نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز :باش بەت >> مەملىكەت >> يازما كۈرۈش >> 763 قېتىم كۈرۈلدى
«قىزىل ئاياللار قوشۇنى» تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلدى
  • يوللانغان ۋاقىت : 2011-08 -08
  • يوللىغۇچى : تۇرسۇنجان
  • مەنبەسى : www.uycnr.com./

 

Www.AnAdiyar.Cn

 

47 يىللىق تارىخقا ئىگە، 2500 مەيداندىن ئارتۇق ئوينالغان بالىت تىياتىرى «قىزىل ئاياللار قوشۇنى» 5-ئاۋغۇست شىنجاڭ خەلق سارىيىدا يەنە بىر قېتىم ئوينىلىپ، 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ ئاياغلىشىشىغا ئۆزگىچە ھۆسن قوشتى.
مەركىزىي بالىت ئۆمىكىنىڭ باشلىقى فېڭ يىن مۇنداق دېدى: «نەپس بالىت ئۇسسۇلى قەدىمىدىن باشقا، يەنە‹قىزىل ئاياللار قوشۇنى›نىڭ سىمفونىيەسىمۇ گۈزەل مىلودىيە. مۇشۇنىڭ ئۆزىلا مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ. تاماشىبىنلار ئۆزگىچە سەھنە لايىھەسى ۋە ئارتىستلارنىڭ يىنىك ئۇسسۇل ھەرىكىتىدىن ھوزۇرلىنىشتىن سرت، يەنە نادىر كۈيلەرگە جۆر بولالايدۇ، بۇ ئۈچ نۇقتىنىڭ مۇكەممەل بىرلەشكەندىن كېيىنكى ھالىتىنى كۆرۈۋالالايدۇ».
«قىزىل ئاياللار قوشۇنى» دا، 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى خەينەن ئارىلىدىكى زومىگەر پومشىچىكلەر قاپقىنىدىن قېچىپ چىققان چۇڭخۇانىڭ قىزىل ئارمىيەدىكى پارتىيە ۋەكىلى خۇاڭ چاڭچىڭنىڭ ياردىمىدە غەزەب-نەپرىتى ئۇرغۇپ تاشقان يېزىلىق قىزچاقتىن كوممۇنىزم ئېتىقادى مۇستەھكەم ئاياللار ئارمىيەسى جەڭچىسىگە تەدرىجىي ئايلانغانلىقىدەك جەريان سۆزلەنگەن. تىياتىر بالىت سەھنىسىدە جەسۇر جۇڭگو قىزىل ئاياللار قوشۇنىنىڭ ئوبرازىنى نامايەن قىلىپ، بالىتنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بىلەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ، جۇڭگو بالىت تارىخىدىكى ئابىيدىگە ئايلاندى.
«قىزىل ئاياللار قوشۇنى» پۈتۈن مەملىكەتتە ئوينالغاندىن كېيىن، بىلەت كىرىمى ئىزچىل ياخشى بولدى. قايتا كۆرۈش ئىستىكىدىكى تاماشىبىنلاردىن سرت، ياش تاماشىبىنلارمۇ بارا-بارا كۆپەيدى. فېڭ يىن مۇنداق دېدى: «ھازىر تاماشىبىنلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى تىياتىرنىڭ ئەسلىدىلا بار بولغان خۇسۇسىيىتى، مۇزىكا، ئۇسسۇل ۋە ۋەقەلىك قاتارلىق سەنئەت ئامىللىرى تەرىپىدىن جەلپ قىلىندى».
27 ياشلىق ما گويۈ مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى كۈنى خەلق تىياتىرىدا مەركىزىي بالىت ئۆمىكىنىڭ‹قىزىل پانۇس ئېگىز ئېسىلسۇن› ئويۇنىنى كۆرگەنىدىم، يېپىلىش كېچىلىكىدە يەنە مۇشۇ ئۆمەكنىڭ ‹قىزىل ئاياللار قوشۇنى› نى كۆردۈم. ھاياجىنىمنى باسالمايلا قالدىم».
ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى بېلىتىنى ئاشكارا سېتىش ئەسلىدىكى پىلاندا يوق ئىدى. ھەر مىللەت تاماشىبىنلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، خەلق سارىيى، شىنجاڭ ئوپىرا ئۆمىكى تىياتىرخانىسى، خەلق تىياتىرخانىسى قاتارلىق ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ مەخسۇس مەيدانلىرىدا تاماشىبىنلارغا بىلەت سېتىلدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان شەھەر ئاھالىسى بالدۇرلا كېلىپ ئۆچىرەتتە تۇردى. يېرىم كۈندىلا، 2500 دىن ئارتۇق بېلەت سېتىلىپ بولدى.
2-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى 5-ئاۋغۇست شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەنىدى

 

      تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئاستىدىن كۇرۇڭ
      

| بىز ھەققىدە | ئېلان بىرىڭ | مۇلازىمەتلىرىمىز | خېرىدارلىرىمىز | پىكىر بىرىڭ | بىكەت خەرىتىسى |

تور بىكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق كىنو - فىلىم ، ناخشا - مۇزىكا ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

(ICP11003167 )ئېلان - ئالاقە تېلېفۇن : 2561272-0991 QQ:527377610  TEL:13899847776

تاقاش