نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 225 قېتىم كۈرۈلدى
نىيۇيورك ساقچى دائىرىلىرى ۋول كوچىسىنى ئىگىلەش لاگىرىنى تازىلىدى

 

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
ئامېرىكا نىيۇيورك ساقچى دائىرىلىرى تۈنۈگۈن سەھەردە تۇيۇقسىز ھەرىكەت قوللىنىپ، ۋول كوچىسىنى ئىگىلەش ھەرىكىتىنىڭ لاگېر مانخاتتوندىكى زۇككوتتى باغچىسىنى تەل تۆكۇس تازىلىدى. بۇ يېقىنقى ئىككى ئايدىن بۇيان ۋول كوچىسىنى ئىگىلەش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئېتىراز بىلدۈرگۈچىلەرنى تۇنجى قېتىم مەجبۇر قوغلاش بولدى. تازىلاش ھەرىكىتىدە ئېتىراز بىلدۈرگۇچىلەردىن تەخمىنەن 200 كىشى ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلدى.

 

بىر ئېتىراز بىلدۈرگۈچىنىڭ ئېيتىشىچە، تازىلاش ھەرىكىتى ۋول كوچىسىنى ئىگىلەش ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەستىن بەلكى يېڭى باشلىنىش ئىكەن. ئۇلار كېيىنكى قەدەمدىكى ھەرىكەت پىلانىنى تىزدىن بېكىتىدىكەن.

نىيۇيورك شەھىرىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېدى: نامايىشچىلار زۇككوتتى باغچىسىدا بارگاھ قۇرۇپ توپلىشىپ ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزگەنلىكىدىن ھەمدە ساغلاملىق ۋە ئوت ئاپىتى قاتارلىق يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ بارغانسېرى كۆپەيگەنلىكىدىن ھۆكۈمەت باغچىنى تازىلاش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.

تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
مەنبەسى : www.uycnr.com
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-11 -19 يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

沪ICP备11003167号ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776