نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 944 قېتىم كۈرۈلدى
رەئىس خۇ جىنتاۋ بولىۋىيە پىرزىدېنتتى مۇرالىس بىلەن كۆرۈشتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -12
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

 

Www.AnAdiyar.Cn 
 
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 12-ئاۋغۇست گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجىن شەھىرىدە زىيارەتكە ۋە 26-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىستۇدېنتلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقىلى كەلگەن بولىۋىيە پىرزىدېنتتى مۇرالىس بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە باشقا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بولىۋىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىز بولىۋىيە بىلەن بىرلىكتە، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشىنى خالايمىز. ئىككى تەرەپنىڭ مۇنداق تۆت جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىرىنچى، سەمىمىي، دوستانە سىياسىي مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. جۇڭگو بولىۋىيە بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكى ئالاقە ۋە ئۇچرىشىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، پارتىيەلىرى ۋە قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگانلىرىنىڭ سۆزلىشىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ۋە قوللىشىنى خالايدۇ. ئىككىنچى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە كارخانىلىرى ئۆزىدىكى يوشۇرۇن كۈچنى داۋاملىق قىزىپ چىقىپ، ھەمكارلىق شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىم. ئىككى تەرەپلىك سودىنى كېڭەيتىپ، ئېنېرگىيە كان مەھسۇلاتلىرى ۋە ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدىكى ھەمكارلىقنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئالغا سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو داۋاملىق بولىۋىيەگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم قىلىدۇ. ئۈچىنچى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئېلىپ بېرىش. مەدەنىيەت، مائارىپ، داۋالاش-سەھىيە، تەنتەربىيە، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش لازىم. تۆتىنچى، كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردىكى ماسلاشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىش. خەلقئارا ۋە رايونلاردىكى تەشكىلات، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق خەلقئارالىق مەسىلىلەردە كېڭىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇش لازىم.

مۇلالىس مۇنداق دېدى: مەن تەكلىپ بىلەن 26-نۆۋەتلىك ئىستۇدېنتلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىمدىن ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلدىم، بۇ نۆۋەتلىك ئىستۇدېنتلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىگە ئىشىنىمەن. ئۇزۇندىن بويان، جۇڭگو بولىۋىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە پائال تۆھپە قوشتى، بولىۋىيە چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ. بولىۋىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە، سىياسىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد-سودا، يېزا ئىگىلىك، پەن-تېخنىكا، ئاساسىي ئەسلىھە، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججىتىگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا بىرلىكتە قاتناشتى.

 

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش