نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 273 قېتىم كۈرۈلدى
مېدۋىدېۋ: ئۆز ئالدىغا جازا قوللىنىش ئۇسۇلىغا يول قويۇش - بەزى دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇۋېتىدۇ

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 
رۇسىيە پىرېزىدېنتى مېدۋىدېۋ (ماتېرىيال سۈرەت)
 
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
رۇسىيە پىرېزىدېنتى مېدۋىدېۋ 7-ئۆكتەبىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نامىدا بەزى دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن، ئۆز ئالدىغا جازالاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويمايدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇنىڭ ئۈچۈن قۇرۇلغان ئەمەس.
مېدۋىدېۋ شۇ كۈنى موسكىۋا شەھەر سىرتىدىكى دۆلەت سارىيىدا رۇسىيە فېدراتسىيەسى بىخەتەرلىك يىغىنىنىڭ دائىمىي ئىشلار كومىتېتى ئۆتكۈزگەن يىغىنغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا رۇسىيە بىلەن جۇڭگو رەت قىلغان سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش لايىھەسى ماقۇللانسا، لىۋىيەگە ئوخشاش ئاقىۋەت پەيدا بولىدۇ.
مېدۋىدېۋ مۇنداق دەپ قارىدى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قارار لايىھەسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەيدانىنى ماسلاشتۇرۇشىغا پايدىلىق بولۇپ، بۇ ياخشى سۈپەتلىك، مۇستەھكەم ۋە ئاقىلانە ھۆججەت.
 
 

 

تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
مەنبەسى : www.uycnr.com
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-10 -08 يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

沪ICP备11003167号ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776