جۇڭگو بۈگۈنكى دەۋر سەنئەتكارلار جەمئىيىتى — جۇڭگونىڭ بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىيات-سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرىنى ئىلھاملاندۇرۇش ۋە مەشھۇر سەنئەتكارلارنىڭ سالاپىتىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى باش شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆز ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇنبىرىنى جانلاندۇرغان، يۈكسەك سەنئەت ئەخلاقىغا ئىگە، ئالاھىدە مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرى ئىچىدىن «100 تۆھپىكار» نى تاللاپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ باش سۈرىتىنى پوچتا ماركىسىغا بېسىپ، ئۇنى پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارا تارقاتتى. تونۇلغان شائىر، يازغۇچى، ئەدەبىي ئوبزورچى، ئەدەبىي تەرجىمان، مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقاتچىسى، تۆھپىكار ژۇرنالىست نەسرۇللا ئابلەت «2010-يىلى — جۇڭگودىكى مەشھۇر سەنئەتكارلار» شەرىپىگە ئېرىشىپ، باش سۈرىتى پوچتا ماركىسىغا بېسىلدى. بۇ ئۇيغۇرلار تارىخىدا تېخى تۇنجى قېتىملىق ئىش.
نەسرۇللا ئابلەت 1946-يىلى 13-فېۋرال ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئازاق يېزا تېتىر كەنتىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1981-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ، ئىلگىرى- كېيىن ئاتۇش شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا مەدەنىيەت خىزمەت يېتەكچىسى ۋە مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن، 2006-يىلى 5-ئايدا ئارامغا چىققان.
نەسرۇللا ئابلەت ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ جاپاكەش تۆھپىكارى. ئۇ 1997-يىلى ئىئانە توپلاپ ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر شائىرى، ئۇلۇغ پېداگوگى، ئوت يۈرەك كومپوزىتورى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ 260 كىۋادرات مېتىرلىق خاتىرە سارىيىنىڭ سېلىنىشىغا زور كۈچ سەرپ قىلغان.
نەسرۇللا ئابلەتنىڭ ئىجادىيىتى كۆپ قىرلىق ۋە كۆپ قاتلاملىق بولۇپ، ھازىرغا قەدەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 950 پارچە شېئىرى، يەتتە پارچە داستانى ئېلان قىلىنغان. «ھاقارەتلەنگەن پەرىشتە»، «مۇھەببەت ۋە رەزىللىك»، «كېپىنەك چۈشى» قاتارلىق پوۋېستلار توپلاملىرى، «يېشىل ياپراق»، «يامغۇر»، «سۆيگۈ شەجەرىسى» قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى نەشر قىلىنغان. «غورۇر توزانلىرى»، «كۈلپەتلىك تەقدىر» قاتارلىق ئىككى پارچە رومانى، «نەسرۇللا ئابلەت ئوبزورلىرى» ناملىق توپلىمى، «ئەلۋىدا، قورال» ناملىق تەرجىمە رومانى نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئۇ يەنە خەنزۇ شائىرلىرىنىڭ 20 نەچچە پارچە شېئىر، داستانلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان. ئەدىبنىڭ توققۇز پارچە شېئىر، داستانلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاشتا 1-، 2-، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
جۇڭگو يازغۇچىلىرى ئەسىر مۇھاكىمە تەشكىلىي ھەيئىتى، «جۇڭگو يازغۇچىلىرى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى، ئەدەبىيات-سەنئەت گېزىتى، جۇڭگو بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتى تەتقىقات مەركىزى ۋە دۇنيادىكى جۇڭگولۇقلار ئەدەبىياتى سەنئەتكارلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان يىللىق ئەسەر باھالاشتا شائىر نەسرۇللا ئابلەتنىڭ «ھايات ناخشىلىرى»، «ئۈزۈك خىياللار»، «يامغۇر ناخشىسى»، «باھار خىياللىرى»، «تىلىكىم»، «بۇغداغا»، «قىرغاققا قاراپ»، «چىدام توغرىلىق ناخشا»، «دادا» (داستان) قاتارلىق ئەسەرلىرى ئىلگىرى-كېيىن 1-، 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. «جۇڭخۇا بۈگۈنكى دەۋر شېئىرىيەت ئىلاھى» دەپ تەرىپلەنگەن. يۇقارقى ئورۇنلار يەنە 2005-يىلى ئۇنىڭغا ئىككى قېتىم «مۇنەۋۋەر يازغۇچى» دېگەن شەرەپلىك نامنى بەرگەن. 2007-يىلى «تارىم» ژۇرنىلى تەھرىراتى ئۇنىڭغا «تۆھپىكار» مۇكاپاتىنى، 2011-يىلى 4-ئايدا «مۇنەۋۋەر ئەدىب مۇكاپاتى» نى بەرگەن.
تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |
تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610 TEL:13899847776