نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 430 قېتىم كۈرۈلدى
تۆمۈر يول مىنستىرلىكى كەلكۈن مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -20
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى :
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:
يېقىنقى نەچچە كۈندە، جۇڭگونىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ ھۆل-يىغىن كۆپ بولدى. تۆمۈر يوللار كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشتە ئەڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە كىردى. تۆمۈر يول مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر قايسى تۆمۈر يول ئىدارىلىرى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشتىكى تۈرلۈك تۈزۈملەرنى باشتىن-ئاخىر قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەلكۈن مەزگىلىدىكى قاتناش چارىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پەسىل بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
مەركىزىي ھاۋارايى ئىستانسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 18-ئاۋغۇستتىن 27-ئاۋغۇستقىچە، ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونىنىڭ شەرقىي، شىمالىي جۇڭگونىڭ غەربىي قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ھۆل-يىغىن مىقدارى 80مىللىمېتىردىن 150مىللىمېتىرغا يېتىدىكەن. كەڭ دائىرىدىكى ھۆل-يىغىن سەۋەبىدىن پۈتۈن يوللاردا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى كەسكىن ۋەزىيەتكە دۇچ كەلمەكتىكەن.
تۆمۈر يول مىنىستىرلىقى تۆمۈر يول ئىدارىلىرىدىن كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشتىكى تۈرلۈك تۈزۈملەرنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، يامغۇر يىغىۋاتقان، يامغۇردىن كېيىنكى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سۇ ئاپىتى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان قاتناش ۋەقەسىدىن ساقلىنىشىنى تەلەپ قىلدى.
8-ئايدا ھاۋا ئىسسىق، بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان،جەنۇبى جۇڭگو رايونىدا تېمپېراتۇرا يۇقىرى، ھۆل-يىغىن ئاز بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئادەتتە 35 سىلىتسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولدى، قىسمەن رايونلاردا 40 سىلىتسىيە گىرادۇسقا يەتتى. بۇنىڭغا قارىتا تۆمۈر يول مىنىستىرلىقى تارماقلار، ئورۇنلاردىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئەمگەكچىلەرنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، سىرتتا خىزمەت قىلىۋاتقان خادىملارغا ئىسسىق ئۆتۈپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى، ئەمگەكچىلەرنى قوغداش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش