رەسىملىك خەۋەرلەر
 نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> جاھاندىكى ئىشلا >> يازما كۈرۈش >> 1027 قېتىم كۈرۈلدى
ئۈچ ئايال 2011-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-10 -08
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.uycnr.com

 

Www.AnAdiyar.Cn 
ئوڭدىن سولغا: ئېللېن سىرلىئاف جونسون، لاييىمان گۇدبوۋېي، تاۋاكۇل كامان
 
 
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتىنىڭ رەئىسى جاگلاند 7-ئۆكتەبىر ئوسلودا 2011-يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ لېبىرىيە پىرېزىدېنتى ئېللېن سىرلىئاف جونسون، لېبىرىيە تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى لاييىمان گۇدبوۋېي ۋە يەمەن ئاياللار ھوقۇقى پائالىيەتچىسى تاۋاكۇل كامانغا بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.
نورۋېگىيە نوبىل كومىتېتىنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلىدى: بۇ ئۈچ ئايال ئاياللار بىخەتەرلىكى ۋە ئاياللارنىڭ تىنچلىق خىزمىتىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى. زوراۋانلىق قىلماسلىق، كۈرەشكە قاتناشقاندىكى نەتىجىسى ئۈچۈن ئۇلار مۇكاپات پۇلىنى تەڭ بۆلۈشىدۇ.
ئېللېن سىرلىئاف جونسون 2005-يىلى 11-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن لېبىرىيە پىرېزىدېنت سايلىمىدا غەلبە قىلىپ، 2006-يىلى 1-ئايدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ، ئافرىقا تارىخىدىكى تۇنجى ئايال پىرېزىدېنت بولۇپ قالغان. لاييىمان گۇدبوۋېي رەھبەرلىكىدىكى تىنچلىق ھەرىكىتى 2003-يىلى لېبىرىيە ئىچكى ئۇرۇشىغا خاتىمە بەرگەن. تاۋاكۇل كامان يەمەننىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتىدىكى رەھبەرلەرنىڭ بىرى.
 
 
 
 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش