نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> خەلقئار >> يازما كۈرۈش >> 860 قېتىم كۈرۈلدى
لىۋىيەنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇزاكىرە قىلىندى

 

Www.AnAdiyar.Cn

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى 28-ئاۋغۇست سەھەردە بايانات ئېلان قىلىپ، لىۋىيەنىڭ بۇ يىل 2-ئايدىن بۇيان ۋاقتىنچە توختىتىپ قويۇلغان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلغانلىقىنى، لىۋىيە ئۆكتىچىلىرى مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتىنىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىل ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
 

Www.AnAdiyar.Cn

ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى 27-ئاۋغۇست كېچىدە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ ئالاھىدە يىغىنىنى ئىچىپ، لىۋىيە بىلەن سۈرىيە ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى، ئەتىسى سەھەردە يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ لىۋىيەگە قارىتىلغان مال مۈلىكىنى توڭلىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن لىۋىيە ئۆكتىچىلىرى مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتىنىڭ لىۋىيەگە ۋاكالىتەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا ئالاقىدار تەشكىلاتلاردىكى ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە يول قويۇشنى تەلەپ قىلدى. باياناتدا يەنە لىۋىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكى تەكىتلەندى، ھەمدە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى لىۋىيەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
 

مەنبەسى : www.uycnr.com
 يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -28 يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى

| ئانادىيار ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

沪ICP备11003167号ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776