ئادەمبومبا» توساتتىن ئارقامدىن كېلىپ، مېنى چىڭ قۇچاقلىۋېلىپ، شۇئار توۋلاپ، بومبىنىڭ پىلىكىنى تارتتى، بەختكە يارىشا، بومبا دەرھال پارتلمىدى، مەن ئۇنى جەينىكىم بىلەن ئۇرۇپ يېقىتىۋېتىپ، ئارقامغا بۇرۇلۇپ يېتىۋالدىم، بۇ ۋەقە بەش سىكونت ئىچىدە يۈز بەردى، كېيىن بومبا پارتلىدى، ئۇ قېتىمقى پارتلاشتا تۆت كىشى قازا قىلدى، 19 كىشى يارىلاندى، دېدى.
  بىز بازارغا 20 نەچچە كىلومىتر كېلىدىغان ئاھالىسى شالاڭ ئېدىرلىققا كېلىپ، «بازا»تەشكىلاتى بىر يىل ئىلگىرى چىكىندۇرۇلگەندە قالدۇرغان مەشىق لاگېرى ۋە دىنامو ماشىنا قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى كۆردۇق. بۇ يەر سەلەخددىن ئۆلكىسى بىلەن شەرقتىكى دىيارا ئۆلكىسىنىڭ چېگرىسى تۇتاشقا جاي بولۇپ، بۇ يەردە «بازا»تەشكىلاتى تېخىچە ھەرىكەت قىلىپ تۇرغاچقا، ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك پۇقرالار ۋە ھەربىي-ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ تۇرىدىكەن.
  يول باشلىغۇچى يېقىندىكى جىلغىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: جىلغىنىڭ ئۇ تەرىپى كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدىغان دىيارا ئۆلكىسى، مەن ئالدىغا ماڭالمايمەن، ئەگەر سىلەرگە يول باشلىغۇچى بولمىغان بولسام، بۇ يەرگە ھەرگىز كەلمەيتتىم، دېدى. «بازا» تەشكىلاتى سەلەخددىن ئۆلكىسىدىن چېكىندۇرۇلگەندىن كېيىن، مۇشۇ يەرنى يېڭى ئۇۋا قىلغان بولۇپ، بەزىدە ئۇلار بۇ تەرەپكە ئۆتۈپ ھۇجۇم قىلىپ تۇرىدىكەن .
   بىز بۇ بازاردا كىشىلەرنىڭ دەريادا ئەركىن-ئازادە قىيىق ھەيدەپ بېلىقچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ياشانغانلارنىڭ بالىلىرىنى باشلاپ دەريا قىرغىقىدا بېلىق تۇتۇۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. بىز بۇ بازاردىكى ئاھالىلەرنىڭ قان-تەرى ۋە باتورلۇقى بىلەن تىنچلىق مېۋىسىنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئىككى بىلىكى بىلەن خەيرلىكنى قوغداۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق . 

 

 

مەنبەسى : nur.cn
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-09 -30 يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

沪ICP备11003167号ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776