نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 370 قېتىم كۈرۈلدى
خۇ جىنتاۋ خەلقئارا ئىستۇدېنتلار تەنتەربىيە بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -12
  • يوللىغۇچى : بىكەت باشلىقى
  • مەنبەسى :

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ تۈنۈگۈن گۇئاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنجېن شەھىرىدە خەلقئارا ئىستۇدېنتلار تەنتەربىيە بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى جىلىيان بىلەن كۆرۈشتى، خۇ جىنتاۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۇنيا ئىستۇدېنتلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ــ ئولىمپىك تەنھەركىتىنىڭ جۇڭگودا تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستۇدېنتلار تەنھەركىتىنىڭ جۇڭگو ۋە دۇنيادا تەرەققىي قىلىشى، ئومۇملىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت، رايوندىكى ئىستۇدېنتلارنىڭ ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشىغا مۇھىم سەھنە ھازىرلاپ بېرىدۇ. خەلقئارا ئىستۇدېنتلار بىرلەشمىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى بۇ بىرلەشمە ئەزالىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا شېنجېن دۇنيا ئىستۇدېنتلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتتى، بىز 26-نۆۋەتلىك دۇنيا ئىستۇدېنتلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى كۈتمەكتىمىز.

جىلىيان جۇڭگونىڭ ياشلار تەنھەرىكەت ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىگە ئاپىرىن ئېيتتى، خەلقئارا ئىستۇدېنتلار بىرلەشمىسىنىڭ جۇڭگو بىلەن ياخشى ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى، جۇڭگو بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىستۇدېنتلار تەنھەركىتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش