نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 228 قېتىم كۈرۈلدى
كازافىنىڭ ئوغلى سەيفۇل لىۋىيەدە سوراق قىلىنىدۇ

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
لىۋىيە مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گۇجا 20-نويابىر تىرىپولىدا لىۋىيە دائىرىلىرى كازافىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى سەيفۇلنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرمەيدۇ، سەيفۇل لىۋىيەدە سوراق قىلىنىدۇ دەپ جاكارلىدى.
گۇجا چەتئەللەرنىڭ مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتنىڭ سەيفۇلنى سوتلاش-سوتلىماسلىقى ھەققىدىكى گۇمانى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: ئۆتكۈنچى كومىتېت نۆۋەتتە ئاكتىپ ئۆتكۈنچى باسقۇچتىكى ئالاقىدار قانۇن ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنى قۇرۇشقا تۇتۇش قىلماقتا. ھازىر سەيفۇل يەرلىك قۇراللىق كۈچلەر تەرىپىدىن زىنتان شەھىرىگە قاماپ قويۇلدى.
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر ئايال باياناتچىسى 19-نويابىر بىز لىۋىيە ھاكىمىيەت دائىرىلىرىنىڭ سەيفۇلنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.
 
Www.AnAdiyar.Cn
 

 

 

 

تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
مەنبەسى : www.uycnr.com
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-11 -21 يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
 كىيىنكىسى : كىيىنكىسى يوق

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

沪ICP备11003167号ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776